يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 754 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 10

ھەبىبۇللا موللام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئىسىم فامىلىسى:ھەبىبۇللا موللام
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1974-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

تۇغۇلغان جاي: غۇلجا قورغاس ناھىيىسى
ئېكرانغا تۇنجى چىققان ۋاقتى:2002_يىلى
تۇنجى ئېكران ئوبرازى:خې ئەمىر
قان گۇرۇپپىس:oتىپ
بوي ئېگىزلىكى:1.71مېتىر
مۆچىلى : يولۋاس
بالىلارنىڭ نەچچىنچىسى: بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى

ئەڭ
ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى: ئاتا-ئانىسى
ئۆزىگە ياقىدىغان پەسىل: قىش ۋە ياز
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل: ئەتىر گۈل
ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ:قىزىل رەڭ
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى:‹‹ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟››
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر چولپىنى: خالمۇرات ئۆمەر،
ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابى: «ئانا يۇرت››

ئەڭ رازى بولغان ئېكران ئوبرازى: خې ئەمىر، توختى پاڭ
ھاياتىدىكى ئەڭ
خوشاللىقى: تۇنجى پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۆكۈنىدىغان ئىشى
: سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇيالمىغىنى
ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەقىدىسى:ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش.
ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى: مۇزىكا چېلىش
تاماشىبىنلىرىغا دەيدىغان
سۆزى: خەلقنىڭ تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن خالايمەن
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچى - شائىر: لۇتپۇللا مۇتەللىپ،
زوردۇن سابىر ،مۇھەممەتجان راشىدىن.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان

سەنئەتكار: مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن،
ئادىل مىجىت

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا:
‹‹ئەجەم››

ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: مىللەت ئۈچۈن ياراملىق سەنئەتكاربولۇش
خاراكتېرى: كىچىك پېئىل
مىجەزى: خۇشچاقچاق، چېقىشقاق،ئوچۇق مىجەز
جۆرىسى: گۆھەربانۇم
جۆرىسىنىڭ كەسپى: ئائىلە ئايالى

ھەبىبۇللا موللام،-1974يىلى2ئاينىىنىڭ2-كۈنى غۇلجا قورغاس ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يىزىسىنىڭ كۆنچى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئەسلى ئىسمى ھەبىبۇللا موللام بولغىنى بىلەن ئۇنى كىچىكىدىنلا مەھەللە –كويدىكىلەر،ئەل-ئاغىنىلىرى  ئىسمىنى قىسقارتىپ ‹‹ئەبەي››،‹‹ئەبەيخان››دېگەندەك قىسقارتىلما ئىسىملار بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە.
ئۇ 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە پارلاق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان.
1985-يىلىدىن 1989-يىلىغچە قورغاس ناھىيىلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان. 1989-يىلى شىنجاڭ ماشىنسازلىق ئىلىكتىرۇن تىخنىك مەكتىپگە قوبۇل قىلىنىپ 1992-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرگەن.
1992-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ياغاچ ماتېرىيال تىرانسىپورت شىركىتىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ، 2000-يىلى
7-ئايدا كارخانا ۋەيران بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىزمەتتىن توختاپ قالغان.
ھەبىبۇللا موللام سەنئەت ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا سەنئەتكە كىچىكىدىنلا قىززىقاتتى ، ئۇ گىتتار چىلىپ ، ناخشا ئىيتىپ
مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن .

ئۇنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ ئۆزگىچە بولغان يەنى تاققا-تۇققا ،داڭقان-پۇتى گەپلەر بىلەن خەلىقنى كۈلدۈرۈپ كەلگەن .
ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىچە سۆز ئويۇنى ئەل ئارىسىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى ،
ئۇنىڭ بۇ سۆز ئويۇنى يىڭىچە ئۇسلۇب بولغاچقا كىشىلەرنىڭ دىىققىتىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزىگە تارتتى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭ شۇ قىززىق،ئۆزگىچە بولغان گەپلىرىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ
قىلىدىغان بولدى .

بۇ ھەبىبۇللا موللامنىڭ بۇنداق قىززىق، يۇمۇرىستىك سۆز ئوينىنى چوڭ سەھنىگە ئىلىپ چىقىپ خەلقنى ئۆزىگە قارىتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئۇنىڭ تاغىسى يەنى ئاپىسنىڭ ئىنىسى ئابدۇرىشىت مۇھەممەت چوڭ تەسىر قىلغان ، ئۇنىڭ تاغىسى ئابدۇرۇشىت مۇھەممەت، ھەبىبۇللاغا
ئوحشىمايدۇ، ھەبىبۇللام سەھنىدە تاققا-تۇققا سۆزلىسە ، تاغىسى ناھايىتى يۇمۇرىستىك بولۇپ ئادەتتىكى تۇرمۇشتا تاققا-تۇققا سۆزلەييتتى .
مەسىلەن: ھەبىبۇللام تاغىسدىن :‹‹رىشىتكا ئۆيۈڭگە باراي دىگەنتىم ، ھەدىمىز نېمە تاماق ئىتىۋاتىدۇ؟›› دەپ سورىسا رىشىتكام:‹‹ ھەدەڭ، ئۈزۈپ تاشلاپ مانتا ئىتىۋاتىدۇ ياكى بولمىسا گاڭپەنگە خېمىر يۇغۇرۋاتىدۇ.›› دەپ جاۋاب بىرىدۇ.  يەنە بىركۈنى ھەبىبۇللام تاغىسى رىشىتكامنىڭ ئۆيىگە بارسا، رىشىتكام قازان بىشىدا سەي قورۇۋاتقان ،
ھەبىبۇللام :‹‹ يە رىشىتكا ھەدىمىز نەگە كەتتى ؟ سەينى ئۆزۈڭ قورۇپ كىتىپسەنغۇ؟››سەپ سورىسا ، رىشىتكام :‹‹ئۇھەزىلەك ، بۆرتالاغا كەتكەن ›› دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.

رېشىت مۇھەممەت بىر كۈنى، دەۋازا ئالدىغا چىقىپ تۇرسا ، ئۇنىڭ ئالدىدىن مەھەللىسىدىكى بىر بالا ئۇنىڭغا باش لىڭىشتىپ قويۇپلا ، ۋىلىسپىتىنى ئۇچقاندەك تېز ھايداپ ئۆتۈپ كېتىپۇ، ئۇ بالا
ئېغىر ۋېلىسپىتىنى ھايداپ تىك دۆڭگە
چىقىۋىتىپ يېرىمىگە
كەلگەندە ، رىشىتكام ئۇنى ئۈنلۈك تولاپتۇ ،:‹‹ھەي تۇرسۇن! بۇياققا كىلە ئۇكا گەپ با!›› دېسە :‹‹نېمە گېپىڭ با رىشىتكا ؟! باياتىن دېسەڭ بولمامدۇ؟›› دەپ سورىسا،رىشىتكام:‹‹بولە چاققان !›› دەپ بىچارە بالىنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئەكەپتۇ، ئۇ بالا كېلىپ:‹‹ نېمە دەيسەن؟›› دېسە ئۆيگە باشلاپ كىرىپ چوڭ سۇ تۇڭىنى كۆرسىتىپ :‹‹ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ ئۇكا ؟ ھەدەڭ تولدۇرۇپ قويۇپتۇ›› دەپ بىچارە بالىنى تازا چاپتۇ .
يەنە بىركۈنى چۈشتە رىشىتكامىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرسە، رىشىتكام ئۇخلاۋاتقان شۇنىڭ بىلەن بۇنى كۆرگەن ئاپىسى :‹‹ھەي رېشىت ، چۈشكىچىمۇ ئۇخلىغان بارمۇ؟ يىشىڭ 40 قا كىرىپ قالدى سەھەر تۇرۇپ ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟دەپ سورىسا ،رىشىتكام كۆزىنىمۇ ئاچماي تۇرۇپ :‹‹چاتىقىڭ نېمە ›› دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،بۇنى ئاڭلىغان ئاپىسى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ :‹‹ھەي چاتتىقىڭ نېمە؟ دىگىدەك بوپ كەتتىڭما؟ ، مۇسۇلمان قائىدىسى بويىچە مىنى يەتتە قېتىم ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپىرىپ ،يۈدۈپ ئەكەلسەڭمۇ بالىلىق قەرزىڭ تۈگىمەيدۇ! چۈنكى مەن سىنى ئىمىتىپ چوڭ قىلدىم دىسە ، رىشىتكام ئىككىلەنمەي :‹‹ ۋاي ئاپا ،مەھەللىدىكى شۇپۇرنى ئىىتىپ باقە سىنى چىڭسىخوسىغا ئاپىرىپ قويامدىكىن!›› دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ئابدۇرىشىت مۇھەممەت مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك، تاققا-تۇققا گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ يۈرىدىغان ئادەم بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ خارەكتىرى ۋە قىزىقارلىق مىجەزى ھەبىبۇللاغا ناھايىتى چوڭ تەسىر قىلغان
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى يۇمۇرىستىك بىر ئائىلە ئىدى .ھەبىبۇللام 2008-يىللىق قۇربان ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلىكىدە ‹‹لەتىپىچىلەر كۇلۇبى›› دېگەن نومۇردا ئۆزنىڭ تالانتىنى خەلققە يەنە بىر قىتىم  زور نامايەن قىلىپ،پۈتۈن شىنجاڭدا غۇلغۇلا قوزغىدى .ئۇ يەنە كۆپلىگەن قىزىقارلىق كىنو-فىلىم ۋە ئىتوتلاردا ناھايىتى يۇمۇرىستىك روللارنى ئالغان. مەسىلەن:‹‹بەڭگىلەر ماجراسى›› ،‹‹قىرلىق ئىستىكان پاجىئەسى››،‹‹توختى پاڭ››  قاتارلىق كومىدىيىلىك كىنولاردا ناھايىتى ياخشى روللارنى ئالغان،ئۇ ‹‹يەنە خې ئەمىر غۇلجىدا››،‹‹توختى گاداي باي بولدى››،‹‹لەتىپىچىلەر كۇلۇبى›› قاتارلىق ئىتوتلاردىمۇ ناھايىتى ياخشى ،ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى.ئۇ يەنەگېتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى يېتىلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ‹‹گۈزەل قورغاس››،‹‹ئىيت ناخشاڭنى دېھقانلار›› قاتارلىق ناخشىلىرىنى كىشىلەر سۆيۈپ ئاڭلىماقتا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:21  


Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:22:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاققا تۇققۇ پاراڭكەنلەرغۇ بۇ ،ۋۇي بۇنىڭ ماھارىتى قالتىسكەن غۇ  ھە!

Rank: 8Rank: 8

توردا
149 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قېتىم قاتتىق كۈلىۋەتتىمدە . بۇ ئارتىسنىڭ ئىتوتلىرىنى خېلى كۆرىمەن. تاققا تۇققا سۆز بولغان بىلەن يەنە بىر يەرلىرى باغلىنىپ يۇمۇرلۇق ماڭىدىكەن.

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 16:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە ئىنكاس يېزىڭلا دىسە ، دەرەخنىڭ ئۇچىدا يول باركەن ، مەرۋەرى لەڭمەن ئېتىپتۇ كىرىپ كىر يۇيۇپ چىقىمىز دەپ چاقىرغان ئايقىز تاپالمىدىم  .  مانا ئەمدى كىنو كۆرەرمەن دەپتىكەنمەن ئېتىزغا سۇ تۇتۇمىز شاللىقتا ئىلان بار ، سايەڭلەردىن  قوقماڭلار ئۇ جىن ئەمەس ، كېلىپ ئۇسۇل ئوينىغانغا يەتمەيدۇ دەيدۇ . دەرۋازا ئالدىدا ئانار ئوكۇل سالىدىكەن ، دەريادىن كېچىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل ماڭسىڭىز مۇنبەرگە بارىسىز . شۇنداق قىلىپ ئاستا چىقىۋالاي ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىغا كېچىكىپ قالىمەن بىكار ....

تەغدىر يولىدا تەدبىر

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاققا تۇققا پاراڭ قىلىدىغاندىن يەنە بىرسى چىقتى مانا .

Rank: 8Rank: 8

توردا
149 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SoFi بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 16:40 دە يوللىغان
مۇنبەرگە ئىنكاس يېزىڭلا دىسە ، دەرەخنىڭ ئۇچىدا يول باركەن ، مەرۋەرى لەڭمەن ئېتىپتۇ كىرىپ كىر يۇيۇپ چىقىمىز د ...


ئامىن ! ئاللاھۇ ئەكبەر !  ئوڭشىلىپ كىتىسىز !

Rank: 1

توردا
16 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
48
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان بولۇمسىز گىتارنى خېلى پەيزى چەپ قويدى ھە.

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 19:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


[ otkankunlar بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 19:15  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر ، ئۇ ياق خالمىرات ئۆمەر ئەمەس ، ئالىمجان بولۇمسىزمۇنىڭ رولىنى خالمۇرات ئۆمەر ئالغان . بۇ يىگىت ئەبەي موللام .

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوت: خې ئەمىر غۇلجىدا



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:41  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:07 , Processed in 0.055254 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش