يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 518|ئىنكاس: 4

بىر كۈن قىيامەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈن قىيامەت

بىزگە كەلمەسمۇ بۇ مالامەت ،
كۈرۈنمەكتە ئەتراپىمدا ئالامەت  ،
تۇتۇلامتىڭ ئاللاھقا سەن ئاداۋەت ،
بولماسمۇ يا بىزگە ئەشۇ قىيامات  .

يارالدۇق بىر كۈنى ئۈلىمىز ئىنسان ،
ياشىدىڭ تۇپراقنى تۇتۇپ سەن ماكان ،
يوق سەندە ئەلگە نەپ دىلىڭدا ئىمان ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

يول-يولدا ئېچىلدى مەيخانە قاۋاق ،
يۈگۈردۇق ھەممىمىز يىمەستىن تاماق ،
ياتمامدۇق بۇ ئەھۋال باقىيدا دوزاق ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

بەزىلەر قىلچىلىك قىلماستىن ھايا ،
ئۇپئۇچۇق سۈيىشەر قىلىشار زىنا ،
ئالدىدا ھەم تېخى ئاتاۋە ئانا  ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى ئۇنىمە ،
ئەخلاقتۇر ، ئەخلاقنىڭ نەرقى ئۇ نىمە ،   
زامانەم قىزلارنىڭ كۆركى ئۇنىمە ،   
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ھاراقنى ئىچىدەن بۇلىسەنغۇ مەس ،
ئاز  ئىچسەڭ بولمايسەن مەس بولماقمۇ تەس ،
ئۆز يۇلۇڭ جەننەتكە قىلىسەنغۇ قەست ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ئىچىسەن چىكىسەن زىنا ھەم كويغا ،
ھىسداشلىق يوق سەندە ئاجىزغا تۇلغا ،
جەننەتنىڭ يۇلىنى ئالامتىڭ پۇلغا ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ئالغانمۇ پۇل بىرىپ نامازنى كىمدىن ،
ئەشۇنداق  ھەقسىزدۇر زامان -زاماندىن ،
ئوغرىلاپ كەتتىمۇ باشقىلار بىزدىن ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

دوۋزاقنىڭ يۇلىنى ئالىسەن پۇلغا ،
ئىچەرنى- چىكەرنى بەر مەس بىكارغا ،
سەن ئوت ياقىسەن سەن ئۆز جېنىڭغا ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

سۇ ئىچكۈز بىر چىلەك ئالدىن ئىشەككە ،
ھاراق قۇي ئارقىدىن ئاشۇ چىلەككە ،
ئىچەمدۇ شۇ ئىشەك مەس بوپ كىتەر گە ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ئىچمىدى ھارام دەپ ئويلىغان چېغى ،
بىز ئىنسان ئىچىمىز قانماستىن تېخى ،
ئىشەكنىڭ ئۈستىگە مىنگىنىڭ قېنى ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

نە سەۋەپ سەنمۇ ھەم ئويلىنىپ باققىن  ،
تۆۋە قىل ئازاپتىن تولغىنىپ باققىن ،
ساۋاپ ئىزدە، شەيتاندىن قوغدىنىپ باققىن ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

مۆئىمىنلىك تەس ئەمەس بىلسە گەر ئىنسان ،
بولسا چىن ئىتىقاد دىلىدا ئىمان .
كۆڭۇلدە شەيتانغا قالمىسۇن ئىمكان ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ئەتىنى ئويلىماي كۆرگىن يىراقنى ،
ئويلىغىن مەخشەلنى سوال سوراقنى ،
ئويلىغىن ھازىرنى قىلغان ئىشىڭنى ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

تۇغۇلدىڭ تۇپراقتا ياشىدىڭ ئۇزاق ،
ئۆلدۇقمۇ سىزگىمۇ بۇلىدۇ سوراق،
يۇلىڭنى بىلىۋال تۆقىل تىزراق ،
مۇمكىندۇر بۇلىشى ھەر ۋاق  قىيامەت .

-خاتىرەمدىن (دەرۋىش)

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ھامان ئامانىتىنى ئېلىپ كېتىدۇ ،بىز  پەقەت ۋاقىتلىق مېھمان.
دەرۋىش ئەپەندىم قەلىمىڭىز بارغانسىرى سىلىقلىشىپ ،راۋان مېڭىۋاتىدۇ ھە .

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. . ..

سۇ ئىچكۈز بىر چىلەك ئالدىن ئىشەككە ،
ھاراق قۇي ئارقىدىن ئاشۇ چىلەككە ،
ئىچەمدۇ شۇ ئىشەك مەس بوپ كىتەر گە ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

ئىچمىدى ھارام دەپ ئويلىغان چېغى ،
بىز ئىنسان ئىچىمىز قانماستىن تېخى ،
ئىشەكنىڭ ئۈستىگە مىنگىنىڭ قېنى ،
بۇلىدۇ بىزگىمۇ بىر كۇن قىيامەت  .

. . .

مونۇ يەرلىرى ئاجايىپ چوڭقۇر  يەرلەردىن چىقىدۇ جۇمۇ ! ھەقىقەتەن كىشىنى جىمجىت ئولتۇرۇپ " بىزگىمۇ بىر كۈن باردۇر قىيامەت" دىگەن ئويغا كەلتۈرىدىكەن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا  كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،  شۇ  قىيامەتنى ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ  قىلىۋاتقىنىنى ئويلاپ  بىر ئىش قىلساق  ئېزىپ كەمەسمىز ئاللاھ  ئۆز پاناھىدا ساقلىسا!!!

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:36:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز  قولىڭىز گاللىشىپ قالمىسىۇن ، دەششەت كەپتۇ بۇ   ،  يەنە يوللاپ تۇرارسىز خە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:13 , Processed in 0.069598 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش