يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 3

ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۈچۈن 16 دىققەت . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئۆز- ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن ساقلىنىپ كەمتەر، ئېتىياتچان بولۇش. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆز خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغانلىقى ئۈچۈن ئاسان مەغرۇرلىنىپ، ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ، باشقىلارغا كەسكىنرەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆز خىزمتىدە دائىم مەغلۇبىيەت ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرغان بولسا مەيۈسلىنىدۇ، چۈشكۈنلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئوڭۇشلۇق ۋاقىتتا تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان» بولۇش كىرەك.

2. ئۆز پىكىرىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋالماي، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ئەستايدىل قۇلاق سىلىش كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئائېلە ياكى جەمىئەتتە مۇئەييەن ئورۇنغا ۋە ھوقوققا ئىگە بولغاچقا، «دىگىنىم راست» دەپ ئادەتلىنىپ قېلىپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى كۆپ ئاڭلىمايدۇ، ئەگەر شەخسىي ئاداۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىش كۆرىدىغان بولسا بىر تەرەپلىمىلىك، ئادىل بولماسلىق، قىزىققانلىق كېلىپ چىقىدۇ.

3. يوقىلاڭ ئىشلارغا سەكرەپ كەتمەي، مۇلايىم، ئېغىر بىسىق بولۇشقا ئادەتلىنىش. ئۆپكىسىنى باسالماسلىق — قاراملىق، تەۋەككۈلچىلىك، چوڭقۇر ئويلانماسلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. بەزەنلەرنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرا ياشلىق ۋاقىتقىچە ئەگىشىپ كىلىدۇ.

4. ئىككى يۈزلىمىلىكتىن ساقلىنىش، سۆز بىلەن ھەركىتى بىردەك بولۇش. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۈلگە بولۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئەمىلىيتى ئارقىلىق ئۈلگە بولىشى، كۈندىلىق خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا يۈكسەك ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە نەمۇنىلىك ھەركىتى ئارقىلىق قول ئاستىدىكىلەرنى، ئوقوغۇچىلارنى ۋە بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈشى ۋە تەربىيلىشى كىرەك.

5. خۇشامەتگۇيلۇق قىلماي، سەمىمىي ئادەم بولۇشى كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلار ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە ياشانغانلار ئوتتۇرىسىدا ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقتىن، يۇقىرغا خۇشامەت قىلىپ، تۆۋەننى باسسا ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا شامالغا بېقىپ كېمە ھەيدەش، يۈز قاراپ ئىش كۈرۈشتەك ناچار ئىستىلغا قارشى تۇرۇپ، پەزىلەتلىك ۋە ئىشتا ئادىل بولۇشى كىرەك.

6. كەمتەر، كىچىك پېئىل، مۇلايىم بولۇشى كېرەك.

7. چوڭ مېڭىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن، كىتاب، ژورناللارنى ئوقۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرخىل ھەۋەسلەرنى يېتىلدۈرۈش كىرەك.

8. ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تۈرلۈك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ، ئەقلىي قابىلىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كىرەك.

9. يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە دەم ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.

10. بارماقلىرىنى داۋاملىق ھەركەتلەندۈرۈپ، بارماقلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلىشى لازىم.

11. ياشلار بىلەن دوست بولۇشى كىرەك.

12. يېمەكلىك جەھەتتە بېلىق، تۇخۇم، قارا گۆش، سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

13. ھاراق، تاماكىنى بالدۇر تاشلىشى لازىم.

14. تۇراقلىق، خۇش خۇي كەيپىياتنى ساقلاپ، غەمكىنلىك، بەك خاپا بولۇپ كېتىش ۋە بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

15. يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارنى بالدۇر سېزىپ ۋە بالدۇر داۋالىتىشى كېرەك.

16. سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشى لازىم.



مەنبە  :    تۇرمۇش  مەسلىھەتچىسى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
116 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەسلىھەتلەركەن . ئەجرىڭىزگە رەھمەت !
بۇ پەقەت ئوتتۇرا ياشتىكىلەرگىلا ئەمەس ،ھەممە ياشتىكىلەرگە ماس كەلگۈدەك .

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەزى كۇنلىرى تاڭ ئاتقۇچە ئىشلەپ كىتىمەن. دىققەت قىلسام بولغۇدەك.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەسلىھەتلەر ئىكەن، تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:27 , Processed in 0.046575 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش