يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1038|ئىنكاس: 3

زادى كىم ئۆزگەردى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى كىم ئۆزگەردى؟

ئېرى دەيدۇ: خوتۇنۇم ئۆزگىرىۋالدى، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ كوتۇلداپ كېتىدۇ، بارغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
خوتۇنى دەيدۇ: ئېرىم ئۆزگىرىۋالدى، كۈن بويى ئويناشنىلا بىلىدۇ، ئۆينىڭ ئىشى بىلەن كارى يوق، بارغانسېرى ئوغلۇمغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
مۇئەللىم دەيدۇ: ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى، كىچىكلا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، دائىم دەرستىن قالىدۇ، ئاندىن ھەدەپ دەرستىن سىرتقى كۇرۇسلارغا يۈگۈرەيدۇ.
ئوقۇغۇچى دەيدۇ: مۇئەللىملەر ئۆزگىرىپ كەتتى، پۇل تېپىشنىلا بىلىدۇ، دەرسنى چىن كۆڭلىدىن ئۆتمەيدۇ، نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى دەرستىن سىرىتقى كۇرۇسلارغا قالدۇرىدۇ، بىزنىڭ قاتناشماي ئىلاجىمىز يوق، ھېيت-بايراملاردا يەنە‹‹ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلمىساق بولمايدۇ››.
دوختۇر دەيدۇ: بىمارلار ئۆزگەردى، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش بارغانسېرى تەس بولىۋاتىدۇ، دورىنى كۆپرەك يېزىۋەتسەكلا، قويۇلۇپ كەتتىم دەيدۇ، كىچىككىنە چاتاق چىقسىلا ئەرز قىلىدۇ.
بىمارلار دەيدۇ: دوختۇرلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر››نىڭ ئالىيجاناپلىقىنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار ماشىنىغا تايىنىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، يەنە تېخى ‹‹قىزىل بولاق›› ئېلىشقا ئامراق.
سودىگەر دەيدۇ: ئىستېمالچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، بارغانسېرى مالدىن تولا ئېۋەن ئىزدەيدۇ، ھېچنىمىدىن-ھېچنىمە يوقلا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە ئەرز قىلىدۇ.
ئىستېمالچىلار دەيدۇ: سودىگەرلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، بارغانسېرى پايدىنىلا كۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى، پۇل تېپىش يولىدا ھەر قانداق ۋاستىدىن باش تارتمايدۇ، مېلىغا ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇپ پۇقرالارغا زىيان سالىدۇ.
رەھبەرلەر دەيدۇ: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىشتا ئاكتىپ ئەمەس، ئىلگىرىكىدەك جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغانلار يوق، يەنە تېخى رەھبەرلەرگە يانىدۇ.
خادىملار دەيدۇ: رەھبەرلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىگىلىك يارىتىش مەزگىلىدىكى جاپاغا چىداش، تۆۋەندىكىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش دېگەنلەر تارىخقا ئايلىنىپ قالدى، ھازىر ئۇلار ئاسانلا خاپا بولۇپ چېچىلىدىغان، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئەمەلدارلار دەيدۇ: پۇقرالار ئۆزگىرىپ كەتتى، كىچىككىنە ئىش بولسىلا يۇقىرىغا ئەرز قىلىدۇ، ھەدىسىلا  بىنادىن ئۆزۈمنى تاشلايمەن  دەپ جامائەتنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىدۇ.
پۇقرالار دەيدۇ: ئەمەلدارلار ئۆزگىرىپ كەتتى، پۇقرالارغا ئاتىدارچىلىق قىلىدىغانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ، كۈن بويى مەدھىيلىنىشلىنىلا بىلىدۇ، ئاتالمىش سىياسىي نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىلا قوغلىشىدۇ، ئاستىرتتىن بولسا پارا يېيىشنى، چىرىكلىشىشنى، ئاشنا تۇتۇشنىلا ئويلايدۇ.

(ئىدرىس بارات تەييارلىغان)
جۇڭگو مىللەتلىرى، 2007-يىللىق 4-سان.
مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئىككىمىز ئۆزگەرمىگەن ئوخشايمىز جۇلالىق

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىنكاس يېزىش ۋە تېما يوللاش ئادىتىمنى ئۆزگەرتمىدىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 08:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ماھىتابان، ئاللا خالىسا ئۆزگەرمەيمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 03:24 , Processed in 0.048515 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش