يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 9

سادىر پالۋان . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:44:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر پالۋان 1798 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ موللا توختىيۈزى يېزىسىدا نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . سادىرنىڭ ئۆسمۈرلىك چاغلىرى دەل چىڭ خاندانلىقى زۇلمىنىڭ چېكىدىن ئاشقان مەزگىللىرىدە ئۆتتى . دەھشەتلىك ئېزىلىش ۋە ئېغىر ئالۋاڭ - سېلىق دەستىدىن سەۋر قاچىسى تاشقان ئىلى دېھقانلىرى 1861 - يىلى چىڭ خاندانلىقىنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى . سادىر ئۇلارنى 1864 - يىلىدىكى بايانداي قەلئەسى بىلەن كۈرە قورغىنىنى ئېلىش جەڭلىرىگە ئۇيۇشتۇردى ، ئۆزى سېپىللارنى پارتلىتىپ ، جەڭنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى . شۇڭا ، خەلق سادىرنى « پالۋان » دەپ ئاتىدى .

سادىر پالۋان ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەردە كۆپ قېتىم دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ، دۈشمەنگە ھەرگىز باش ئەگمىدى ، پەم - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ، زىندان - يامۇللارنى تېشىپ چىقتى ، سۈرگۈنلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇپ ، جەڭلەرنى داۋاملاشتۇردى .
سادىر پالۋان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باتۇر سەركەردىسى بولۇپلا قالماي ، يەنە داڭلىق خەلق قوشاقچىسى ، ناخشىچىسى ۋە ئەلنەغمىچىسى ئىدى . خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن قوشاقلىرى ۋە تەسىرلىك ناخشىلىرى تارقالغان بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنى ئەڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار سۈپىتىدە ساقلاپ ۋە قەدىرلەپ كەلمەكتە . ئۆز ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا سەرپ قىلغان بۇ مەشھۇر خەلق پالۋىنى تارىختا شەرەپلىك ئىز ۋە جاراڭلىق ناخشا - قوشاقلارنى قالدۇرۇپ ، 1871 - يىلى ماي ئايلىرىدا ئۆز يېزىسىدا ۋاپات بولدى.


مەنبە: ماتىريال .


Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سادىر پالۋان

[تۇرسۇنئاي ﻫۈسەيىن]


بوي تۇرقى ئىككى مېتىر سەككىز سانتى(1)
گەۋدىسى ئەسلىتىدۇ قۇرام تاشنى.
قەددى تاغ،كۆزلىرىدە يانغان نۇرلار،
مەڭدىتەر،خىيال قىلار زەر قۇياشنى.


يۈرىكى تۈندە يانغان يۇرۇق مەشئەل،
قەﻫرىدۇر كۆكنى يارغان خۇددى چاقماق.
يانغىندۇر زۇلۇم بىلەن جاﻫالەتكە،
بولغان ئۇ تەڭسىزلىكنى ئۆرتەپ ياقماق.


سادىرنىڭ مىنگەن ئېتى ئىدى قاشقا»(2)
كىيگەندۇر مالخىيىنى قىرلاپ باشقا.
سادىرنىڭ ئاتقان ئۇقى بىكار كەتمەس،
«چىرىكنىڭ ئاتقان ئۇقى تىگەر تاشقا»(3)


ئاجايىپ ئىنسان ئىدى سادىر پالۋان،
ئۆمىرىدە زالىملارغا پۈكمىگەن بەل.
تەڭسىزلىك زۇلۇم تېغى ئۆتكەچ جاندىن،
ئەرك دەپ ﻫاياتىنى بەرگەن بەدەل.



(1) سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسنى يۆتكىگەندە سۈڭەكلىرنى ئۆلچىسە، بۇيى ئىككى مىتىر سەككىز سانتىمېتىر چىققان. [ئاپتۇردىن]
(2)(3) سادىر پالۋان قۇشاقلىردىن


Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر مەنمۇ، سادىرمەن،
سادىر بولماي كىمدۇرمەن.
تاغ يولىنى سورىساڭ،
ھەممە جاينى بىلۇرمەن.

باشلانغۇچتا توختىماي يادلايتۇق

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:53:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەتتەت قىلسۇن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈم شۇ پالۋاننىڭ يۇرتىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى بىرەر قېتىم زىيارەت قىلىپ باقمىغىنىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن دېسە

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:15 دە يوللىغان
سادىر مەنمۇ، سادىرمەن،
سادىر بولماي كىمدۇرمەن.
تاغ يولىنى سورىساڭ،
ھەممە جاينى بىلۇرمەن.

باشلانغۇچتا توختى ...


سادىردەپ ئىتىم يامان ،
ئونبەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا،
قۇمۇلخانغا پالانغان.

يامۇلدا تولا يىتىپ،
چىچىم بىر قۇچاق بولدى.
يامۇلنى تىشەرچاغدا،
قوۋۇرغام پىچاق بولدى.


يامۇلنىڭ ياغاچلارى،
ئىگىز قارىغاي چەنزە.
يامۇلنى تىشىپ چىققان،
سادىر ئۆزى خوخەنزە.

[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:13  دە تەھرىرلىگەن. ]

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى مېتىر سەككىز سانتا ئاڭلىمىغان  گەپقۇ بۇ؟  نەچچەرەت باردىم بۇ ھەقتە  ئاڭلاپ باقماپتىمەن  دېسە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jewlaniy بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:26 دە يوللىغان
ئىككى مېتىر سەككىز سانتا ئاڭلىمىغان  گەپقۇ بۇ؟  نەچچەرەت باردىم بۇ ھەقتە  ئاڭلاپ باقماپتىمەن  دېسە.



(1) سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسنى يۆتكىگەندە سۈڭەكلىرنى ئۆلچىسە، بۇيى ئىككى مىتىر سەككىز سانتىمېتىر چىققان. [ئاپتۇردىن]


ئەسكەرتىشتەسۆڭەكنى ئۆلچىگەن دەپتىغۇ جەۋلانىي، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇزراپ كېتىدۇ،  بىر ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇستىخاننى ئۆلچىگەندە مېنىڭچە ئەمەليەتتىكىدىن سەل ئارتۇق چىقىشى مۇقەرەر، بۇنى مەن ئاناتومىيەدە ئۆگەنگەن بىلىمىمگە ئاساسەن دىدىم جۇما

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:57:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر پالۋان شۇنچە ئېگىزمىكەن؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالۋاننىڭ قوشىغىنى سېغىنىپ قالغانسىلەر

يۈز بېگىگە" ئات" دىسەم،
ھەيدەپ كەپتۇ يۈز ئاتنى.
ئاتلىنىپ چىقىپ ھەريان ،
توسىۋالدۇق ئۈچ ياننى.

چىرىكلەر ئاتقان ئوقلار ،
ھالقىپ كەتتى ئۇ تاققا.
بىز دۈشمەنگە سىلجىدۇق،
دۈشمەن كەلمەي بۇياققا.

بۆرى قورقار مىلتىقتىن،
چېرىك:بىز ئات سېلىشتىن.
بىز قوغلىدۇق،چېرىكلەر---
   قۇتۇلالمىدى قىلىچتىن.

دەككە-دۈككىدە دۈشمەن،
ئېقىن سۇ بىلەن قاچتى.
ئازاپ چەككەن ئايماقلار،
قاچقانغا قاراپ تاشتى.

مېنىڭ بەش ھەمرىيىم بار ،
تۆتى تۇڭگان بىرى قالماق.
ھەمرالارنىڭ غەيرىتى  ،
شەھەرنى چاپسان ئالماق.

قالماقلارمۇ ئات سالدى،
تۇڭگانلارمۇ ئات سالدى.
قارا تاشقا كەلگەندە ،
چېرىكلەر ۋاي دات سالدى.

كۈلدە كۆمەچ پىشۇرگەن ،
ناسىركامغا ئوق تەگدى.
قىساس ئوتى يامانكەن،
دۈشمەننى سادىر يەڭدى.

قارا تاشنىڭ ئالدىدا،
ئۆلۈكنى سېپىل قىلدۇق.
ئۆلتۈرمەسكە پۇخرانى،
جاڭجۈننى كېپىل قىلدۇق.

جاڭجۈن قويدى قولىنى ،
توسىمۇدۇق يولىنى.
ئالماي ئۆزىگە بەردۇق ،
بىزگە سۇنغان پۇلىنى.

ماڭغان يولۇم قازانچى،
غانجۇغامدا ئارغامچى.
ۋەدىسىدە تۇرمىدى
جاڭجۈن دىگەن يالغانچى.

جاڭجۈننى قويۇپ بەرسەم ،
باشلاپ كەپتۇ مىڭ لەشكەر.
لېۋىمنى راسا چىشلەپ،
بىلىدىم قىلىچ-خەنجەر.

سادىردا بار بەردەڭگە(1)،
تويدى چېرىك مەرگەنگە.
پۇشايمان يىدى جاڭجۈن،
جەڭ قىلىشقا كەلگەنگە.


دۈشمەن قاچتى شەھەرگە ،
ئاتقان پو(2)لىرى قالدى.
ناشتا قىلماي سەھەردە،
ئۈچ پونى سادىر ئالدى.

قاپتۇ پونىڭ پىلتىسى،
ئاتالمىدى خېلىسى.
سادىرنىڭ قولى ئەپلىك،
بىلىندى پونىڭ ھىلىسى.

مانجۇ چىللاپ ئورۇسنى،
ئاتتى-چاپتى چەنتۇنى.
ئەل يۇرت راۋا كۆرەمدۇ،
ئورۇس ئاتلىق مەتۇنى.


تاغدا بۆرى ھۇۋلايدۇ،
ئەلنى ئورۇس بۇلايدۇ.
ئەل گۆلەيسە ،قولىنى---
چىخ كۇلادا تولايدۇ.

ئۇ كۆككۆز يامان كۆككۆز ،
مۈشۈكتەك ماراپ يەيدۇ.
ئالايساڭ ئورۇسلارغا،
يۇرتۇڭلار خاراپ، دەيدۇ.


مانجۇ بەگلىرى نادان،
ئورۇس بەگلىرى ھايۋان.
ئىلىنى مىلەپ قانغا،
بارغان يېرى مۇز داۋان.


سېرىق ساقال چوڭ ئورۇس ،
مۇز داۋانغا پو ئاتتى.
ئاتقان پولىرى دۈگلەپ،
ھاڭنىڭ تېگىدە ياتتى.


مۇز داۋان دىگەن داۋان ،
داۋان ئەمەس ھاڭ ئىكەن.
ئورۇسنىڭ چېرىكلىرى،
بىر- بىرىدىن زاڭ ئىكەن.

قەشقەر دىگەن شەھەردە،
تۈمەن دىگەن يەر باركەن.
مانجۇلارغا باش ئەگمەس ،
مۆمىن دىگەن ئەر باركەن.


مۆمىن بىلەن سادىرنى،
چىللىساڭچۇ بىر يۇرتقا.
تەڭ كەلمەمدۇ ئىككى مۇش ،
مانجۇ بىلەن ئورۇسقا .


قەشقەر دېخىنى دەيدۇ،
ئاقسۇ دېخىنى دەيدۇ؛
قالدى تەڭلا خورلۇقتا،
كىممۇ غېمىنى يەيدۇ.


ئاقسۇ نىمە بولغاندۇ؟
قەشقەر نىمە بولغاندۇ؟
نازىم دەيدۇ قەشقەرنى،
لىڭشىپ قانغا تولغاندۇ.

(8) دالوي ھۆكۈم قىلدى،
مېنىڭ ئىشىم بوش ئەمدى.
ئەخمەت غەزنىچى،تۆت بەگ،
ئۇزاتماڭلار خوش ئەمدى.

ئگىز ھاۋانىڭ قۇشى،
يالغۇز تاشنى خالايدۇ.
يىگلىماڭلار قېرىنداشلار،
ئۆلتۈرمەيدۇ،پالايدۇ.

كۈرەگىمۇ قامالدىم،
قۇمۇلغىمۇ پالاندىم.
نىيىتىم خالىس مېنىڭ ،
ھەر جايدا ئامان قالدىم

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:34 , Processed in 0.061833 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش