يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 638|ئىنكاس: 1

پسىخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پسىخىك جەھەتتىكى ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا نۆۋەتتە تېخى بىرەر كونكېرتنى ئومۇميۈزلۈك مۇۋاپىق كېلىدىغان باھالاش سېستىمىسى يوق. كىشلەرنىڭ پسىخىك ساغلاملىق سەۋىيىسىدە كۆپىنچە ھالەت ئۆزگىرىشى بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، پسىخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمىمۇ نىسپىي بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئالىمى ماسلوۋ (Maslow)ئوتتۇرىغا قويغان ساغلاملىق پسىخىكىسىنىڭ ئون تۈرلۈك ئۆلچىمى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
1. تولۇق ماسلىشىش ئىقتىدارى بولۇش.
2. ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق باھا بېرىش.
3. تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش.
4. رېئال مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش.
5. خاراكتېرنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ساقلاش.
6. ئەمەلىي تەجىربە جەريانىدا ئۆگىنىدىغان ئىقتىدارى بولۇش.
7. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ياخشى بولۇش.
8. مۇۋاپىق كەيپىياتنى چىقىرالايدىغان ھەم تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇش.
9. كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلمىغان شەرت ئاستىدا چەكلىك دەرىجىدە شەخسىي خاراكتېرنى جارى قىلدۇرۇش.
10. جەمىئيەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا شەخسىي ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قانائەتلەندۈرۈش.
دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى ئەمگەكچى خەلقى ۋە تېببىي مۇتەخەسىسلەر پسىخىك ئامىللارنىڭ ساغلاملىققا بولىدىغان تەسىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن: ئىشلارغا ئۈمىدۋار كەيپىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا <<كۆڭلى - كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، خۇشال- خۇرام يۈرۈش، >>، <<مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارلىشىۋالماسلىق>> نى تەكىتلىگەن؛ كىشىلەرنىڭ ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تەرتىپلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن <<تەرتىپلىك بولۇش>>، <<ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ- قوپۇش>> ىنى تەلەپ قىلغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش توغرىسىدا <<ئۆزىگە كېرەك بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىق>> قاتارلىقلار ئېيتىلغان. پسىخىك جەھەتتىكى ساغلاملىق ئۆلچەملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىگىلەش پسىخىك ساغلاملىق تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

مەنبە: ساغلاملىق دەستۇرى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 08:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8. مۇۋاپىق كەيپىياتنى چىقىرالايدىغان ھەم تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇش.
-----------------------------------------------------------------------------------
مۇشۇ تۈرنى ئۆزۈمگە بەكرەك مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ياشاۋاتىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 04:47 , Processed in 0.065268 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش