يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 514|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇرلاردىكى پوتا باغلاش ئادىتى . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ. ئۇزۇن – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ياش يىگىتلەر كۆپرەك قىزىل، يېشىل ياكى گۈللۈك، ياشانغانلار قارا رەڭلىك رەختلەردىن پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. پوتا باغلاش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى كىيىم ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا پەيدا بولغان. بىزگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن بولۇپ، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بۇ كىيىمىنى بەلدىن پوتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىم بېلىدىكى پوتىسىغا نان ياكى باشقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تۈگۈۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بەلنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەلگە سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. پوتا باغلاش بەلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇپ،  ئۇ بەلگە سوغۇق تېگىش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. قورساق سېلىپ كېلەڭسىز سەمرىپ كېتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالغۇز ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى تون كىيگەن كىشىلەرلا پوتا باغلاپ قالماستىن، كالتە چاپان ياكى خالتا كۆڭلەك كىيىدىغان ياشلارمۇ پوتا باغلايدۇ. ئومۇمەن، پوتا باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئېستېتىك تەلىپى بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىدە مەخسۇس «پوتا ئويۇنى» ئوينىلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىۋېزورلاردا كۆرۇپ قالمىساقلا ھازىر پوتا باغلاپ يۇرگەن ئەرلەرنى ئۇچراتقىلىمۇ بولماس .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنوپتا يەنىلا كۆپ ئۇچىراتقىلى بولىدۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:34:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشچىراي خانقىزمۇ  پوتا باغلىغانلارغا ئامراقكەندە
بىزنىڭ بۇ جەنۇپ تەرەپتە بىز ئەرلەر ئاساسەن دىگۇدەك قىش كۇنلىرى بېلىمىزغا پوتا باغلىۋالىمىز. بۇنىڭ بىلەن بېلىمىز ئىسسىق تۇرۇپ، بۆرىكىمىز ساغلام تۇرىدۇ. قىشتا يىلىڭ كىيىنىپ سۇغۇققا توڭۇپ، گىرىلكا بىلەن ئىسسىق ئۆتكۇزۇپ ئولتۇرمايمىز.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەليەتتىمۇ پوتا باغلاش بەدەنگە بولۇپمۇ بەل ۋە بۆرەككە پايدىلىق، ھازىر يىگىتلەر پوتا باغلاش ئەمەس قىزلاردەك ئىشتاننى كىيۋېلىپ مېڭەپ كەتسە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:40 , Processed in 0.047601 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش