يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1171|ئىنكاس: 20

نىكاھنى قوغداش جېڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 08:03:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە تور، كىتاب ئوقۇش ۋە بىر نەرسە يېزىش بىلەن بولۇپ، تېلۋىزۇرنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيتتىم، تېلۋىزۇردىكى ئېلانلار، ۋاقىتنى ئالىدىغان كىنۇلاردىن بىزار بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، تۇيۇقسىز بېيجىڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىىدا بىرىلگەن<< نىكاھنى قوغداش جېڭى >> نى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ تىلىۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈپلا ئىچىگە كىرىپ كەتتىم، ھەر كۈنى سائەت بەش يېرىمدا تاماق ئەتمەي ئەپەندىنى قاخشىتىپ دىگەندەك بۇ كىنۇ كۆرىۋاتىمەن. فىلىمدا بىر بىنادىكى ئۈچ ئەر ئايالنىڭ نىكاھ ، ئائىلە خىزمەتتە ئۇچىرىغان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنى يېڭىش جەريانى تەسۋىرلىنىپتۇ. مەن بۇ كىنۇنى كۆرىۋىتىپ، ھازىرقى زاماندىكى ئائىلەرنىڭ يۆلۈنۈشى ۋە نىكاھ دۈچ كەلگەن خىرىسلارنى ئۆز ئەينى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كىنۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن.
كۆرۈپ بولۇپ يەنە پىكىرلىشەيلى....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تېلۋېزور كۆرگىدەك ۋاقتىم يوق، ئەمما ئاڭلىغانلىرىمنى بايان قىلسام بولامدۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:11:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىكاھلىنىپ باقمىغان. ئەمما ئاڭلىغانلىرىم ۋە خىزمەت جەريانىدا يولۇققانلىرىمدىن ئازراق دەپ باقاي. خاتا يەرلىرى بولسا  تۈزۈتۈپ قويارسىلەر.
نىكاھنى قوغداش جېڭى دىگەن بۇ سۆزدىنلا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبى نىمە دىگەن سۇئال چىقىپ تۇرىدۇ. نىكاھنى قوغداش ئۈچۈن دەل نىكاھنى بۇزىدىغان شۇ سەۋەبلەرنى ئويلاپ تېپىپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر.
مەن نىكاھلانغان ۋە نىكاھى كۆڭۈللۈك بولمىغانلاردىن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باققىنىمدە مۇنداق بىر قانچە سەۋەبنى دەپ ئۆتتى
1. ئەڭ مۇھىم ئاساسى سەۋەب ھېسيات مەسلىسى:
ئەر ئاياللارنىڭ نىكاھى ئالدى بىلەن ھېسيات ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. ھېسياتى ئاساسى پۇختا بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالماسلىقى ياكى بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ ئاجىزلىقى بىر تەرەپ بولسا، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىككى تەرەپنىڭ يات جىنىسقا بولغان قۇبۇل قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ماسلىشالماسلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇخىل مەسلىنى سەزگەن ھامان مېنىڭچە ئىككى تەرەپ دوستانىلىق بىلەن ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. نىكاھ ھېسياتنىڭ قەبرىسى ئەمەس بەلكى قايناق ھېسياتنىڭ مۇرادقا يېتىشى ۋە كېيىنكى بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇلى بولىشى كېرەك.
2.  ساداقەت مەسلىسى.
نۇرغۇن ئاياللار ياكى ئەرلەر ئۆز جۈپتىلىرىنىڭ سىرتقا قاراپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلىشىدۇ ياكى شۇنى سەزگەن بولىدۇ. سىرتقا قاراپ قېلىش دىگەندە ئۆيدىكى جۈپتىگە بېرىشكە تىگىشلىك قەلب ، ھېسيات ۋە ئىنتىلىشنى سىرتغا بېرىش ياكى ئۆيدىن قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مېھىر مۇھەببەتنى سىرتتىن ئىزلەش دىگەنلىك بولامدۇ قانداق؟
ئۇنداقتا نىمىشقا سىرتتىن ئىزلەش ھادىسىسى يۈز بەردى؟ ئوخشاش جىنىس، ئوخشاش تەن ئوخشىمىغان ھېسيات. بۇنىڭغا پەيدا بولىشىدىكى سەۋەب نىمە؟  مەن ئاددى ۋە تەجرىبىسىز بۇ كاللامدا بۇ توغرىلىق مۇنداق ئويلاپ باقتىم. بۇ ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى مەۋجۇدلىقىنى يوقاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىش دىگەن بۇ سۆز سەل ئېغىر كەتكەندەك ئاڭلىنىدۇ. ئەمما مېنىڭچە تۇرمۇشتىكى بىر ئايالنىڭ ھەقىقى بىر مېھرىلىك، ناز خۇلۇقلۇق، ھېسياتچان ئايالدىن بىراقلا پەرزەنت كۆرەلەيدىغان " ماشىنا" غا ئايلىنىپ قېلىشى ياكى ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى بىر .ئاتىلىق ۋە خۇجىلىق ئورنىدىن تۇيۇقسىزلا پۇل تاپالايدىغان "ماشىنا"غا ئايلىنىپ قېلىشىنى مىسال كەلتۇرسەك خاتالاشمايمىز.  دىمەك بۇ مەسىلىنىمۇ ئويلىنىپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر.
3. ئىقتىساد مەسلىسى
پۇل بىر ئائىلە ئۈچۈن قانچىلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ يەردە " پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس"، "پۇل دىگەن قولنىڭ كىرى" دىگەن قۇرۇق شۇئارلارنى توۋلىمايلى. پۇل بولمىسا ئاددىسى بىزنىڭ مۇشۇ تورغا كىرىپ پىكىرلىشىشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە، چۆنتىكىمىزدىكى پۇل بىزنىڭ چۈشتە قانداق تاماق يىيىشىمىزنى ۋە كەچتە قانداق تۇرالغۇدا تۇرىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
دىمەك ئىقتىساد مەسلىسىگە كەلگەندە ئائىلىدە ئەر ئاياللارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىرلىكسىزلىك قاتارلىقلار ئەر ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىلىنەر بىلىنمەس يېرىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ ماڭىدۇ. كاللىمىزنى توختىتىپ ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى. ئايالىمىز ياكى ئەرلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشىگە سىز 100 پىرسەنت رازى بوپ كىلىۋاتامسىز؟ ئەلۋەتتە بۇ ئېغىزغا ئالغۇچىلىك ئىش ئەمەس. ئەمما كۆڭلىدە قالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.  شۇڭا بۇ مەسىلىگە كەلگەندىمۇ مېنىڭچە ئەر ئاياللار يەنىلا پىكىردە بىرلىككە كېلىشى كېرەك.
4. ئەمدىكى بۇ مەسىلە ۋەزىيەت ۋە كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنىڭ ئۆسىشى بىلەن سەل ياخشىلانغاندەك قىلسىمۇ ئەمما يەنىلا نىكاھتىكى يەنە بىر قاراڭغۇ تېنىچسىزلىقنى ئويغىتىپ تۇرماقتا .ئۇ بولسىمۇ قېينائانا ۋە كېلىن مەسلىسى. يېزا سەھرالىرىمىزدە بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرى بىلەن كېلىن ۋە قېينائانا شەھەرلىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئىجىللىشىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىدۇ. قەنئانا ۋە كېلىننىڭ مۇناسىۋەت مەسلىسىگە كەلگەندەك كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئالدىمىزغا بولغاچقا مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ مەسىلىلىرى ئۆزگىچە ھەم بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئۆز ئالدىمىزغا.
مەن پەقەت مۇشۇنچىلىك ئويلاپ باقتىم. قالغىنىنى نىكاھلانغان تەجرىبىلىك تورداشلاردىن ۋە باشقا بۇ جەھەتتە خەۋىرى بار بولغان تورداشلاردىن ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايىنىڭ ئەتتىراپلىق تەھلىللىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، قېنى قالغان دوستلارنىڭمۇ قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن شۇنداقلا ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھېلىغىچە يەنە يازىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئۇ كىنۇنى كۆرۈپ تۈگەتتىم .ئەڭ ئاخىرىدا تۆت جۈپ نىكاھتىكى بىر قېتىملىق ئىغىشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ، قايتىدىن جەم بولدى. جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن كىنۇلارنى كۆرۈپ بۇنداق راھەتلەنمىگەن جۇمۇ......

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنۇنىڭ مەزمۇنىدىن ئاز- تولا خەۋەردار قىلۋەتسىڭىز بوپتىكەن ئايدار، شۇنىڭغا قارىتا بىزمۇ ئۆزىمىزدە بۇنداق مەسلىلەر بارمۇ يوق دىگەندەك بىر مۇنازىرە قىلىپ باقساق.
سايەنىڭ ئوبدان تەھلىلىنى كۆرۈپ كاللامغا نۇرغۇن ئىشلار كەلدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 08:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايە ئېيتىپ ئۆتكەندەك 2-مەسىلىدىكى ساداقەت مەسىلىسى نىكاھلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇچرايدۇ.
ئايالنىڭ ئائىلىدە ئاياللىق ئورنىدىن چۈشۈپ، ئائىلىنىڭ خىزمەتكارى ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشى ئەرنى بۇ ئائىلىدىن بىزار قىلىدىغان كەيپىيات تېزلا شەكىللەندۈرىدۇ.
ئەر ئەرلىك ھۆرمىتى ۋە ئەرلىك مەسئۇلىيەت ئورنىدىن چۈشۈپ كەتسە، ئايال بۇ ئائىلىدىن ئۈمۈدسىزلىنىدىغان ئەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولۇپ، بۇنداق نىكاھ ئاخىرىغا بېرىپ ۋەيران بولىدۇ.

سايەنىڭ ئەتراپلىق ئىنكاسلىرىدىن بەكلا سۈيۈندىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنمۇ شۇ ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئاڭلىۋالغان، قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن كۆرىۋالغان دىگەندەك ئىشلارنى ئويلاپ دىگەنىدىم. نىكاھ تۇرمۇش تەجرىبەم يوق. شۇڭا تاققا تۇققا سۆزلەپ قويىمەن.
بىلىمەن، نىكاھ ئىشىدا نۇرغۇن ئىشلارنى دىمەككە ئاسان ئەمما قىلماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. نىكاھ، ئىككى ئادەمنىڭ ئەمەس، ئىككى ئائىلە، ئىككى جامائەتنىڭ مەسلىسى ئىكەن ئەمەسمۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا........ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن ئاڭلىۋالغان بىلىملەر كېيىنچە سىزگە لازىم بوپ قالار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://tv.sohu.com/20100818/n274282799.shtml

مۇشۇ يەردىن كۆرۈپ بىقىڭلار جامائەت. ماڭىغۇ قاتتىق تەسىر قىلدى.

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:58 , Processed in 0.051978 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش