يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 2
go

ئۇيغۇرۇم

Rank: 3Rank: 3

توردا
8 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
52 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۇيغۇرۇم

تارىملاردا قۇم بولدۇقمۇ ئۇيغۇرۇم،
بۇ دۇنياغا شۇم بولدۇقمۇ ئۇيغۇرۇم  ،
كۈيۈپ ياندۇق كۈيۈپ كەتتۇق ئاقىۋەت
ئەمدىلىكتە  كۈل بولدۇقمۇ ئۇيغۇرۇم .

نىمە ئۈچۈن بۇلالمايمىز ئەمدى گۈل .
يېشىل بولماي قالارمىدۇ ئەمدى  كۆل .
سايرام قۇرۇپ بۇلارمىدۇ قۇرۇق كۆل .
بىز قىسقان گۈل سۇلاشتىمۇ  ئۇيغۇرۇم .

نەۋائىمۇبىزدەك ئىنسان بالىسى ،
ئەشۇلار ھەم سەن بىزلەرنىڭ ئاتىسى .
بۇلالدۇقمۇ ئەشۇلارنىڭ ۋارىسى ،
ئەمدى ۋارىس بۇلالماسمۇ ئۇيغۇرۇم .

ئۇيغۇرنىڭ بەلگىسى تۇرۇپتۇ كىمدە ،
مەھمۇدنىڭ ئىزلىرى قايسى قەلىپتە .
ئۆگەتكەن بىلىمى قاسى   يۈرەكتە ،
ئەمدى مەشئەل بولالماسمۇ ئۇيغۇرۇم .

بىز ئۇيغۇر ئەخلاقى قانداق يارالغان ،
دۇنياغا مەدىنىيەت  كىمدىن تارالغان ،
بولدۇقمۇ  دەۋرانم كەينىدە قالغان  ،
نە ۋەج كەينىدە قالغاندۇ بۇ ئۇيغۇرۇم .

بىزگە كەلگەن ئۇلۇغ ئاللاھ ئەلچىسى ،
ئۈگەتكەنتى توغرا خاتا ھەممىنى ،
بۇلالدۇقمۇ مۇھەممەد نىڭ ئۈممىتى ،
ئەمدى ئۈممەت بۇلالماسمۇ ئۇيغۇرۇم .

يارالغانتۇق بەندە قېنى؟ ئىنسانچۇ ؟
پەرقى نىمە ئۇيغۇر قېنى ؟ قىتانچۇ ؟
بىزنى چاققان چايان قېنى ؟يىلانچۇ؟
رىملىقلارچۇ مۇسۇلمانمۇ ؟ ئۇيغۇرۇم   .

توۋا دەيمەن ئۈگەندۇققۇ ئۇلاردىن ،
ئۈگەنگەنلەر ئۈتۈپ كىتەر ئەزەلدىن  .
ئۈتۈپ كىتىش بىزدە يوقمۇ  غەربتىن ،
كۈنلەر شۇنداقمۇ ئۈتەرمىدۇ ئۇيغۇرۇم .

قەدىمدىنلا ئىچىپ كەلگەن چېيىمىز ،
ئەمدى ئىچسەك سۈرۈپتۇدەك ئىچىمىز ،
كۈندە <تۆت سە > ئىچىپ بەرسە توختارمىش ،
تەتۈر زامان كىلىپتىمۇ ئۇيغۇرۇم .

ئانا دىگەن ئۇلۇغ ئىنسان ئەسلىدە ،
تەربىيلەيدۇ سەن مىنى ھەر  پەسلىدە ،  
نىمە بولدى بۇ دەۋرانىم تەكتىدە  ،
قېنى ئانا ئۆلمىگەندۇ ئۇيغۇرۇم  .

ياق ئۆلمىدى ئانا بىزدە ھەم  ھايات ،
بالىلارغا چىقتىمۇ تاڭ جۈپ قانات ،
ئاتا-ئانا سۈزىنى ئاڭلىماس ھەيھات ،
قېنى سۆزلە يا ئۆلدۇڭمۇ ئۇيغۇرۇم .

بۇ ئەھۋالغا ئېچىنايمۇ ئۇيغۇرۇم ،
تىكەن بۇلۇپ چېچىلايمۇ ئۇيغۇرۇم ،
بۇ ئەھۋالدا كىم ياشاپتۇ ئۇيغۇرۇم ،
قېنى ئېيتقىن بىز شۇلارمۇ ئۇيغۇرۇم .

-خاتىرەمدىن (دەرۋىش)



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
222 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1568 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دەرۋىشنىڭ شېئىرىنى ئوقۇپ بىر قىسمىلا بوپ قالدىم. ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ۋە ئۆزىمىزگە  يۈز كېلەلىگىدەك ئۇيغۇلاردىن بولارمىز؟
بىز شۇ ئۇيغۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدۇق. لېكىن يارامسىز چىقىپ قالدۇق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
30 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 
نادىر
يازما
71 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 12:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەزى ئىشلار ئۇيغۇر دىگەن نام ئۇچۇن ناھايىتى چوڭ ھاقارەت،لىكىن بۇنى نەچچە ئادەم ھىس قىلالىدىكىن؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 13:46 , Processed in 0.048701 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.