يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 768 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 2

52 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەستلىكتە توققۇز قىز... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنجو شەھىرى بوشىڭ ناھىيەسى خۇبىن بازىرى ۋۇلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى  ئىككىنچى يىللىق بىرىنچى سىنىپنىڭ 52 ياشلىق سىنىپ مەسئۇلى خەن** 11- ئاينىڭ 17- كۈنى ھاراق ئېچىپ مەست بولۇپ قىلىپ، « ئويۇن ئوينايمىز»  دېگەننى باھانە قىلىپ توققۇز قىز ئوقۇغۇچىسىنى ھاجەتخانىغا چاقىرىپ ئۇلارغا قىلىقسىزلىق قىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە ، بالىلار ئۆيىگە قايتىپ ئەھۋالنى ئاتا - ئانىسغا ئېيتقاندىن كېيىن ،يەنى ۋەقە يۈز بېرىپ ئالتە كۈندىن كېيىن ، خەن** «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قىلىقسىزلىق قىلغان» دېگەن گۇمان بىلەن  قولغا ئېلىنغان، ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدىكەن، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئاتا - ئانىلار ئىنتايىن غەزەپلەنگەن. شۇنداقلا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان،مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىگە قارىتا مەكتەپ ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، ئەھۋالنىڭ سىرىتا ئاشكارلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن.

مەنبە: سىنا تورى  

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىنىپ قالغاندا قىلىق چىقىرىۋېتىپتۇدە .
ئۆتكەن يىلى جەنۇپتىكى بىر مەكتەپتىمۇ مۇشۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەن ،كېيىن قانداق بىر تەرەپ قىلدىكىنا .

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆنۈگۈن خەنزۇچە مەنبەدىن كۆرگەنىدىم، ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ يوللاپسىز. تېمىغا قارىتا ئازراق ئەسكەرتىش بەرسەم :

"خەن** «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قىلىقسىزلىق قىلغان» دېگەن گۇمان بىلەن  قولغا ئېلىنغان، " ...

قولغا ئېلىش ۋە تۇتۇلۇش ئىككىلىسى ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى سۆز.
ئاددى تىلىمىزدا  چۈشەندۈرگەندە،  تۇتۇلۇش --  گۇماندارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنىپ تەكشۈرۈش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىلگەنلىكىدەك بىر ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ، ئادەم تۇتۇلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىك تەكشۈرۈش ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغانلىقى بۇ كېيىنكى قەدەملىك خىزمەت.
ئەمدى قولغا ئېلىش دىگىنىمىز، گۇماندار توختىتىلىپ تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا  جىنايىتى بارلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ج خ ئورگىنىنىڭ تەكلىۋى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان بىر قانۇنىي ھەرىكەت.
ئىككىسىنىڭ پەرقى : توختىتىلغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ جىنايەتلىك بولۇپ كىتىشى ناتايىن، ئەمما قولغا ئېلىنغان كىشلەر جىنايىتى بېكىتىلگەن ياكى ئىسپاتلانغان بولىدۇ. توختىتىلغان كىشلەر تەكشۈرۈشتىن كېيىن جىنايەتلىك بولسا  قولغا ئېلىنىدۇ ياكى تەكشۈرۈش دىلوغا چېتىشلىقى بولمىغاندا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما قولغا ئېلىنغان كىشلەر سوتقا چىقىدۇ ۋە جازا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىشى
تۇتۇلۇش - 抓捕, 抓获
جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇش - 刑拘 , 刑事拘留
قولغا ئېلىش- 逮捕
قاماپ قويۇش، تۇتۇپ تۇرۇش  - 羁押

مۇشۇ خىلدىكى ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەسكەرتمە بېرىلدى .
ئېھتىرام بىلەن : سايە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:32 , Processed in 0.048456 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش