
ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر يەرلىك سوت يېقىندا « شەھەر ئىچىدە توي قىلمىغان قىزلارنىڭ يانفۇن ئېلىپ يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدۇ» دىگەن بەلگىلىمىنى چىقارغان. چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، شۇ يەرلىك قىزلارنىڭ باشقا سالاھىيەتتىكىلەر بىلەن «ھەددىدىن ئاشقان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇش» نىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقىلار بىلەن قېچىپ كېتىشنى توسۇش ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ رايۇن ھىندىستاندىكى نوپپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ قالاق رايۇن ئىكەن. ئۇ يەردە ئالدىنقى يىلى ئاز دىگەندىمۇ 23 جۈپ ياش قېچىپ كېتىپ، سىرتلارغا چىقىپ توي قىلىۋالغان. كىيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قېچىپ كەتكەن بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يانفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئاندىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن، يەرلىك سوت توي قىلمىغان قىزلارنىڭ يانفۇن ئېلىپ يۈرۈشىنى ئومومىيۈزلۈك چەكلەپ، قىزلارنىڭ « يولدىن چىقىپ كېتىش» ىنى، ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتىكىلەر بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كېتىشىنى، ھىندىستاندىكى دىنى مەزھەپلارنىڭ مەزھەپ ئايرىمىسىنىڭ بۇزۇلۇشنى توسۇپ، ئوخشاش سالاھىيەتتىكىلەرنىڭ توي قىلىشىدەك ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالماقچى ئىكەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، ھىندىستان دىنىنىڭ سالاھىيەت تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتىكىلەر بىرلىكتە تاماق يىيىشكە بولمايلا قالماي، ئالاقە قىلىشقىمۇ بولمايدىكەن، توي قىلىش ئەسلا مومكىن ئەمەس ئىكەن.شۇ سەۋەپتىن، بىر قىسىم ئۇرۇقداشلار ئۆز ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سالاھىيەت ئاتلاپ مۇھەببەتلىشىشنى توسىدىكەن.