يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ulughbik

ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىردىغان سەۋەبلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:17:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق، مەن ئاق بايراق ئەمەس!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


1
كۇمۇش كەبى يالتىراق ،
مەرۋايىتتەك پارقىراق .
بىر چۇققا بار ئاسمانغا مەغرۇر بېشى تاقاشقان.
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى ،تىيانشانغا جايلاشقان.

مەشرقتىن چىقسا ئاپتاپ،
ﻫەممىدىن ئاۋال باشلاپ.
شۇچۇققىنى سۇيىدۇ.مەڭزىگە يېقىپ مەڭزىن،
ئۇتۇپ ئۇنىڭ قىشىدىن غەربكە ماڭار ئەندىن.

كىچە بۇلسا تۇلون ئاي،
ئۇتمەيدۇ ئۇندا قۇنماي.
يەتتە يۇلتۇز ﻫەم ھۈكەر ،زۇﻫەل بىلەن مۇشتىرى،
ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تازىم قىلىپ ﻫەربىرى.

ئىرىمەيدۇ قىش - يىزى،
ئاق شايىدەك قار - مۇزى.
كۆكرىگىگە تاقاقلىق تەبىئەتنىڭ ئەركىسى ،
تاشنى يىرىپ چىققان ئۇمۆجىزە قار لەيلىسى.

شۇڭلاشقىمۇ بۇچۇققا ،
بەزى بولۇپ ھۇرلىقا .
كۆرنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى،
ياكى باﻫاركۇنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.
2
بۇنى بىلمەي بىر جاناپ،
خان تەڭرىگە بىر قاراپ،
دەپ تاشلىدى: <<بۇچۇققا يىراقتىن قارىماققا -
ئۇخشايدىكەن ئەل بۇلغان قۇشۇن تۇتقان بايراققا>>.
3
خان تەڭرى بۇنى ئاڭلاپ ،
كۈلۈۋەتتى قاقاقلاپ .
دېدى: نەدە چۇڭ بۇلغان بېشى قاپاق جاناب سىز،
قۇلاق سېلىڭ ،قالمىغاي بۇ گېپىڭىز جاۋابسىز .

دەر ۋەقە ،ئاق مەن ئۆزۇم ،
ساقال - چىچىم ﻫەم يۈزۇم .
لېكىن ﻫەرگىزئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق،
تەبىتىم - مىجەزىم ئاق بايراقتىن بەك يىراق .

ئادەم ئاتا ﻫەم ﻫاۋا ،
جەننەتتىن چىققان چاغدا .
تۇنجى تۇغۇلغان ئوغلى مەن ئىدىم بۇ زېمىندە .
بوز ئېچىپ ،ئۇرۇق چاچقان يېشىل ۋادا تېرىمدە .

نوھ نىڭ كېمىسى توپاندا ،
يول تاپالماي ئازغاندا .
ئاغزىمغا زەيتۇن چىشلەپ بارغان كەپتەر مەن ئىدىم ،
ﻫاياتلىقنىڭ نىشانى - ئاشۇ خەۋەر مەن ئىدىم .

قوش مۈڭگۈزلۇك ئىسكەندەر ،
باشلاپ كەلگەندە خەتەر .
ئۇنىڭ ئۆتەر يولىنى تۇسۇپ قۇيغان مەن ئىدىم ،
شەرىقلىقنىڭ كۈچىنى تونۇتۇپ قۇيغان مەن ئىدىم .

يىپەك يۈكلىگەن كارۋان ،
قۇڭغۇراق جاراڭلاتقان .
ئاشۇ قەدىم يۇللاردا ﻫەم قورۇقچى - پاسىبان ،
ئاش - تۇز بېرىپ كارۋانغا ﻫەم بۇلغانتىم سايىبخان .

ئەي جانابىي مۇﻫتىرىم ،
بىلىپ قويۇڭ شۇنى ﻫەم .
تارىخ دېگەن كىتابنىڭ خېتى مەندە پۈتۈلگەن ،
نى - نى چىگىش تۈگۈنلەر مېنىڭ بىلەن يېشىلگەن .

قەغەز ،كومپاس مەتبەئە ،
دورا دىگەن مۆجىزە .
مەندىن ئۆتۈپ جاﻫانغا تارالغان ﻫەم كېڭەيگەن ،
مەدەنىيەت بۆشۈكىن ئۆز قولۇمدا تەۋرەتكەن .
4
دىمەك ،تا ئەلمىساقتىن -
بېرى بار مەن ئۇزاقتىن .
شۇڭا بېشىم ئاقارغان ،ھەتتا كىيگەن تونۇم ئاق،
لېكىن ئۆزۈم ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق .

بۇ ھۈر زېمىن ۋەتىنىم ،
ئاڭا باغلىق جان - تېنىم .
چاچ - ساقالنىڭ ئاقلىغى---تارىخ قەسرىنىڭ ئۇلى،
كۆككە تاقاشقان بېشىم شۈ ۋەتەننىڭ سىمۋولى .

قارا بۇلۇت تۇسسىمۇ ،
چاقماق كېلىپ سوقسىمۇ .
ئېگىلمەستىن بۇ بېشىم مەغرۇر تۇردى ﻫەممە ۋاق،
قانداق قىلىپ مەن ئەمدى بولۇپ قالاي ئاق بايراق .

قەلبىم قىزىل چوغ تۇرۇپ ،
قىزىل تۇغنى كۆتۈرۈپ .
كېتىۋاتسام مەردانە ناخشام غالىب ياڭغىراق،
قايسى يۈزىڭىز بىلەن مېنى دەيسىزئاق بايراق!!!...


مەنبە: << ئابدۇرىېھىم ئۆتكۈر شېئىرلار توپلىمى >>دىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇمۇ كەلگىنى.  <<يەنە يوقمۇ؟>> نى توۋلايمۇ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختاڭ ، سازەندىلەرنى ئېيتىپ قويغانتىم ھازىرلا كېلىدۇ . دۇتتا - تەمبىر بولمىسا ناخشا تولىغاندەك بولامتۇق .

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:38:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قورقىمەن»  ناخشا توۋلاشتىن،   ulughbik  ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ قوغلاپ چىقارمىسۇن. سورۇننى تاغدىن ھازىرلىسام
باغدا ناخشا توۋلاپ يۈرۈپسەن دەپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:00 , Processed in 0.039964 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش