يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 875|ئىنكاس: 8

ئۆزىڭىزگە ئىشىنەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزگە ئىشنەمسىز....؟

<<ئۆزىگە ئىشىنىش>> بولسا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، ۋە تۇنجى ئىلھاملاندۇرغۇچ كۈچنىڭ بىرى...
ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كەملىكى ۋە ئەندىشنىڭ باشلىنىشى بولسا
  مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ تۈپ يېلتىزى....


    بىر قېتىم ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر دىرېكتور ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس ناپولېئون خېئولدىن ياردەم سوراپتۇ. ناپولېئون خېئول ئۇنى قېلىن دېرىزە پەردىسىنىڭ كەينىدە تۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ ۋە «ئەمدى بۇ دۇنيادا سىز يېڭىۋاشتىن ئىشەنچ تۇرغۇزالايدىغان، شۇنداقلا قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان ئادەمنى كۆرىسىز»دەپتۇ. ئەمەلىيەتتە، پەردىنىڭ ئالدىغا بىر ئەينەك قويۇپ قويۇلغان ئىكەن. ناپولېئون خېئول پەردىنى ئاچقاندا، دىرېكتور ئەينەكتىن ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپتۇ.
    ئۇ ساقال بېسىپ كەتكەن يۈزىنى سىلاپ، ئەينەكتىكى ئەكسىگە باشتىن – ئاياغ سەپسالغاندىن كېيىن، ئويغا پېتىپتۇ – دە، بىردەمدىن كېيىن، ناپولېئون خېئولغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىپ كېتىپتۇ.


    نەچچە ئايدىن كېيىن ھېلىقى دىرېكتور ناپولېئون خېئولنىڭ ئالدىغا يەنە كەپتۇ. بىراق، ئۇ بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىكى كىشىگە زادىلا ئوخشىماي قاپتۇ، ئۇ تولىمۇ روھلۇق قىياپەتتە ناپولېئون خېئولغا: «شۇ كۈنى ئىشخانىڭىزغا كىرگەندە، ئۆزۈمنىمۇ بىلمەيدىغان بەندە ئىدىم، ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچنى تېپىۋالدىم. ھازىر ئوبدانلا ياشاۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيىتىم يەنە ئاستا – ئاستا قايتىپ كېلىدۇ...»
    بۇ ھېكايىدىن بىزگە شۇ ئايانكى، ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئۆزى ئىشەنمىسە، باشقىلارنىڭ ئىشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تېخىمۇ قىيىن. ئادەم ئەينەك ئارقىلىق ئۆز روھىي دۇنياسىنى كۆرەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم سەمىمىي «ئادەم ئەينەك»لىرىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى نۇقسانلارنى سېزەلەيمىز. بۇ نۇقسانلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قولىمىزدا. بۇ دەل بىزدىكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدۇر.
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ، مايمۇن بىلەن چىراي تالىشىپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. ئىرادىسى سۇسلىشىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىشتۇر.
    ھاياتلىق بەزىدە قاراڭغۇ بولىدۇ. لېكىن ھەر قانداق ئىشقا ئۈمىد بىلەن قاراش خۇشاللىق ۋە بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق. ئەينەك ۋە «ئەينەكلەر»ئارقىلىق دائىم ئۆزىڭىزنى كۆزىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالىسىڭىز، قىممەت تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز خۇشاللىققا ئېرىشىسىز. بىرەر ئىشنى باشقا چىقىرىشتا ئىشنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن باشلاش كېرەك. ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تولۇقلاشتا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەلەپچانلىقنى قىممەت تولۇقلاش كارتىسى قىلىش لازىم.
    ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىش خاسلىققا ئىگە. ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلمىسىڭىز، ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ سىزگە ئىشەنمەسلىكىدىن، سىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكىدىن ئاغرىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدىكى ئەڭگۈشتەردۇر.



مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم قەتئىلا نۆل

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانداق مۇۋەپپىقيەتنىڭ يىرىمى ئىشەنىچ دىگەن گەپ بار ، مەن ئۆزۇمگە بەكلا ئىشىنمەن ،

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىگە ئىشىنىش مۇاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:30:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم باشقىلارغىمۇ ئىشىنەلەيدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .
ئۆزىگە ئىشىنەلەيدىغان ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزەمگە بەك ئىشىنىمەن! مېنىڭچە ئۆزىگە ئىشىنىش ياخشى ئادەت.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىگە ئىشەنمىگەندە ئادەمنى ئۈمۈتسىزلىك قاپلايدۇ ، ئۈمۈتسىزلىك ئادەمنى ھالاكەت يولىغا تاشلايدۇ .

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوزىڭىز گە ئىشىنىڭ  ، ھەرقانداق جايدا ئوزىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن كۇچىنى ئىشقا سىلىشقا تىرشىڭ  ،  شۇنىسى ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىزدە ھەرقانداق بىر ئادەمدە بولمىغان بىرخىل يۇشۇرۇن كۇچ بار  پەقەت ئوزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا ........

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشەنچ قىلىپ كەتكەن ئادەم ئاجىز ، تەۋرىنىشچان ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ .
                                                                                 _____  سپېنسېر

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 08:48 , Processed in 0.053974 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش