يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 768 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 3

ھالاللىق ھەققىدە ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە ئەزگۈلۈكلەرنىڭ، خەيرلىك ئىشلارنىڭ بېشى ھالاللىقتۇر. ھالاللىقنىڭ ئۆزى كەبى دوستلىرى كۆپ: ياخشىلىق، بەرىكەت، خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق ...
ئىبرەت كۆزى بىلەن باقسىڭىز، ھالال ئىنساننىڭ دىلى دۇرۇس ، يولى توغرا، دەرىجىسى ئۇلۇغ.  دۇنيادا ھالال بولساڭ، ياشىيالمايسەن  . بولسا ئۆز نەپسىگە كۈچى يەتمىگەن، بوينى مېھنەتكە يول بەرمەيدىغان مەمەدانلارنىڭ چالا خۇلاسىسى ئىكەنلىكىنى ھاياتنىڭ ئۆزى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھالال رىزىق گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمايدۇ، زەردىنى قايناتمايدۇ، ئۇيقۇنى قاچۇرمايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ھالالى بولسۇن، دەپ بىكارغا ئېيتمايدۇ – دە.
تەن ئېلىش كېرەككى، كۆپچىلىكتە ھالال بولۇش بەكمۇ قىيىن، دەيدىغان چۈشەنچە بار. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكى، ھەمىشە ياشاشنىڭ ئاسان يوللىرىنى ئىستەيمىز، ھاياتتا يايراپ ياشىىغۇمىز كېلىدۇ.  ئەنە باشقىلارمۇ شۇنداق ياشاۋاتىدىغۇ ؟  دەپ، ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. نېمە ۋەجىدىن ھالاللىقتىن شۇ قەدەر قورقىمىز ؟ ئەجىبا ھالال ياشاش شۇنچە قىيىنمۇ؟
ھالال ! كۆرۈشىدە رەقىبىنىڭ ئىككى يەلكىسىنى ھېچ قانداق ھىيلە ئىشلەتمەستىن يەرگە تەگكۈزگەن پالۋانلار ئۈچۈن، ئەسلىدە ئەڭ ئالىي مۇكاپات ھالال دىن ئىبارەت بىرگىنە سۆزدۇر. ئۇشبۇ سۆزگە مۇجەسسەملەنگىنى مەردنىڭ ئار - نومۇسى،  غورۇرىدۇر. ھالال ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ھاقارەت ئۇنىڭ ھالاللىقىدىن گۇمان قىلىشتۇر . ھاياتنىڭ ئۆزى كۆرەش مەيدانى دېيىلسە، ئۇنداقتا ھازىر مەردلەر قالمىغىنى ئېنىق. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئار – نومۇس، غورۇر – ئىماننى پايخان قىلىپ، نۇمۇسسىز پاخشىلارچە ياشاپ يۈرگىنىنى كۆرۈمىز. بۇ پاخشىلارنىڭ ئىچىدە بەلكىم سىزمۇ ، مەنمۇ بولىشىم مۇمكىن...

نەزىرىمىزدە،  ھارام  سۆزىگە نىسبەتەن پوزىتسىيە – قاراش ئۆزگەردى. كىشىلەر ئۇنى بارغانچە ئاددىيلاشتۇرۇپ  چۈشەنمەكتە. مۇشۇلارما ھارامما ؟!  دېگەن سادا بارغانچە ئەدەپ بارماقتا. بەزىلەر ئاددىي ئىشلارنىمۇ ھارامغا باغلىسا، بەزىلەر خېلى چوڭ ئىشلارنىڭ ھاراملىقىدىن ئاغرىنىپ ، ناقايىل يۈرۈشىدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەر نەزىرىدە ھارام سۆزى پەقەت تاشقى جەھەتتىن  ناتوغرا بولغان قىلمىش ياكى  ناپاك  بولغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. ئەمما،  ھارام پەقەت ماددىي نەرسىلەر ياكى زاھىرىي ئىشلارغىلا تەدبىقلىنامدۇ؟ ئۇنداقتا مەنىۋىي ( نىيەت ) ھالاللىقچۇ ؟
ھارام  نىڭ كۈنسېرى ئاددىيلىشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ، بۈگۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان ھالغا كېلىشتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنڭدىن قورقۇش بىھاجەت بولۇپ تۇيۇلدى.
ھالاللىق ئۇستازلارغا ھەم شۇ دەرىجىدە يارىشىدۇكى، تەلىم – تەربىيە جەريانىدا ھالاللىقنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ گەپ باشلايدۇ بىر ئوقۇتقۇچى تونۇشۇم، - ياشلارغا بۇ گۈزەل پەزىلەتنىڭ قەدرى ، ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش – ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بار ئىمكانىيىتىمىز بىلەن تىرىشىمىز. بىر ھېكايەت ئىشتكەن ئىدىم. بالىسىنىڭ كۆپ ھەسەل يېيىشىدىن تەشۋىشلەنگەن ئاتا ئۇنى تېۋىبقا ئېلىپ بارىدۇ. گۈدەكنىڭ بۇ ئادىتى ھەققىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ھەكىم ئاتىغا ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن 40 كۈندىن كېيىن كېلىشىنى تەيىن قىلىدۇ. نىھايەت، بەلگىلەنگەن كۈن كېلىپ، ئاتا يەنە ئوغلى بىلەن تېۋىبنىڭ ھوزۇرىغا كېلىشىدۇ. شۇ ئەسنادا تېۋىب گۈدەك ئوغۇلنىڭ بېشىنى سىيلاپ ئوغلۇم بۇندىن كېيىن بۇنداق كۆپ ھەسەل يېمە  - دەيدۇ ۋە ئاتىسىغا ئەمدى قايتىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى، بالىنىڭ ئەمدى ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھەيران بولغان ئاتا سورايدۇ : شۇ گەپنى بىز كەلگەن بىرىنچى كۈننىڭ ئۆزىدە ئېيتىپ قويسىڭىزمۇ بولار ئىدىغۇ ؟  . دانىشمەن ھەكىم جىلمىيىپ: دۇرۇس. لېكىن ئۇ كۈنى ئۆزۈم ھەسەل يېگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئېيتىقان نەسىھەتىم كار قىلماس ئىدى. 40 كۈن ھەسەل يېمىدىم، ئەمدى بالىڭىز ھەم كۆپ ھەسەل يېيىشنى تاشلايدۇ . دەيدۇ. دانىشمەن ھەكىم بالىنى داۋالاشنىڭ بۇنداق ئۇسۇلىنى ئېيتىپ، ئاتىنى ھەم لال قالدۇرغان ئىكەن.
- دېمەكچىمەنكى، بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تەربىيىلەپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشكە ئۆتكىنمىز خوپ. نېمە ۋەجىدىن بالىلارغا گېپىمىز، نەسىھەت – تەربىيىمىز كار قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىز ھالاللىق، ئالىيجانابلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرىمىزغا پسەنت قىلمايدۇ ؟ چۈنكى ئۆزىمىز ھازىر ئەنە شۇ ھەسەل يەپ قويغان تېۋىب ئەھۋالىدىمىز.
ھالاللىق بازاردىكى تارازا بىلەن ئۆلچەنمەسلىكى كېرەك. ئۇنى ئىمكانبار قەلب تارازىسىغا سېلىپ كۆرۈڭ، قايسى پەللە كۆپرەك تاش باسار ئىكەن؟!
خۇلاسە ئورنىدىكى ھېكايەت:
ھالاللىق ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى بۇ كىچىك يازمىغا سىغدۇرۇپ بولمايدۇ. شۇڭا، تۆۋەندىكى ئىبرەتلىك ھېكايەتنى پىكىرلىرىمىزنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە بايان ئەيلەيمىز، خۇلاسىنى ئۆزىڭىزگە قالدۇرىمىز.

بىر كۈنى ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف مۆمىنلەرنىڭ خەلىفىسى ھەزرىتى ئۆمەر رەيزۇللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. سالام بەرگەندىن كېيىن، كۈتۈپ تۇرىدۇ.
خەلىفە ئۆمەر يېنىپ تۇرغان شامنى ئۆچۈرۈپ، ئارقىدىنلا باشقا بىر شامنى ياقىدۇ. بۇ ئەھۋال مېھماننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرگە:
- ئەي ئەمىرۇل مۆئمىنىن! ئالدىڭىزدا شام يېنىقلىق ئىدى، ئۇنى ئۆچۈردىڭىز. ئارقىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر شامنى ياقتىڭىز. بۇنىڭ بىر ھېكمىتى بارمۇ؟ - دېدى.
ئەمىرۇل مۆئمىنىن  ھەزرىتى ئۆمەر رەيزۇللاھۇ ئەنھۇ تەبەسسۇم بىلەن دېدى:
- ھەي ئابدۇراھمان، بايا ئۆچۈرگىنىمز دۆلەتنىڭ شامى ( مالىدۇر ). ھازىر ياققىنىم ئۆز پۇلۇمغا ئالغان ئۆزۈمنىڭ شەخسىي شامىمدۇر. دۆلەت ئىشلىرىنى بېجىرگەندە دۆلەتنىڭ شامىنى ياقىمەن. ھازىر سەن بىلەن سۆھبەت قۇرۇپ ئولتۇرغىنىمدا دۆلەت شامىنى ياقسام ھالاللىق بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆچۈرۈپ، ئۆزمنىڭ شامىنى ياقتىم. شۇنداق قىلمىسام ، ئاللاھقا قانداق ھېساب بېرىمەن؟

مەنبەسى: يۈكسەل بلوگى

htp://www.yuksel.me


[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:45  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئارمان- تاشقىن قېرىندىشىم يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ بلوگىغا كۆپ كىرىدىغان ئوخشايسىز .
پىكىرىم: مۇشۇ تېمىلارنى يۆتكەشتىن بۇرۇن شۇ زاتنىڭ ماقۇللىغىنى ئالدىڭىزمۇ يوق ؟

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ، ئەگەر ئۇ كىشى مۇشۇ ئەسەرنى  نىمىشقا بۇ يەرەە يۆتكىدىڭ دەپ قالسا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سۇراشقا مەن تەييار...!!!
ئەگەر قۇلۇمدىن كەلسە ئىدى ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى  بىرمۇ بىر ، ھەممە قىرىنداشلىرىمغا بىر - بىرمۇ بىر كۆرسىتەتتىم ...
لىكىن سىزگىمۇ شۇنى دىگۇم كىلىۋاتىدۇ  -؟ مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى ، ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشتىكى مەقسەت نىمە - ؟

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman-taxkin بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:29 دە يوللىغان
ئەلۋەتتە ، ئەگەر ئۇ كىشى مۇشۇ ئەسەرنى  نىمىشقا بۇ يەرەە يۆتكىدىڭ دەپ قالسا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سۇراشقا مەن تە ...

بۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشتىكى مەقسەد ئەلۋەتتە قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇنى مەن ھېس قىلالايمەن، ئەمما بەزى مۇنبەر ۋە بەزى بىلوگ ئاچقانلار تېمىسىنى باشقا مۇنبەرگە يۆتكىسە رەنجىيدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس، شۇ سەۋەپلىك سورىغان ئىدىم.
ئەلۋەتتە بۇنداق ئېسىل تېمىلارنى تەييار ئالدىمىزغا ئەكىلىپ بەرسىڭىز خۇش بولىمىز، شۇ ئەمگىكىڭىزگە قۇرۇق رەھمەتتىن باشقىنى دىيەلمەيمىز.
سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئېسىل تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:00 , Processed in 0.058513 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش