يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 768 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 794|ئىنكاس: 3

ئەي قىز ساڭا قاراپ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي قىز ساڭا قاراپ . . . . . .
ئەي قىز ساڭا قاراپ سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە مەپتۇن بولدۇم.ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا ئاتاقىلغىنى نەقەدەر گۈزەل چىراي ھە!قاپقارا قۇندۇزدەك پارقىراپ تۇرغان سۇمبۇل چاچلىرىڭ،ھىلال ئايدەك ئەگمە قاشلىرىڭ،بۇلاقتەك ئۇرغۇپ تۇرغان نۇرلۇق كۆزلىرىڭ،ئوتلۇج كۆزلىرىڭنى بىر بىرىگە ئۇچراشتۇرۇشتىن توسقان ئىنىچكە قاشلىرىڭ ،
گىلاستەك لەۋلىرىڭ،ئالمىدەك قىزىرىپ تۇرغان مەڭزىڭ،مەجنۇنتاللارغا ئوخشاش قەددىنى ئگىپ تۇرغان زىلۋا بەدىنىڭ.....ئاھ سېنى تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق  قىلدى.سېنىڭ ئاشۇ گۈزەللىكىڭگەمېنىڭ مۇشۇ جانسىز قەلىمىم جۈملىدىن پۈتكۈل جاھان قايىل بولدى.گەرچە ئۇلۇغ رەببىمىز زەبەردەس يىگىتلىرىگەخاس كۈچ قۇۋۋەت،جاسارەت بەرگەن بولسىمۇ ئەمما گۈزوللىك جەھەتتە سا ڭا تەگگەن نېسسۋە ھەقىقەتەن جىق.گۈزەللىك ساڭا مەنسۈپ،گۈزەللىك سەندىن ئايلانسۇن!!!
ئەي قىز ساڭا قاراپ ھەۋۋانى ،زۇلەيخالارنى ئەسلىدىم.گەرچە ئۇلۇغ خۇدا ھەۋۋا ئانىمىزغا ئاتا قىلغان گۈزەل جامالنى ئوز كۆزۇم بىلەن كۆرمىگەن بىلەن رىۋايەت چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن  ساھىپجاماللارنىڭ تەسۋىرى كۆز ئالدىمدا ھەۋۋا ئوبرازى بۇلۇپ كۇرۇنەتتى.ئەرلەرنىڭ گۈزەلى بولغان يۇسۇف ئەلايھىسالامنى ئۆزىگە مۇپتىلا قىلغان زۇلەيخا قانچىلىك گۈزەلدۇ؟ھايا ئپپەتلىرى بىلەن پۈتكۈل ئسلامىيەت دۇنياسىغا تۇنۇلغان ئائىشە ئانىمىز قانچىلىك گۈزەلدۇ؟؟؟؟
ئەي قىز ساڭا قاراپ مەختۇمىسلا،نۇزۇگۇملارنى ئەسلىدىم.كەڭرى كەتكەن تەڭرىتاغ يايلاقلىرىدا تايغىتىپ يۈرگەن كىيىكلەرگە ئوخشاش يۈگرەپ يۈرگەن مەختۇمىسلانىڭ ئۆز گۈزەللىكىگە قۇل بولماي دۈشمەنلەرگە قارشى تىغ كۇتۇرۇپ چىققان باتۇرانە خىسلىتىنى ئەسلىدىم.ئەزىزانە قەشقەرنىڭ گۈلى بولغان  نۇزۇگۇمنىڭ ئەل ۋەتەن يولىداقانخور زالىملارغا قارشى  مەرۋايىتتەك دومىلاپ چۈشكەن باشلىرىنى ئەسلىدىم.بۇئەسلىمە ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە مەدھىيە ،باتۇرلىقىغا ئاپىرىن بولسۇن.
ئەي قىز ساڭا قاراپ سەن ئۈچۈن ئويلاندىم.سەن ئۈچۈن ئويلاندىم.سەن ئويلاپ يېتەلمىگەن نازۇك مەسلىلەرنى ئەسلىدىم.گۈزەللىك دىگەن نېمە؟؟گۈزەللىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نىمەتلەرنىڭ بىرى.قىزلارنىڭ گۈزەللىكى پەقەت ئۇلارنىڭ ھۆسىن جامالىنىلا كۆرسەتمەيدۇ.ئۇ قىزلارنىڭ گۇل چىرايى .ئپپەت نۇمۇسى ،ۋىجدان غۇرۇرى باتۇرلىقىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ يىغىندا.ئەمما ھازىرقى زاماندىكى گۈزەللىكچۇ! قېنى ئۆزۈڭ ئويلاپ باققىن!قانداق قىزلارنى گۈزەل دەيمىز؟؟؟
ئەي قىز ساڭا قاراپ سەن ئۈچۈن ئېچىندىم.ئۇچاڭدىكى كىيملىرىىڭگە قاراپ ساڭا نەپرەتلەندىم.قارا  كىيۋالغان كىيىملىرىڭدىن ئۆزۈڭ نۇمۇس قىلمامسەن؟كىيۋالغان پادىچىلار ئشتىنىڭدىن يوتىلىرىڭ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ،ئۈستۇنكى بەدىنىڭدىمۇ كىيىم بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا.چاچلىرىڭ تاغاق سالماي يۈرگەن قىزغا ئوخشاش چېچىلاڭغۇبۇزۇق.پاچاقلىرىڭ ئۆزپېتى كۆرۇنۈپ تۇرۇپتۇ.ئەجىبا مۇسۇلمان قىز ئاياللىرىنىڭ كيمىنىڭ ئۇزۇن قېلىن كەڭرى بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟مۇشۇنداق كىينىپ ئۆزەڭنى گۇناھكار قىلغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان ياش ئوغۇللارن ئۆزەڭگە قارىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى گۇناھكار قىلىۋاتىسەن!ئويلاپ  باق مۇشۇنداق ياشاپ ساڭا نېمە كۈن!!!ئويلاپ باق ئەقىللىق ئنسان سېنىڭ ئانىلىرىڭ مومىلىرىڭ قانداق كينەتتى!!!50يىل ئلگىركى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرې قانداق كينەتتى؟؟؟ئەدەپ ئەخلاقلىرى ،ھايالىرى قانداق ئىدى؟ئاڭلىغانمۇ سەن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئىپپەت نۇمۇسى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغان قىزلارنىڭ ئۆلىۋالغىننى ،ئۇلارغا ھايا ئەدەپ ئەخلاق بىر ھاياتلىق ئىدى.ئەمما ھازىرچۇ!ئەلكىم ھازىرقى قىزلارئۇچۇن توي قىلمايلا ئىپپەت نۇمۇسىنى يوقىتىش مودا بولىۋاتغان ئوخشايدۇ.ئەي جاھان ،ئەي جاھان!!!ئەي قىز قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلىرىڭنى ياغلىق ئىچىگە يۇشۇرماي يۈرگىنىڭ ئازدەك كەستۇرۋەتكىنىڭ نېمىسى؟سەن قەيەردو تاجىسنى پەيلىرىنى كېسىۋەتكەن ،قۇيرۇقلىرىنى كېسىپ قىسقارتىۋەتكەن«چىرايلىق توخۇ» كۆرگەن!!!ھەي  دەي دېسەم گەپ تولا....

كۈندۈلۈك خاتىرەمدىن ،2008-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى     نەنجىڭ   شەھىرى
مەنبە  مەرىپەت تورى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:42:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزلارنى بىردەم تىللاپ قاخشايمۇ؟تازا تىللايمۇ؟ يەنىلا ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاي. خانىم-قىزلارنىڭ كۆڭلىگە ياخشىلىق، ئىنساب، دىيانەت، ئەدەب-ئەخلاق تىلەي!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 12:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان-تاشقىننىڭ يازمىلىرىدىكى خاسلىق مېنى دائىم ئويلاندۇرىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.......ئامىن ...............

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:58 , Processed in 0.048573 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش