يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 649|ئىنكاس: 5

سوغۇق تام لىرىكىسى ( ي.ئىبراھىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوغۇق تام لىرىكىسى

ياسىنجان ئىبراھىم


ئەسىر قىلىپ تەگسىز خىيالغا،
ھەمراھ بۈگۈن سوغۇقلا تۆت تام.
ئىللىمىغان غېرىپ كۈلبىدە،
مەيۈسلىنىپ پىلىلدايدۇ  شام.

ئەشۇ تۆت تام ئىچرە نە ئۈچۈن،
چېچىلمىدى سۆيگىدىن ئۇرۇق.
سۆيۈلۈش يوق سۆيۈشسەكمۇ گەر،
قەلبىم يەنە لېۋىمدەك قۇرۇق.

ئەشۇ تۆت تام ئىچرە نە ئۈچۈن،
بولدى زەھەر ھەسەل ئىچسەممۇ.
ئۆلدى كۆڭۈل ئۆلدى مۇھاببەت،
يۈرىكىمنى بەدەل دىسەممۇ.

ئەشۇ تۆت تام ئىچرە مەنمۇ ھەم،
بولالمىدىم پۇلدەك مۇقەددەس.
پىچىرلىدىم ئۆزۈمگە شۇنداق:
"تاياققا تاش تېڭىلغان ئەمەس...

قەيەردە سەن دىلكەش دوستلىرىم،
مۇڭداشقىم بار ئۇزاقتىن - ئۇزاق..."
كىملەرنىدۇ ئەسلەيمەن يەنە،
بۇللدۇقلايدۇ كۆزۈمدە بۇلاق.

قەيەردىسەن بەخت كۈلكىسى،
تەنھالىققا كىم سىرداش بۈگۈن.
چىرايىمدا يالغان تەبەسسۈم،
قەلبىمدە دەرت قەلبىمدە تۈگۈن.

بىر قارىسام ئالدىمدا بەختىم،
بىر قارىسام ھالىم خاراپتەك.
تېتالمايمەن تەقدىرگە نىچۈن،
ھەييام ئىچكەن ئاچچىق شاراپتەك.

چۈشەنمىدىم تەقدىرنى ئەجەپ،
چۈشەنمىدىم سۆيگىنى ئەسلا.
ئاچچىق ئازاپ ئاچچىق ئۆكۈنۈش،
يۈرىكىمگە تولغان پەۋەسلا.

نومۇس دەيتتىم ئەرگە ياش تۆكۈش،
يۈرىكىمدىن تامدى ياش بىراق.
ئارمان بىلەن تىزغان ئۇگامدا،
مۇھاببەتتىن ياقالماي چىراق.

نىمە بولدى پاك سۆيگۈ دىگەن،
چىرىپ كەتتى نە ئۈچۈن ۋىجدان.
رەزىللىككە دىدىم مىڭ لەنەت،
چىن ئەقىدە بولغاندا پايخان.

بىر مورىدىن چىقسىلا تۈتۈن،
قويۇپ ئۆتسە بىر ياستۇققا باش.
بەخت ئەمەس قالسا كۆڭۈللەر،
ئالەم سىغىپ كەتكىدەك ئاراش.

ئالداندىممەن تەقدىرگە بەلكىم،
ئالدانغاندەك تاتلىققا سەبى.
ياشىدۇقمۇ يۈرەكنى ئالداپ،
ئىككى ھەيكەل سۆيۈشكەن كەبى.

چاقچىقىڭ كۆپ ھاياتقا تەقدىر،
بىھاجەتتۇر دادلىماق ساڭا.
چىن سۆيگىنىڭ ئىللىق قۇياشى،
نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى ماڭا...

   مەنبە؛ ئۆزۈم


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:41:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ياسىنجان!
مۇبارەك قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!  ئېسىل  شېئىرلىرىڭىز بىلەن بىزنىڭ شائىرلار قوشۇنىغا قېتىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!
مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلارنى يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىگەي ۋە ئىلھام تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرى تىلنىڭ راۋانلىقى، ئىملانىڭ توغرىلىقى بىلەن «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دېگەندەك ئىش بوپتۇ ئەمەسمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
38 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
58

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:47:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك قەدىمىڭىزگە، مەرھابا دوستۇم!!!سىزگە ئوخشاش تالانت ئىگىللىرى كۆپلەپ قىتىلغاي ئىلاھىم.............قەلىمىڭىزگەھەم ئىلھامىڭىزغا كۆزتەگمىسۇن  !!!!!111111

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ بۇ شېئىر...ماڭا بەك ياقتى!"يۈرىكىمنى بەدەل دىسەممۇ "دېگەن مىسرانى ئازراقلا تۈزىۋەتسىڭىز قانداق بولار؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:08 , Processed in 0.048138 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش