قىزلارغا 100 نەسىھەت
تۈزگۈچىدىن
سىز ۋە بىزگە مەلۇمكى ھاياتنىڭنۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىممەتلىك ھايات جەۋھەرلىرىنىمۇجەسسەملىگەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام قىلىپ:«ھېكىمەتلىك نەسىھەتكە يېقىنقۇلاق مەڭگۈ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ» دەپ ئېيتىقان
.
دەرۋەقە،كىشىپايدىلىق نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىپ تۇرسا،ھاياتىنى گۈزەل مەنالارخەزىنىسىدە سەير قىلدۇرالايدۇ.بۇ خىل سەير ئىنساننىڭ ھاياتىقا بولغان چۈشەنچىسىنىتېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەرىسخانىسى بولۇپ،بۇ خىل دەرىسخاننىڭ كۆپلەپ تەسىس قىلىنىشىئىنسانىيەت،شۇنداقلا جەمىئيەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.مەن خەلىقىمىزنىڭئۆز مەنىۋىيەت ئالىمىگە تۇلىمۇ ماس بولغان ھېكىمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەكئۇچىرشىش ئىستىكىگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتى تېگەر دېگەن مەقسەتتە،قولىڭىزدىكى «قىزلارغا 100نەسىھەت»دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چېقتىم.
كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھېكىمەتلەر
زامانىمىز قىزلىرنىڭ ئۆز-ئۆزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدە ،ئۆز قىممىتىنى بىلىپ يېتىشىدەتۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ
.
بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،
قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىندۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلارقەلەم قاش، شەھلا كۆز، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا،ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىيتىمۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان،قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتبارلىق قىز نامايان بولىدۇ ۋەبۇنداقلاركۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋەياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچەقەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ
.
ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،
ئىپپەت__ ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاسپاكىزلىق، ھايا، نەپىسلىك، زىبالىق، ھۇشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگەھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى__ يېرىم بايلىق، ئەقلى بولساخەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇردىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايابىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەتئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە__ كىشىنىڭ ھايا ۋەئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىي ئىنسانلىقخاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ
.
ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،تىل بىلەن يۈرەك__ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بولىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا،ئادەممۇ بەخىتلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋەبەخىتسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل __ يۈرەكنىڭجارچىسى. يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگەكەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈتقىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى – پىكىر، پىكىرنىڭدەلىلى – سۈكۈتتۇر. سەن سۈكۈت قىلش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىنيىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ
.
تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغانۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنىسۆزلىمە، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھاللىقنى كۆزدە تۇتۇشكېرەك. جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارا سۆزلە، زۆرۈربولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گۇياكىئاجىزلىقتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن – كەلمىسۇن،جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى، سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىنچىقىدۇ
.
بەشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسىسىلىق-سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىكسۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راسىت سۆزلەش، گەپنى قسقا، مېغىزلىق قىلىشقا ، مەنلىك،ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلىماسلىقكېرەك. خەلىقىمىز تولا گەپ قلىدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپئاتايدۇ. كۆپ گەپ قلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىقچىقىپ تورىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قلىشدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر
.
ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان،ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش،مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسدا كالتە،تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىزھەركەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىرقەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر
. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىدىنزىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىقكىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسۈتۈپ قويۇشى مۇمكىن
.
يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيىتشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا،بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەردائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋالپەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇچىنچى، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستىكۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىسۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگەدۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاپ كەلتۈرىدۇ
.
سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،ئۈچ خىل كىشى ھېكىمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر. بۇنىڭبىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشىكېتىۋىردىغانلار، بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى،تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقائاجىز كېلىشىدىن قورقىماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭدۈشمىندۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭخۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىر ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمانكەلتۈرىدۇ
.
توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،ياخشى خويلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىنىكىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە ، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنىتاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنىجايىدا پەرىقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۈزىنى تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداقتەربىيلەنگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكى، پەزىلەت غۇنچىسى قەلب تۆرىدە ئېچىلغان بولۇپ،ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىكھېسابلىندۇ
.
ئونىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگەبولغان كىشىلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەرئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، شىجائەت ناگان-ناگاندائېھتىياج تۇغۇلىدۇ، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەربولۇۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەر خىل شەرت-شارائىتلاركېرەك. ئەمما، خۇشلۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرشەلەيدۇ
. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسىباشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى، ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىنبولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ
.
ئون بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دەۋىرداشلىرىڭدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشتۇلمۇ نومۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىميلىك قابىليەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەمتۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنسان بالىسىئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نومۇس قلىش توغرا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقدىننومۇس قىل، خورلۇق ھىس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىنخورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تويغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەنئالدىنۋاتقانلىقىڭنىمۇ ، ھاقارەتلىنۋاتقانلىقىڭنمۇ ھېس قىلالمايسەن. نېمىنىڭ ھەق،نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرىقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگەقانچلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلۋاتقانلىقنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن
.
ئون ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلەشكەن يامان داغ_ نومۇسىنىڭ كېتىشى بەكمۇ قىيىن. بەزىدەبايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبىرنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدەئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۈبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچەئويلىماي ئىش قلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىننى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ
. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭقىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىندۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭكۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىندۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك،ئىپپەتلىك، سەۋىر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىشقىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشىلەر ئەپۇ قلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇقىلىنمايدۇ
.
ئون ئۈچنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدىرگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈنكۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمۈت يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭمەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىتسىزلىكۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ
. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنىقاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قۇرساق تويغۇزۇۋېلىپ تاماشابىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقنى قايتۇرغاندا ئۇلارنىقانائەتلەندۈرمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۈزۈڭگە ھەممەيەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ
. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر
.
ئون تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭىزنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولغايسىز
. تاكى جەمئىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ:«بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ؟، نېمە ئىشقىلدىغاندۇ؟ ئەجەب ئەدەپلىك قىزكىنا» دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن. سىزدىنھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىكسېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بولغىندۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسڭىزلا،ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزداتۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، بۇ ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپقويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۈرسىز
.
ئون بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ
. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە پايدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىشئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قويۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلاغازىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قويۇشنىئۆگىنۋېلىڭ! باشقىلاغنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگەيېتىسز. ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئىھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارماسلىق كېرەك. يول قويۇشتا ھەر قانداق ئىشقائىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغادۆڭگىمەسلىك كېرەك
.
ئون ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگەسالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچىرغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرڭىزدا،سۇغۇققانلىق بىلەن ئەستايدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىنكېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ. بولۇپمۇ بەزىلەر سزگە بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدەئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دىگەنلىرنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىرغەيرىي نىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سىزئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغانبىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ھەرگىزباشقىلارنىڭ قول چۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ
.
ئون يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تۇنۇشتا بولمىسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگەئىشەنمىسڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىز تېخمۇ مۇمكىنئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەييېڭىلنىشى مۇقەررەر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇپ، ئۆزىمىزنىڭئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇنئېڭىمىزنى ئويغىتالىشىمىز، ئاندىن تامامەن يىپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارتالىشمىزمۇمكىن. ئۆزىگە ئىشنىش_ مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رېئاللىققائايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك_ئەسلىدىكى مۇمكىنچلىكنى مۇمكىنسىزلىككەئۆزگەرتىۋېتىدۇ
.
ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئاقىللارنى ئۆزلىرنى دۈشمەن ھىيلە-مىكىرسىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ
. دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشىلەر بولسا دۈشمەننىڭيالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ
. ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەتساقلىندىغانلىقنى بىلمەيدۇ. ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشگە قەسىت قىلىشىغا قۇدىرتىيەتمىسە، ھىيلە ئىشلتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۇم بولۇۋېلىپ،سىرلىرددىن ۋاقىپ بولىدۇ_دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈكزىيانلارنى سالىدۇ. ئەگەر ئۇ زىيان سالسا، ئوتلۇق چېقندەك جان خامىندىن باشقىسىنىكۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپتەگمەيدۇ
.
ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئەگەر بىرى سىنڭ ئەيىب، نوقسانلىرىڭنى ئېيتىسا، قۇبۇل قىلىپ كەمچىلىكىڭنىتۈگىتىشكە تىرش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ كەلگەن كىشىنى زادى كەمسىتمە،بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشىمۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممەئىشڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇلىرىڭ ۋەيران بولسا،تىرىكچىلىكىڭ قىيىنچىلقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلىقنىڭ ئالقىشغائىگە بولۇشنى ئىزدىسەڭ، ئالىيجانابلىق يولىنى تۇت
.
يىگىرمىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ-زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ مۇئامىلسى قوپال،چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئىشنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم،ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايان قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەتبەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيتىنى، مۇئامىلە سەنئىتنى بىلمىسە ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭھۆرمەت ئېتبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇشئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يوقۇرى بولۇشى كېرەك
.
يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، سۆزلەش يۇلى ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ
. ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەككى،ئويلىماي ئېيتلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم جەۋگاننىڭ توپىسىغا ئايلاندۇرغان،جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نوقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدەبار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىكۋە بىمەھەللىك كىلىتى بىلەن سۆزلىشش قۇلۇپىنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرىتوغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭگۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزەرىدە ئېتباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىمئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ
.
يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دىگەن ھەقىقەتەن تۇلىمۇ قىممەتلىك ۋەقەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىنمەھرۇم قالدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغائەسىر بولۇپ ئۆزىنى بولغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇلقاپقىندىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرشەلەيدۇ. ئۇنداقچىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتىسمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن_پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپقالما. پۇل دېگەن ئازىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننىبولغاپ ئىنساني پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ
.
يىگىرمە ئۈچنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نومۇس چۈمپەردىسگەچۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنىيۈركىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بولسىڭىزمەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئۇقۇتقۇچىلىرڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈركىدىن ئىچى كۆيمەيقالمايدۇ؛ ئەگەر سىز كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتىكىسدە ھەممەھۆرمەتلەيدىغان شەخىسكە ئايلىنسىز
.
يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئېغىر-بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۈھەر دېسەك، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغانمەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سەن شاھ بىلەن گاداينى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرالايسەن
. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشنى ئادەملەر ئارسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئارازچىلىقۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئىنسان ۋوجۇدىنىڭمېۋىلىك بېغىدۇر، ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەنتولغان زەر كاندۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس
. ئۇنىڭدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى پۈتكۈليەر-جاھاننى دائىما ئىللىتىپتۇرغاي
.
يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭبەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشلىقبىلەن جاۋاپ بېرىدۇ. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئابىلەن داۋاملىق يادلىندۇر، ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇقايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بولياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شۆھرىتىنى ئۆزۈڭ كۈرسەن
.
يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر، دېمەك ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپقويالايدۇ. سەن قانداق بىلىم ئىگەللىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولسەن. ھەقىقىئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولسەن. ھېچنېمىدىنخەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر. جىسمانىي قۇدرەتۋەئەقلى قابىليەت گۇيا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ. پاراسەتلىك، ئەمماجاسارەتسىز بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ
.
يىگىرمە يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخىت-قۇت كەلتۈرىدۇ؛ ھايا، مۇرۇۋۋەت،ساداقەت، تەۋازۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نومۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت،ھلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت. مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنىبەخىتسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ: ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببورلۇق،يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خيانەت، جاھىللىق ۋە ھۇرۇنلۇق. كىمنىڭھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى. بىراۋ ئەدەپ ئۈگەتسە،ئۈگەنمىگەن كىشى ھايۋان؛ ئۆزىرە سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر
.
يىگىرمە سەككىزىنچىنەسىھەت
ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇردىغانئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى كۈنى تېنىۋالمايدۇ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. كىشىۋەدە قىلىپ، قىلىغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىسا، خەلىقنىڭئۇنىڭغا ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. ۋەدىنىڭ ئاپىتى__ ۋەدىسگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنىسەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر. ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلىغۇچى باشقىلارماقۇل بولغۇدەك بىرەر سەۋەپ كۆرسۈتەلمىسە، كىشلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپقالىدۇ. شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر
.
يىگىرمە توققۇزىنچىنەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىنسانلار ئۈچۈن ھايا- ئىنتايىن شەرەپلىك بىرخىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر. ھايا- ئادەمزات جەمئىيەتنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىكبولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر. ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشىلەر ئارىسىدىنيوقىلىپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بۇلۇپ قالسا، ئالەمنىڭنىزامى بۇزۇلىدۇ. خەلقئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ. مەئىشەت ئامانلىقىغا زوربالالار توغۇلىدۇ. كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغانبولۇپ قالىدۇ. كۈچلۈكلەرئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ. ھايا-كىشىلەرنى ناچارئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئى كۈچتۇر. ئىنسانغا ھايادىن تولۇقپايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر،ياخشى خۇي- ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىنپەرۋىش تاپمىسا، تولۇق پىشالمايدۇ
.
ئوتتۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم،ھۆكۈماللار خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى ئون خىل بولىدۇ دەيدۇ. بىرىنچى، ياخشى ئىشتوغرىسىدا كىشىلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىك. ئىككىنچى، ئۆز نەپىسىدىن ئۆزلىكىدىنئىنساپ كۆرسىتىش. ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك. تۆتىنچى، كىشىلەردىننا لايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا سېلىش. بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىنئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش، ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش
. يەتتىنچى، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش. سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنىكۆزلىمەسلىك. توققۇزىنچى، باشقا كىشىلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش. ئونىنچى،كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش
.
ئوتتۇز بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم،ساخاۋەت_ ئۆزگىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېمەكتۇر. ئېھسان__ كىشلەرگە ياخشىلىققىلىش دېمەكتۇر. ساخاۋەت__ ئىنسانلانىڭ كىشىلەر ئارسىدىكى ياخشى نام ۋە ياخشى سۈپەتقالدۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. جىمى ئادەمزات ئۈچۈن مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن، گاداي بولسۇن،ئالىم بولسۇن، باي بولسۇن__ ھەممىسىگە ساخاۋەت ۋە ئېھساندىن ئارتۇق سۈپەت ۋەپەزىلەت يوقتۇر. ساخاۋەت__ خۇددى جەننەتنىڭ دەرەخلىرىگە ئوخشاش، جەننەتنىڭدەرەخلىرى بولغاندىمۇ ئاللاتائالانىڭ رازىلىق ئېرىقلىرىنىڭ لېۋىدە ئۆسكەن دەرەختۇر
. ساخاۋەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نام_شەرەپ بولسا ئۇنىڭ چېچەكلىرىدۇر
.
ئوتتۇز ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھايا-گۈزەللىك دەرىخنىڭ بىر شېخى، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۈت بولۇپتۇرۇشىدىكى مۇھىم شەرتتۇر. ئىنساندىن ھايا كۈتۈرۈلسە، ھېچ كىشى ھېچ كىشىدىنئۇيالمايدىغان بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ ياخشى رەسىمى-قائىدىلەر تۈگەپكىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىشلىرى ۋەيرانچىلىققا يۈزلىنىدۇ، ئىنسابسىزلىقئەۋىج ئېلىپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئېتىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغانبولىدۇ
.
ئادالەت قانات يايدۇرۇلسا، ساختىلىققا ئۇرۇن قالماس، ئادالەت ھاۋاسىمەملىكەتكە گۈزەللىك بەخىش ئېتەر
.
ئادالەت بىر ئاپتاپتۇركى، ئۇنىڭ نۇرى بىلەنقاراڭغۇلۇق يۇرۇغاي
.
ئوتتۇز ئۈچنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، قىزلانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى نازاكەتلىك، يېقىملىق بولۇشى كېرەك
. ئۇلارغا ئارتۇقچە ھەرىكەت، قوپال سىلكىشلەر ياراشمايدۇ. نازاكەت، يېقىملىق دېگەندەمۇلايىملىق، ئىش-ھەركەتتىكى نازۇكلۇق، يۇمشاقلىق چۈشىنىلىدۇ. قاتتىق سۆزلەش، قاتتىقكۈلۈش، قوللىرىنى شىلتىپ ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىش قىزلارنى نازاكەتتىنيىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دەرھەقىقەت، تىلى يېقىمىلىق، چىرايى گۈلگۈن قىز-ئاياللار ئۆزئائىلىسىنىڭ بەخىت-سائادىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بەختى بولۇپلا قالماي، ئۆز ئېلىنىڭمۇكۆرىكىدۇر
.
ئوتتۇز تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا قىلغان ساياھىتىڭىزدە دائىم ئۆتمۈشنىڭ ئاجايىپجەزبىگە تولغان ئىللىق قوينى ئارقىلىق سىزنى ئالەمچە ھېسلار قۇچىقىدا ئەللەيلەيدۇ،ئۆتمۈش، ئەجدادىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىيتىدىن ئىلھام ۋە ھاياتىي كۈچئالدىغان ئەۋلاتلىرىمىزنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن دادىل يولئاچالايدىغان جاسارەتكە ئىگە ئىلىم گىگانىتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ؛ يىلتىزئىزدەش دائىم سەمىڭىزدە بولسۇن، يىلتىز ئىزدەش روھى دائىم سىزگە ھەمراھ بولسۇن،شۇندىلا سىز ئۆز قەددىڭىزنى مەغرۇر كۈتۈرۈپ، ئۆتمۈشكە ئۆتمۈش كۆزىدە قاراپ،كېلەچەككە ئۈمىدۋار نەزەر تاشلاپ، پارلاق كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادىڭىزئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيسىز
.
ئوتتۇز بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، سىز قايغۇ-ھەسرەت چەككەندە ياخشىسى بىرەر نەرسە ئۈگىنىڭ، ئۆگىنىش سىزنىمەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغۇزىدۇ. سىز قېرىپ كېتىشڭىز، تۈن بويى ئۇخلماسلىقىڭىز،مۇھەببەتتە، ئوڭۈشسىزلىققا ئۇچىرشىڭىز مۇمكىن. ئەتراپىڭىزدىكى دۇنيانىڭ بىر توپتەلۋىلەر تەرپىدىن ۋەيران قىلىنۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇشىڭىز مۇمكىن.نامىڭىزنىڭيامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرپىدىن بۇلغىنۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىشىڭىز مۇمكىن. بۇچاغدا قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىرلا ئىش بار__ ئۇ بولسىمۇ ئۆگىنىش. كىشلىك دۇنياسىنىڭقانداق ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەپلىرىنى تەتقىق قىلىڭ. ئۆگىنش ۋە پەقەتئۆگىنىشلا روھىڭىزنى مەڭگۈ قېرىتمايدۇ، سىزنى مەڭگۈ يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايدۇ،رۇھىي ئازاپتىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ. مەڭگۈ پۇشايمانغا قويمايدۇ
.
ئوتتۇز ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھۈنەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ناتىقلىقتۇر. تەڭرىم ئىنساننى ھەممە مەخلۇقاتتىنكاتتا قىلىپ ياراتتى. باشقا جانلىقلاردىن ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئون نەرسىنى زىيادەقىلىدى. ئۇ ئون نەرسىدىن بەشى بەدەننىڭ ئىچىدە، بەشى بەدەننىڭ تېشىدا. بەدەننىڭئىچىدىكى بەش نەرسە: پىكىر قىلىماق؛ يادىغا(يادقا) ئالماق؛ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپقالماي، كۆڭلىدە ساقلىماق؛ خىيال قىلماق؛ سۆزلىمەك
.
بەدەننىڭ تېشىدىكى بەشنەرسە: ئاڭلىماق؛ كۆرمەك؛ پۇرىماق؛ سىيلىماق(سىيلاش ئارقىلىق قاتتىق-يۇمشاقنىبىلىش)؛ تېتىماق (تېتىش ئارقىلىق ئاچچق-تاتلىقنى بىلىش). بۇ نەرسىلەر ھايۋانلارغانىسىپ بولغان ئەمەس. نىسىپ بولدى دېگەندىمۇ، ئادەمدە بولغان دەرىجىدە ئەمەس، ئۇشبۇسەۋەبتىن ئىنسانلار ئۆزىگە جانلىقلارغا پادىشاھتۇر
.
ئوتتۇز يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ياخشىلىققىلغۇچى ۋە ياخشلىققا (ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغۇچى بۇ ئىككىسىبىر تۇغقاندۇر. زامانە ئۇلارنى بىر-بىردىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. قىلغان ياخشىلىقىڭئۈچۈن پۇشايمان قىلىما. ياخشلىقىڭ ياكى يامانلىقڭنىڭ جازاسىنى ئۇشبۇ دۇنيادىلاكۆرىسەن. چۈنكى، سەن بىراۋغا ياخشىلىق قىلساڭ، ئۇ كىشى قانچىلىك راھەتلەنگەن ۋەخۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىمۇ ھەسسىلەپ خۇشاللىق ۋە راھەت سەزگۈسى پەيدابولىدۇ. ئەگەر بىر كىشىگە يامانلىق قىلىساڭ، سېنىڭ كۆڭلىڭدىمۇ ھەسسىلەپ پۇشايمان ۋەغەشلىك پەيدا بولىدۇ. دەر ھەقىقەت، نەزەر سالغىنكى، كىشىنى خۇشال قلىساڭ، ئۆزۈڭمۇخۇشال بولىسەن. كىشىنى رەنجىتسەڭ، ئوخشاشلا ئۆزۈڭمۇ رەنجىيسەن
.
ئوتتۇز سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر قانداق ئادەم ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇ جاھانغا بارماستىنئىلگىرى، ئۇشبۇ دۇنيادىلا كۆرگۈسىدۇر. بۇ سۆزنى ھىچ كىشى ئىنكار قىلالمايدۇ. سەن ۋەمەن ھەم بۇ سۆزدە بەرھەقدۇرمىز. شۇڭا، قۇدرىتىڭ يەتسىلا كىشىگە ياخشىلىق قىلىشتىنباش تارتىما. قىلىغان شۇ ياخشلىقىڭ ھامان بىر كۈنى ساڭا مېۋە بېرىدۇ. قۇدرىتىڭنىڭبارىدا ياخشلىق قىلىشتىن توختىما. خالايىققا ئۆزۈڭنى ياخشلىق ۋە ۋە ياخشى پېئلىڭبىلەن كۆرسەتكىن. يامانلىق بىلەن كۆرۈنۈشتىن ساقلان. تىلىڭدا بىر خىل، دىلىڭدا بىرخىل بولمىغىن. ھېچقاچان بۇغداي كۆرسۈتۈپ ، ئارپا ساتما. ھەممە ئىشلاردا ئۆزۈڭنىڭھالىغا ئۆزۈڭ يەت
.
ئوتتۇز توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر كىشى ئۆز ھالىغا ئۆزى يەتسە، كىشىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. ئەگەر غېمىڭ ۋەشادلىقىڭ بولسا، كۆرگەنلا كىشى ئالدىدا ئاشكارا قىلىۋەرمە. غېمىڭگە غەم ۋەشادلىقىڭغا شاد بولىدىغان مۇڭداش تېپىپ ئاندىن ئېيىتقىن. ياخشىلىق ۋە يامانلىقھالىتىڭگە تېز سۆيۈنمە ۋە ھۇدۇقما. بۇنداق قىلىش، يەنى تېز سۆيۈنۈش ۋە ھۇدۇقۇشگۈدەكلەرنىڭ ئىشىدۇر. ئازغىنا بىر ئىش ئۈچۈن تەبئىتىڭنى ئۆزگەرتىمە. ئەقىل ئىگىلىرىبۇنداق ھالەتنى خوپ كۆرمەيدۇ. شۇنى بىلگىنكى، ھەر قانداق شادلىقنىڭ ئاخىرىداقايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى شادلىق دەپ بىلمە. ئوڭۈشسىزلىققا دۈچ كەلگەن ۋاقتىڭىدائۈمىدۋار بول. ئۈمىدسىزلىك ئىشكىنى ئۈمىد ئىشىكى بىلەن تاقا
.
قىرىقىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بۇ جاھاندى ئۆتكۈلۈك ۋە بۇ ئالەمدىن كەتكۈلۈك دەپ بىل
. ھەققانىي ۋە توغرا ئىشلارنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلان. ئەگەر كىشى ساڭا ئاچچىقلىسا،سەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى خامۇشلۇق بىلەن پەس قىل. ئەخمەقنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بىرىشتىنئۆزۈڭنى تارت ۋە ھېچ كىىشىنڭ ئەمگىكىنى زايا قىلما. خۇدا رىزاسى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭھاجىتىنى راۋا قىل. ئۆز يۇرتۇڭدىكى يېشى چوڭ، قېرى كىشلەرگە كۆپ ئىززەت قىل
. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز قەبىلىسدىكى قېرىلار، شۇ قەبىلە ئۈممەتلىرى ئارىسىداپەيغەمبەرگە ئوخشاشتۇر» دېگەن. قېرىلارنىڭ سۆھبىتىگە تولا ھېرىس بولما. ئۇلارنىڭئەيىب-نوقسانلىرىنى بىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالايسەن. ئەمما، قېرىلارنىڭھۈنەر-پەزىلەتلىرىگە نەزەر سال. ئەيىب-نوقسانىلىرىغا كۆز سالما. كىشىنىڭ ئەيبىگەكۆز سېلىش ئەيبتۇر
.
قىرىق بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھۇرۇنلۇق بەدەننى بۇشاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭ سېنىڭ پەرمانىڭغابويسۇنمايدىكەن، سەن خاتىرجەم بولالمايسەن. چۈنكى بەدەننىڭ سۇس ۋە بوشاڭ بولۇشىخاتىرجەملىكىڭنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بەدىنىڭ ئۆز مەيلىچە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ خاھىشىڭبويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. سەن خالىمىساڭ ياكى سېنىڭ ماقۇللۇقۇڭ بولمىسا، بەدەن ھېچبىرھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. بەس، سەن چېنىقتۇرۇش بەدىلىگە بەدىنىڭنىپەرمانىڭغا بويسۇندۇر. قەھرىڭ بىلەن ئىتائىتىڭگە كەلتۈر. ھەر قانداق كىشى ئۆزبەدىننى پەرمانىدا تۇتالمىسا، ھۈنەردىن بەھرە ئالالمايدۇ. قاچانكى بەدىنىڭنى ھۈنەرئۆگىنىشكە__ پەرمانىڭغا بويسۇندۇرساڭ، ھۈنەر بىلەن ئىككىلا جاھاندا سالامەتلىك ۋەخاتىرجەملىك تاپالايسەن
.
قىرىق ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەممە ياخشىلىق ۋە ئوبدانلىقنىڭ ئاساسى مۇنۇ سەككىز ئىش بىلەندۇر: بىرنچىسى،ئىلىم ئۆگەنمەك؛ ئىككىنچىسى. نەپسىنى يىغماق، تائەت-ئىبادەت بىلەن بولماق؛ئۈچىنچىسى، ياخشىلار، تەقۋادارلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولماق؛ تۆتىنچىسى، راسىتسۆزلىمەك؛ بەشىنچىسى، ئىخلاس ۋە ئېتقادىنى دۇرۇس قىلماق؛ ئالتىنچىسى، كىشىلەرگەئازار يەتكۈزۈشتىن يىراق بولماق؛ يەتتىنچىسى، باشقىلانىڭ ئېغىرىنى كۆتەرمەك؛سەككىزىنچىسى، شەرىم-ھايالىق بولماق
.
ئومۇمەن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئاساسى يەنىلاشەرىم-ھايادۇر. بىراق، «ھايا، يەنى ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق رىزققا توسالغۇ بولىدۇ
» دېگەن گەپمۇ بار. بەزىدە تارتىنچاقلىق چىكىدىن ئاشسا، ئۇۋالچىلىققا قالىسەن، شۇڭائارتۇقچە تارتىنچاقلىق قىلمىغىنكى، ئىشلىرىڭدا يېتەرسىزلىك كۆرۈلمىسۇن ۋە پايدىلىقئىشىڭدا زىيان بولمىسۇن
.
قىرىق ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر قاچان ياخشىلىق قىلدىغانلارنى ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشىلارنىڭ) ياخشىئىشلىرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. ساڭا ھاجىتى چۈشكەنلەرگە ئىزا قىلما ھەم ئۇلارنىھىممەتسىز ياندۇرما. خۇشخۇيلۇق بىلەن ئاتالماقنى ئۆزۈڭگە كەسىپ قىل. كىشىلەر ياماندەيدىغان خۇيدىن يىراق بول. زىيانكار بولمىغىن، يەنى زىيانلىق ئىش قىلمىغىن، چۈنكىزىيانلىق ئىشتىن موھتاجلق ھاسىل بولىدۇ ۋەمۇھتاجلىقتىن نامراتلىق ھاسىل بولىدۇ
. ھەمىشە ياخشى ئىش قىلىشقا تىرشقىن. ئاددىي خەلىقنىڭ ۋە جاھىللارنىڭ سېنى ياخشى ۋەئوبدان دېگىنى ھېساب ئەمەس، تا ئاقىللار-ئىلىم ئەھلى سېنى ئوبدان ۋە ياخشىدېگەي
!
ھەممە تائىپە بىلەن چىقىشىپ ئۆتكىن. دوست بىلەن دۈشمەننى ئارلاشتۇرۋەتمە
. ھېچ كىشىگە يامانلىق قىلىشنى ئۆگەنمىگىن، بولمىسا، يامانغا يانتاياق بولۇپقالىسەن
.
قىرىق تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، كىشىلەرنىڭ نەپىرتىگە-تەنقىدىگە ئۇچىرماي دېسەڭ، قىلىمىغان ئىشنى قىلغاندەككۆرسەتمە، يەنى قۇيرۇق كۆرسۈتۈپ، ئۆپكە ساتما. ئەگەر ئۇياتقا قالماي دېسەڭ، ئۆزۈڭيەردە قويمىغان نەرسىنى ئۈستۈن كۆتۈرمە. يەنى خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلما. ئەگەرئۆزۈڭدىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالماي دېسەڭ، ئۇلۇغلارنى كەمسىتمە. ئەگەرتۈگىمەس پۇشايمانغا قالماي دېسەڭ، كۆڭلۈڭنىڭ خاھىشىچە ئىش قىلما. ئەگەر ئۇلۇغلار،زېرەك ئادەملەر جۈملىسىدىن بولاي دېسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەرنىڭ ئەينىكىدە كۆرۈپ باق
. ئەگەر قەدىر-قىممىتىنمىنى ساقلاي دېسەڭ، ئاۋۋال ئۆزگىلەرنىڭ قەدىرنى بىلگىن. ئەگەركىشلەرنىڭ ماختىشىغا ئىرشەي دېسەڭ، پاراسەتسىز، كەم ئەقىل كىشىلەرگە سىرىڭنىئاشكارا قىلما. ئەگەر خەلىق ئارىسىدا ئابرۇي تاپاي دېسەڭ، ئاش-ناننى، يەنىداستىخىنىڭنى كەڭرى قىل
.
قىرىق بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر قانچە بىلىملىك بولساڭمۇ، ئۆز بىلىمىڭدىن مەغرۇرلانما. بىرەر ئىشئالدىڭغا كەلسە، ئۇ ئىشنى ئۆزۈڭ پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدىغان بولساڭمۇ، ئۆز خاھىشڭغابېرىلمە ۋە ئۆز بىلىمىڭگە ئىشىنىپ كەتمە. ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن كىشى ھەمىشەپۇشايماندىن خالىي بولالمايدۇ. باشقىلار بىلەن كېڭشىشتىن نومۇس قىلما. ئاقىلقېرىلار ۋە يېقىن دوسلىرىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇر. مۇھەممەت ئەلەيھسسالام پەيغەمبەرۋە ھېكىمەت ئۆگەتكۈچى بولسىمۇ، ھەقسۇبھانەۋەتەئالا مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقابۇيرۇپ: «يا مۇھەممەد، ئىشلىرىڭدا ساھابىلىرىڭ، سىرداش دوسىت-يارەنلىرىڭ بىلەنمەسلىھەتلەشكىن، تەدبىر سەندىن، نۇسرىتى مەندىن» دېگەن. بىر كىشنىڭ ئەقلى ئىككىكىشىنىڭ بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ ۋە بىر كۆز ئىككى كۆز كۆرگەننى كۆرەلمەيدۇ
.
قىرىق ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، مېھماننىڭ ھەققى ۋاجىپتۇر. لېكىن مېھمان قىلساڭ مېھمان بولۇشقا، يەنىھۆرمەتلەشكە، ئۇلۇغلاشقا لايىق ۋە مېھماندارچىلىققا ئەرزىگۈدەك ئادەمنى مېھمان قىل
. نادان، نائەھلى ۋە پەسكەش، بېخىل كىشلەرنى مېھمان دەپ ئۆيۈڭگە يۇلاتقۇچى بولما
. ئۇنداق كىشىلەر ئۇلۇغلاش_ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، مېھماندارچىلىقۋە ھۆرمەت – ئىززەتنى كۆرگەنلىكى كىشىگە قىلغۇلۇق ئەمەس. ئەگەر باشقىلارنىڭكىدەمېھمان بولۇش توغرا كەلسە، بولار-بولماس كىشىنىڭ مېھماندارچىلىقىغا بارما. ئەگەربارماقچى بولساڭ، بەك ئاچ قۇرساق بارما،بەك توقمۇ بارما. چۈنكى ھېچنىمە يېمىسەڭ ئۆيئىگىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. كىشىلەر رەنجىيدۇ. ناۋادا كۆپ يېسەڭ «قارنى يامان
» دېگەن ئاتاققا قالىسەن. مېھماندارچىلققا بارساڭ، بىر يەردە، يەنى ئۆزۈڭگە لايىقئورۇندا ئولتۇرغىن
.
قىرىق يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، كىشى مۇلايىم تەبئەتلىك بولمىغۇچە ئاشىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىشىقنىڭ ئۆزىمۇلايىملىقتۇر. كىشى خاراكتېرىنىڭ مۇلايىملىقىدىن ئىشىق پەيدا بولىدۇ. «ھەر كىشىئاتىسغا ئوخشىسا، ئۇنىڭغا زۇلۇم يەتمەيدۇ» دېگەن گەپ بار. شۇڭا ئىشىقدېمەك-مۇلايىملىق دېمەكتۇر. ئەگەر مۇلايىملىقتىن مۇلايىملىق توغۇلسا، ئۇنداقمۇلايىملىق ھېچبىر تاپا-تەنىگە قالمايدۇ. كۆرمىدىڭمۇ؟ قېرىلاردىن، يەنى قېرىلارغاقارىغاندا يىگىتلەر تۇلاراق ئاشىق بولىدۇ. چۈنكى يىگىتلەرنىڭ تەبىئىيتى قېرىلارنىڭتەبئىيتىدىن يېقىملىقراق ۋە نازۇكراق بولىدۇ
. ئادەتتە قوپال تەبىئەتلىك، ھۇرۇن كىشىھەرگىزمۇ بىراۋغا ئاشىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىشىق شۇنداق بىر ئاغرىقتۇركى، ئۇ نازۈكروھلارغا تولاراق ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر ئامال بىلەن ئاشىق بولۇشتىن ساقلان
. ئاشىقلىقتىن پەرھىز قىلغىن. ئاشىقلىق بالا ۋە ئاپەتلىك ئىشتۇر
.
قىرىق سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر قانداق بىر ئىش سۆز ياكى بىرەر كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانبولسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئىش ئۈچۈن پۇل خەجلىمە. زۆرۈر بولدىكەن، پۇل خەجلەشتىن ئايانما
. چۈنكى پۇلسىز كىشنىڭ ئىشىنىڭ قەدىرى بولماس! شۇنى بىلىگىنكى، ئادەملەرنىڭ تۇلىسىمەنپەئەتى بولمىسمۇ دۇنيادارلار (بايلار) نى دوسىت تۇتىدۇ؛ زەرىرى يەتمىسمۇكەمبەغەللەرنى يامان كۈرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ يامانراقى مۇھتاجلىقتۇر
. شۇڭا ياخشى ئاتاققا ئىرشەي ، ياخشى نام بىلەن زىننەتلىنەي دېسەڭ، مۇھتاجلارغاخەيرى-ئھسان قىل. ھەر كىشىنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ رازى قىلشقا تىرش. ئەممائىسراپچلىقمۇ قىلما. ئىسراپچىلىقنى خۇدايتائالانىڭ دۇشمىنى دەپ بىل. بۇ ھەقتەخۇدايتائالا ئۆز كالامدا خەۋەر بېرىپ:« ئىسراپ قىلماڭلار، خۇادايتائالا ئىسراپقىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» دېگەن
.
قىرىق توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دوستۇڭنى تەڭلىك، يەنى قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا سىنا، مەئىشىتىڭ پاراۋان، يەنىباي-باياشات چاغلىرىڭدا ھەممە ئادەم ساڭا دوستلۇق بىلدۈرىدۇ. دوستىلىرڭدىن كۆڭلۈڭئاغرىغان ۋاقىتلاردا ھەم ئىلگىركىدەكلا خۇش مۇئامىلىدە بول. ئەمما دوستىلىرڭغاسىرىڭنى ئېيتقۇچى بولما. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاراڭلاردا نىزا-خۇسۇمەت پەيدابولۇپ قالسا، دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ__دە ، ئېيتىقان مەخپىيتىڭ ساڭا زىيانئېلىپ كىلىدۇ. كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەگەر كەمبەغەلبولساڭ، دۇنيادارلار بىلەن دوسىت بولما، چۈنكى كەمبەغەللەرنى ھېچ كىشى دوسىتتۇتمايدۇ. خۇسۇسەن، ئۆز مەرتىۋەڭدىكى ئۆزۈڭ بىلەن باراۋەر ، تەڭ دەرىجىدىكى كىشىنىدوسىت تۇتقىن. ناۋادا سەن باي بولساڭ، كەمبەغەللەرنى دوسىت تۇت. كەمبەغەللەرنىدوسىت تۇتۇش ناھايتىمۇ ئۇلۇغ سائادەتتۇر
.
ئەللىكىنىچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەر قاچان دوستىلىرىڭنىڭ ھەققىدە كۆڭلۈڭنى دۇرۇس تۇت. ئىشلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتىياخشى بولىدۇ. ئەگەر دوستۇڭ ھەققىدە سەندىن ھېچ گۇناھ ئۆتمەي تۇرۇپمۇ، ئۇ ، يەنىدوستۇڭ سەندىن كۆڭۈل ئۈزسە، ئۇنىڭغا ئۆزىرە ئېيتىشقا ئالدىراپ كەتمە. چۈنكى ئۇنداقكىشى دوستلۇققا لايىق ئەمەستۇر. تەمەگەر، يەنى سەندىن پايدا ئۈمىد كۈتىدىغاندوستتىن ھەم يىراق بولغىن، چۈنكى ئۇنداق ئادەم سەن بىلەن پەقەت بىرەر نەرسىنىڭتەمەيدىلا دوسىت بولىدۇ. يەنە ھەسەتخور كىشىلەر بىلەنمۇ دوسىت بولما، چۈنكى ئۇنداقئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىن ھەسەت زەھرىنى چىقىرىپ بولماس. ھەسەتخور كىشىلەر ھەمىشەباشقىلارغا ئازار يەتكۈزمەك، ئاداۋەت تۇتماقنىڭ قەستىدىلا يۈرۈيدۇ. سېنىڭ دوستلۇققىلغىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسىر قىلمايدۇ
.
ئەللىك بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھېچ كىشىنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلۋالماسلىققا تىرىش، ئەگەر بىراۋ ساڭا دۈشمەنبولسا، قورقىمغن ۋە غەم يېمگىن، گەرچە سەن دۈشمەنلىك قىلمىساڭمۇ، باشقا بىرى ھامانساڭا دۈشمەنلىك ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئەمما دۈشمەننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىردىنغاپىل بولما ۋە ئۇنىڭ قىلىغان يامانلىقلىرىغا قارىتا سۈكۈت قىلما، ھەر دائىم ئۇنىڭ
(دۈشمەنلىرىڭنىڭ) ئىشلىرىغا __ مىكر ۋە ھىيلىلىرىگە پەرۋاسىز قارىما، دۈشمىنىڭنىڭھال-ئەھۋالى تەدبىرىدىن خەۋەرسىز قالما، شۇندىلا بالاغا قالمايسەن، كەمبەغەلبولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى دۈشمنىڭگە ئۇلۇغ (باي) كۆرسەت، ھىممەتلىك ھەم جۈرئەتلىك بول
. ئۆزۈڭنى ھەرگىزمۇ دۈشمىنىڭگە تۆۋەن ۋە يوقسۇل كۆرسەتكۈچى بولما، دۈشمىنىڭنىڭدۈشمەنلىك ئىشەنچى كۈچىيۋالمىسۇن
.
ئەللىك ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دۈشمەننىڭ ياخشى مۇئامىلىسى، ياخشى قىلىقى ۋە تاتلىق گەپ-سۆزلىرىگە كۆڭۈلباغلىما ۋە بۇ كۆڭۈل تانابىغا باغلىنىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتمە، يەنى دۈشمىنىڭنىڭمەسلىھەت ۋە كېڭىشىگە ئالىدىنىپ قالما، ئەگەر دۈشمىنىڭدىن شېكەر تېتىساڭ، زەھەربىلگىن، يەنى دۈشمىنىڭدىن بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدەك ناۋا يەتسە، ئۇنى كۆڭۈلنىجاراھەتلەندۈرگۈچى زەھەرلىك يا ئۇقى دەپ بىل. ئەلۋەتتە، دۈشمەندىن قورقۇش كېرەك
. دېيىلىدۇكى، ئىككى كىشىدىن قورق. بىرى، زالىم دۈشمەن، يەنە بىرى، ۋاپاسىز يار،دۈشمىنىڭ بىلەن ئاشكارا رىقابەتتە بول. لېكىن ئۇنى ئاجىز كۆرمە، گەرچە دۈشمىنىڭئاجىز ۋە يوقسۇل بولسىمۇ، ئۇنى ھامان دۈشمەن دەپ بىل. ھەرگىزمۇ ئۇنى ئاجىز، يوقسۇلدەپ سەل قارىغۇچى بولما
.
ئەللىك ئۈچنىچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، يىپنى ئۆز ھالىدا ئەشسە، بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ ھاجەتكە يارايدۇ. ناۋاداھالىدىن تاشقىرى ئېشىۋەتسە، ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بەس، ھەممە ئىشنى ئۆز ئەندىزىسىدەقىلغايسەن. خاھى دوستلۇق، خاھى دۈشمەنلىك بولسۇن، ھەر ئىشنىڭ ئەندىزىسىنى بىلمەك،ھەر ئىشنى ئۆز يولىدا بىجىرمەك ئەقىل جۈملىسدىندۇر
.
ئاجىزلارنىڭ ئېغىرىنىكۆتۈرگىن گەردەنكەشلەرگە گەردەنكەشلىك قىل. ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئادەمگەرچىلىكتەرىقىنى ساقلىغىن. غەزىپىڭ كەلگەن ۋاقىتتا سەبىرنى ئۈزۈڭگە ۋاجىپ بىل ۋە ئۆزۈڭنىڭمىقدارىنى تونۇ. ھەر كىشى ئۆز مىقدارىنى بىلىمىسە، ئادەمىيلىكتىن چەتنەپكېتىدۇ
.
ئەللىك تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، پالاكەتكە يولۇقۇشنى ئىستىمىسەڭ، مەغرۇر ۋە مۇتەكەببۇر بولما؛ راھەتتەياشاشنى ئىستىسەڭ، دىلىڭنى ھېرىستىن پاك قىل؛ خار-زارلىقنى ئىستىمىسەڭ، تەمەگەربولما؛ ئۆزۈڭگە ياخشلىق قىلنىشنى ئىستىسەڭ، ياخشىلىق قىل، ھېچكىمگە ئازار بەرمە،ياخشىلىقنى ئۇلۇغ ئىش دەپ بىل؛ قەدىر-قىممىتىڭنىڭ ئېشىشىنى خالىساڭ، ئۇلۇغھىممەتلىك بول؛ ئىشلىرىڭنىڭ پۇشايمان بىلەن نەتىجىلىنىشىنى خالىمساڭ ، ئاۋۋالياخشىراق ئويلىنىپ، دانا تەجرىبىلىكلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئاندىن ئىشقا كىرىشكىن؛ئۆزۈڭنى ھەممەيلەننىڭ ياخشى كۈرۈشىنى خالىساڭ، خۇلق-مىجەزىڭنى تۈزەت، ئەدەبلىك،تەربىيلىك بول؛ ئابرۇي ۋەئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشنى ئىستىسەڭ، ھالال ئەمگەك قىل
. پىداكارلىق بىلەن ئىشلە
.
ئەللىك بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىشەنچىلىك، مەرغۇب ۋە مەقبول ئادەم بولۇشنى تىلسەڭ،يالغانچىلىقتىن ساقلان. چېقىمچى، ئىغۋاگەر بولما. مەنسىز، تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنىسۆزلەپ يۈرۈشتىن ھەزەر قىل؛ مۇبادا ئۇڭايسىز ھالدا قالساڭ، ئىشىڭدامۇۋاپىقيەتسىزلىككە ئۇچراپ، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە قالساڭ، داد-پەرياد قىلىپ يۈرمە،سەۋر قىل. قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى قىل
.
ئەگەر بىر ئادەم نامراتلىقنىنورمال ئەھۋال دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىپ ئۆتسە، ئۇ نامراتلىقتىن مەڭگۈقۇتۇلالمايدۇ
.
ئەللىك ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، توغرا سۆز كۆڭۈلگە ئاچچىق تېگۇر. ھەزىم قىلالىساڭ، ئۇنىڭ مەنپەئەتى مەزەبېرور. توغىرلۇق مەقسەتكە يەتكۈزۇر، توغرا كىشى قەيەردىلا بولسۇن، ئۇنىڭ كۈنلىرىبەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتۈر. يورۇق كۈنلىرى قاراڭغۇلاشماس. خەلىققە مەنپەئەتيەتكۈزگەن كىشى چېن كىشى سانىلۇر، ئۇياتسىز كىشى كىشلەرنىڭ پەسكىشى بولۇپ، ئۇنىڭتىلى توغرا سۆزنى سۆزلىمەس. كىشىلەرنىڭ سەرخىلى ساداقەتلىك كىشىدۇر. ئادەمپاراسەتلىك بولسا ئىشنى ئوبدان ئويلىنىپ، پۇختا قىلىدىغان بولۇر
.
مال-بايلىقتوپلاشقا ئارتۇقچە بېرىلمە. چۈنكى، ئارتۇقچە بېرىلسەڭ ئۇنىڭ خيانىتى كۆپ بولىدۇ. ئۇبىر كۈنى سېنى سەمرىتسە بىر كۈنى يىغلىتىدۇ
.
ئەللىك يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەممە كىشى بىلەن ياخشى مۇئامىلدە بول، ھېچكىمنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلما
. سەۋىرلىك، ئېغىرچىلىقلارغا چىداملىق ۋە غەيرەتلىك، جۈرئەتلىك بول. شۇ خىسلەتلەرگەئىگە بولساڭ، ھەر قانداق ئېغىرچىلقلارنى يېڭەلەيسەن. يامان ئىشلاردىن پەرھىز قىل
. گۈزەل ئەخلاقلىق، تەربىيلىك بول. شۇندىلا ياخشى خۇلق-مىجەزىڭ بىلەن خەلىقنىڭمۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيسەن
.
ئەللىك سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، يالغان سۆزلگەن تۇرۇقلۇق «مېنىڭ دېگەنلىرىم توغرا» دەپ قەسەم ئىچمە. توغراسۆزلىگەن بولساڭمۇ، بۇنىڭغىمۇ قەسەم ئىچمە. كۈندىلىك كىرىم-چىقىمىڭنى دەپتەرگەيېزىپ تۇرۇشنى ئادەت قىل. چىقىمىڭ كىرمىڭدىن ئارتۇق بولمىسۇن. قانائەتچان بول
. ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە تەمە قىلما. كۆزۈڭنى ئاچقىنكى، ئالەمگە ھەقىقەت نەزەرى بىلەنقارا. ئۆتكەنلەردىن ئىبرەت ئال. كىشىلەر بىلەن ئېيتىشىپ، سەن-پەن دېيىشىپ يۈرمە
. كۆڭلۈڭنى گىنە-ئاداۋەت ۋە خۇسۇمەتتىن پەرھىز قىل. ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنى ئۇنتۇما
. دوسىت-ئاغىنلىرىڭنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىل. ياخشى سۆزلىرىڭ، ئوبدان ئىشلىرىڭ بىلەنھەممىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشقا تىرىشقىن
.
ئەللىك توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، تىرىش، ھەر قانداق ئىشتا كۆپرەك ئىزدەن. ئەگەر مەرد، سېخىيلىق يولىغاكىرسەڭ، ھەممە ئادەم ساڭا كۆز تىكىدىغان بولىدۇ. شۇڭا ئىمكانىيتىڭنىڭ بارىچە ئۈچئىشتىن ئۆزۈڭنى ساقلا: بىرى، كۆرۈشكە بولمايدىغان نەرسىگە كۆز سالما؛ ئىككىنچى،تۇتۇشقا بۇلمايدىغان نەرسىدىن قولۇڭنى تارت؛ ئۈچىنچى، دېمەسلىككە تېگىشلىك سۆزدىنتىلىڭنى يىغ
.
ئۈچ نەرسىنى دوسىت-دۈشمەنگە ئوچۇق تۇت: بىرى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكى،بىرى داستىخان، يەنە بىرى ھەمياننىڭ ئاغىزى. ئەمما، ھەر قاچان يالغان ئېيتمىغىن
. چۈنكى بارىلىق نامەردلىكنىڭ ئەسلى، يەنى مەنبەئى يالغان ئېيتماقتۇر. ئەگەر بىرسىسېنىڭ مەرد ۋە سېخىيلىقىڭغا ئىشەنسىلا، مەيلى ئۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولسۇن، مەيلى زوردۈشمىنىڭ بولسۇن، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنى ساڭا ئاتايدۇ
.
ئاتمىشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،تىرىشماقلىق دېگەنلىك ھەركەتچانىلىق، غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئىشلىمەك دېمەكتۇر. بۇسۈپەت ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەردىن بولۇپ، ھىممەتكە تەۋەدۇر. ھىممىتى چوڭ ئادەم جان-جەھلىبىلەن ئىشلەشتە جاپا تارتىشتىن قورقىمسۇن. چۈنكى، ھەر قانداق ئىش ئىككى ئېھتىمالدىنيىراق ئەمەس. ئەگەر تىرشماقلىقى ئارقىسىدا تىلىكىگە يەتسە، بەك ياخشى. ئەگەريېتەلمىسە، ئاقىللار ئالدىدا ئۆزرىلىكتۇر ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ مەقسەت يولدا ھىممىتىيۇقىرى ئىكەنلىكنى خەلق تەقدىرلىگەي
.
ئاتمىش بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، كۈمۈشنىڭ سىرتىقى كۆرۈنۈشى ئاپئاق بولسىمۇ، كۆپ تۇتۇلسا قارا يۇقتۇرىدۇ
. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئادەملەرنىڭ سۆزلىرى زاھىرىدا كۈمۈش كەبى ئاپئاق ۋە تازاكۈرۈنسىمۇ، لېكىن قايغۇ ۋە زىيان كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ غەپلەتتەقالغان ساددا دىل ئادەمنڭ كۆڭلى قارىيدۇ، يامانلىشىدۇ. كۆرۈنۈشتە گۈزەل، ئەممايامانلىق مىسالى بولغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلىرىگە ئەمەس، جەمئىيەتتەكەلتۈرگەن زىينىغا، يارىماس خۇلىقلىرىنىڭ قورقۇنچىلىق نەتىجىلىرىگە قاراڭ
. كىچىككىنە بالا چوغنى (ئوتنى) سۆيىدۇ، كۆيدۈرسە دادلاپ يىغلايدۇ. نارەسسىدىلەرچوغدىن، ساددا دىل ئادەملەر بولسا ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز، مۇناپىقلاردىن كۆيىدۇ
.
ئاتىمىش ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، قىلغان بىرەر ياخشىلىقىڭىزنى تەكرارلاۋېرىپ ھەدەپ ماختىنىۋەرمەڭ
. ئارڭىزلاردىكى قېرىنداشلىق، دوستلۇققا تاينىپ، ئۇلاردىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشئارزۇسىدا بولماڭ؛ ھېچكىمنى ئۇيالدۇرماڭ؛ ئۇياتلىق لەتىپلەرنى سۆزلىمەڭ؛ ھەتتاھايۋانلارغىمۇ رەھىمدىل بولۇڭ. ئۇلارنى ئۇرۇپ ئازار بېرىشتىن ساقلىنىڭ؛ «ياشقا چوڭبولغانلىقىم ئۈچۈن كىچىكلەر ئالدىدا نېمىلا دېسەم بولۇۋېرىدۇ» دەپ ئويلىماڭ
. يىغلىشلاردا ھەر خىل مۇناسىۋەتسىز سوئال-جاۋاپلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ، سۇئالىڭىزغاجاۋاب بىرىشنى خالىمىغان ئادەمنى «جاۋاب بەر» دەپ قىستىماڭ؛ ئەدەپ، تەربىيگە رىئايەقىلىڭ
.
ئاتمىش ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، تارازىنىڭ بىر پەللىسىدە ئىش، ئىككىنچى پەللىسىدە ئىجتىھات تۇرىدۇ. ئىجتىھاتپەسەيسە، ئىش ئېغىرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشقا ئەھمىيەت بىرىش، ئىجتىھات قىلىش،غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئىشلەش لازىم. كىمكى ئىجتىھات قىلماي ھورۇنلۇق كېسىلىگەچېلىقىپ قالسا، ھايات مەيدانىدا باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىپ، خار-زار بولۇپ ياشغۇسى
. ئىنسان ئىشقا غەيرەت ۋەچىدام بىلەن كىرىشسە، ئۇنىڭغا بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلسا،ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ، قۇۋۋىتىنىڭ دائىرسى كېڭىيۇر، ئىززەت ۋە ئابرۇيغائېرشۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئىشنى، مەيلى كىچىككىنە بىرەر ئىش بولسىمۇ، چىنكۆڭۈل بىلەن ئىشلەپ، ئجتىھات سەرىپ ئەيلەش زۆرۈر
.
ئاتىمىش تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئۆز كەمچىلىكلىرىنى بىلىشنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۈچۈن تۆت خىل يول باردۇر
: بىرنچى يول__ كەمچىلىكىنى سېزىپ كۆرەلەيدىغان كامىل ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىپتۇرۇشتۇر. ئىككىنچى يول__ سەمىمىي، خەيرىخاھ دوست تېپىپ، ئۆزىنىڭ قىلۋاتقانئىشلىرىنى ئۇنڭغا ئېيتىپ، ئۆزىنى بولمىغۇر ئىش، ناچار يوللاردىن قايتۇرۇشنىئۇنىڭدىن ئىلتىماس قىلىشتۇر. ئۈچىنچى يول__ كەمچىلىكلىرىنى دۈشمەنلەر ئاغزىدىنئىشتىپ، ئۇلاردىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرشتۇر. تۆتىنچى يول__ كىشىلەر بىلەنئارلىشىپ، بەزى ئادەملەردە كۆرۈلگەن يامان قىلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. خەلىقنىڭنەپرىتىگە ئۇچىرىغان يامانلارنىڭ قىلىقلىرى سېنىڭدە بار بولسا، ئۇنىتۈزەتكەيسەن
.
ئاتمىش بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەتبىلدۈر ۋە ئىتائەت قىل. ئاقىل ۋە دانا پەرزەنىت ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى كەم-كۈتسىزئادا قىلۇر. ئەگەر سەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەشتە نوقسانلىق بولساڭ، نامىڭ ياخشىلىق بىلەنيادلانمىغاي. ئۆز پەرزەنتىلىرىڭنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئىستىسەڭ، سەنمۇئاتا-ئاناڭغا ياخشى مۇئامىلدە بولغىن. پەرزەنتىنى يېمىش، ئاتا-ئانىنى دەرەخ دەپپەرەز قىلايلۇقكى، دەرەخ قانچە ياخشى پەرۋىش قىلىنسا، ئۇنىڭ يېمىشى شۇنچە ياخشى ۋەتاتلىق بولۇر
.
ئاتمىش ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، شۇنى چۈشەنگىنكى، ئاتا-ئاناڭ سېنى تەربىيە قىلىپ ئۆستۈردى، بۇ يولدا كۆپمۇشەققەت چەكتى. ئۇلار ساڭا ھېچقاچان يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ، سېنىڭبەخىت-سائادەتلىك بولۇشۇڭنى تىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ مۆھتىرەم زاتلارنىڭئىززەت-ھۆرمىتىنى بىجا كەلتۈرۈشكە غەيرەت قىل. ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئاغرىتما. ئوچۇقيۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك بول. ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن دائىم خەۋەر ئېلىپ تۇر، ئۇلارنىھەرگىزمۇ موھتاجلىقتا قالدۇرما. ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن رازى قىلىپ، دۇئالىرىنىئېلشىقا تىرىش. مانا شۇ گۈزەل خىسلەتلىرىڭ بىلەن ئىززەت ۋە شاراپەت ھاسىلقىلۇرسەن
.
ئاتمىش يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، چىن سۆزنى يوشۇرما، چىن، توغرا سۆزنى ئېيتالايدىغان تىلنى يالغان بىلەنبۇلغىما؛ يالغانچى ئادەم ئەمەس، يالغان سۆزلەش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس؛ يالغان سۆزكىشىنى ئابرۇيسىز قىلىدۇ؛ تىلىڭنى ئۆز ئىختىيارىڭدا ساقلىغىن، سۆزۈڭنى ئېھتىياتبىلەن دېگىن؛ ئۆز ئورنىدا ئېيتىلدىغان سۆزنى ئېيىت، يوشۇرما، ئورۇنسىز ئېيتىلدىغانسۆزدىن قاچ، يېقىن يولىما؛ بەزى سۆز باركى، ئېيىتقۇچىنىڭ تېنىگە جان كىرىگۈزىدۇ؛يەنە بەزى سۆز باركى، ئېيتىقۇچىنىڭ بېشىنى يەرگە سۆرەيدۇ؛ تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى بىرتۇت؛ سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرمىغۇچە تىلغا كەلتۈرمە، ئەقىللىق كىشى چىن، توغرا سۆزدىنقايتىماس، ئەمما ھەممىلا چىن سۆزنى ئېيتىۋېرىش ئەقىللىق كىشنىڭ ئىشى ئەمەس
.
ئاتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دۇنيادا ئىنسان بالسى يېڭەلمەيدىغان نەرسە بولماس، شۇنۇڭ ئۈچۈن ئەسلاقورقماي، ئۆزۈڭگە بېرىلگەن كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرىپ قىلىپ ئالغا ئىنتىل. بەخىت-سائادەتئاسماندىن چۈشىدۇ ياكى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دەپ ئويلما. ئەگەر شۇنداقئويلىساڭ، نادانلاردىن سانىلسەن. سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشا! بەخىت تەلىيىم-يوق،دەپ زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالما. غەيرەت قىلساڭ، مۇرادىڭ ھاسىل بولۇر. ئىنسانئۆزىنىڭ بەخىت يازمىشىنى ئۆزى يازىدۇ. ئۆزۈڭنى پەسىتلەر جۈمىلسىگە چۈشۈرمە
. ئېھتىمال، بەزى ئىشلىرىڭ تىلگىڭدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقماسلىقى مۇمكىن
. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەي، غەيرەت-جاسارىتىڭنى يەنىمۇ ئۇرغۇت
.
ئاتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە، ماددىي بېزەكلەرگە ئالدىنىپ كەتمە. تەرەققىيئېتىشكە، پەزىلەت ئىگىسى بولۇشقا ئىنتىل. ئەتراپىڭغا نەزەر كۆزۈڭ بىلەن باق
. زاماننىڭ ئۇلۇغ ئالىم، پازىللىرىنىڭ تەرجىمھاللىرىنى، ئومۇمەن ئىنسانلارنىڭ قەدىمكىۋە يېڭى تارىخنى دىققەت بىلەن ئۆگەن. بۇلار سېىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، پازىللىق،يۈكسەكلىك ھاسىل قىلشقا يېتەكلەيدۇ ۋەھايات يولۇڭدا ھەقىقىي رەھبرىڭ بولىدۇ
.
يەتمىشىنىچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، چىن، مۇكەممەل تەربىيلىك ئىنسان باشقىلارغا ھېچبىر ئازار بەرمەيدۇ،تەكەببۇلۇق قىلمايدۇ، ھېچكىمگە ھاقارەت كۆزى بىلەن باقمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ،راستىچىل بولىدۇ. ئۆزىدىن چوڭلارغا ھۆرمەتلىك، كىچىكلەرگە شەپقەتلىك ۋەمەرھەمەتلىك، كۈلەر يۈزلۈك، تاتلىق سۆزلۈك ۋە خۇش مۇئامىللىك بولىدۇ. ۋەدىسىدەتۇرىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ. ئېغۋا، غەيۋەت، مۇناپىقلىقتىن ئۆزىنىساقلايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنى رازى قىلىشقا ھەرزامان تىرىشىدۇ. قېرىنداش__ ئۇرۇقلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ئۇلارغامېھىر-مۇھەببەتلىك بولىدۇ. قوشنىلىرىنى رەنجىتمەيدۇ، ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتەبولىدۇ. يامان يوللاردىن، يارىماس ئىشلاردىن، بولمىغۇر ھەركەتلەردىن ساقلىنىدۇ
. مانا شۇلارغا ئوخشاش گۈزەل خىسلەتلەر مۇكەممەل تەربىيلىك ئىنسانلاردا بولىدۇ
.
يەتمىش بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئىززەت قانائەتتىن ھاسىل بولۇر. ھاجەتلەرنىڭ راۋا بولۇشى ئىپپەت، يەنىپەرھىزكارلىقتىن ئەمەلگەئاشۇر. ئىپپەت__ يامان ئىشلاردىن ساقلانغانلىقنىڭيېمىشىدۇر. سر-ئەسرارىڭنىڭ ئاشكارلانماسلىقى باشقىلارنىڭ سىرلىرىنىئاشكارلىماسلقىڭغا باغلىقتۇر. رىزىق زور كەسىپ ۋە ھەرىكەت بىلەن ھاسىل بولۇر
. دوستلۇق-ئوچۇق يۈزلۈك دەرىخنىڭ، دۈشمەنلىك_جاڭجال دەرىخنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۇلۇغلۇق ۋەيۇقىرى مەرتىۋىلىك، كەمتەرلىك ئۇرۇقىدىن ئۈنۈر. ئىلىم-كەسىپ كۆڭۈل قويغانلىقتىن،توغرىلىقتىن ھاسىل بولۇر. توغرىلق بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارۇر. تۇرمۇشنىڭ كۆرىكىتەربىيە ۋە ئەدەپ بىلەن ھاسىل بولۇر
.
يەتمىش ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، تەمەگەرلىكتىن خارۇ-زارلىق كېلىپ چىقۇر. گىنە-ئاداۋەت يامانپېئىل-ئەتۋاردىن، غەزەپ جاھالەتتىن كېلىپ چىقۇر. ئايرىلىش كۆپ كەمسىتىش ۋەھاقارەتتىن كېلىپ چىقۇر. ئىشەنچىسىزلىك ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتىن كېلىپچىقۇر
.
يالغانچى كىشىدىن ۋاپا كۈتمە. توغرا سۆز كۆڭۈلگە قاتتىق ۋە ئاچچىقتېگىدۇ. ئادەم ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىققايتۇرىدۇ، كىمنىڭ ئەسلى پاك ۋە ساپ بولسا، ئۇ ئادەم ئەلگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ
.
يەتىمىش ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر. پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلنىلسائالتۇن تېپىلۇر. ۋاقىتىنى بىكار ئۆتكۈزمەك ئالتۇننى قولدىن بېرىپ قويماقتۇر
. ئەقىللىق كىشى ۋاقىتنى زادىلا بوش ئۆتكۈزمەيدۇ. كونىلار: «ئىش ۋاقتىدا قورۇق سۆزقىلىپ پۈرسەتنى ئۆتكۈزۋەتكەن كىشى، ئاقىۋەتتە ئاچ قېلىپ يىغلار» دەيدۇ. ۋاقىتتىنپايدىلنىپ ياقۇتلار تاپقىلى بولۇر، ئەمما ياقۇتلار بىلەن ۋاقىتنى تاپقىلى بولماس
. ئەقىللىق ياشلار ياشلىق چېغىنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەستىن، تىرشىپ ئوقۇپ، ئىلىم-ھۈنەرئىگىلەيدۇ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيدۇ. قىممەتلىك ياشلىقنى ھورۇنلۇق قىلىپ لاغايلاپئۆتكۈزۈش ئەقىللىق ياشلارنىڭ ئىشى ئەمەس
.
يەتىمىش تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھەقىقىي دوسىت تاپالىساڭ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق مۇئاملدە بول: دوستلۇققا سادىقبول، خيانەت قىلما؛ كۆڭلىڭدىكى دوستلۇق مۇھەببىتىنى قولۇڭ ۋە تىلىڭ بىلەن كۆرسەت؛دوستۇڭنىڭ سىرىنى ئاشكارلاشتىن ساقلان؛ ئۇنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلما؛دوستۇڭ مۇھتاجلقتا قالسا، ئۇنڭغا دەرھال ياردەملەش؛ ئۇنڭدىن بىرەر ئەيىب يۈز بەرسە،بىرەر خالىي جايدا ئۇنڭغا دەپ، يۇمشاقلىق بىلەن نەسىھەت قىل؛ ئەگەر دوستۇڭ سېنىڭئەيبىڭنى ئېيتىپ ساڭا نەسىھەت قىلسا، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بول؛ دوستۇڭغا يالغانسۆزلىمە؛ ئۇنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوستلاشما؛ دوستۇڭنىڭ بېشىغا بىرەر مۈشكۈل ئىش چۈشسە،قايغۇلۇق ھادىسە يۈز بەرسە، ئۇنى شۇ مۈشكۈلاتتىن، قايغۇدىن قۇتقۇزۇشقا جان-دىلىڭبىلەن تىرشقىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكبول
.
يەتمىش بەشىنىچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپلەرنى تولۇقى بىلەن ئورۇنلاشقائىنتىلىڭ، غەيرەتلىك ۋە چىداملىق بولۇڭ
.
باشقىلاردىن ئازار يېگەن كىشى ئۈچ خىلھالدىن تاشقىرى بولماس: بىرىنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى باراۋېرىدەياخشىلىق قىلۇر، بۇ ئالىيجاناب كىشلەر خىسلتىدۇر؛ ئىككىنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭيامانلىقىغا ياخشىلىق قىلمىسمۇ، ئۇنىڭغا يامانلىق تىلمەس، بۇ ھەقىقەتچى ئادەملەرخىسلتىدۇر؛ ئۈچنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى باراۋېرىدە ئۇنڭغايامانلىق قىلۇر، بۇ پاسىقلار ئىللىتدۇر. يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلماق،قىلالمىسا، ئەپۇ قىلماق گۈزەل خىسلەتلەردىن سانىلۇر
.
يەتىمىش ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، گۈزەل خۇلىقلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ئادەمگەرچىلىكتۇر. ئادەم يېيىش، ئىچىش،يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز قىلىش بىلەنلا ئادەم ئەمەس. ئادەمگەرچىلىك ئۆزۈڭدىن چوڭلارغاھۆرمەت، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىپ، ئادەملەرگە قولۇڭدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىش بىلەنئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەقىللىق ۋە گۈزەل خۇلقلۇق بالىلار پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنلاكۆزلىمەي، باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ. ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كۆرگەن نەرسىنىئۆزگىلەرگىمۇ مۇناسىپ كۆرىدۇ. ئۆزرلىرىگە ماقۇل كۆرمىگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇماقۇل كۆرمەيدۇ. بىر كىمنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشسە، ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ياردەمبېرىدۇ
.
يەتمىش يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان ئىشقا كىرىشكەن كىشى ئاخىر شەرمەندە بولۇر. ھەرئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق كىشىسى، ھەر يىغلىشنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ سۆزى باردۇر. ئاقىل كىشىئۆز ھۈنىرىگە ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ئىشقا كىرىشۇر. تەبئەت ئۇستىخانىسىدا ھەر كىمنىڭئۆزىگە لايىق كىيىمى تىكىلگەن، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا لىباسى پىچىلگەن. ئۆتۈكچىدوپپا تىكىمەن دېسە، بۇزۇپ قويۇر، تېبابەتتىن خەۋەرسىز كىشى تېۋىپلىق قلسا،كېسەلنىڭ جېنىغا زامىن بولۇر. «قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دەپ بىكارئېيتىمغان
.
يەتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئىشلەپ ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن يەردە ئوت-چۆپلەردىن باشقا ھېچنىمە ئۈنمىگەنگەئوخشاش، ھېچبىر ئىش قىلمايدىغان ھۇرۇن كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، خەلىق ئۈچۈنمۇمەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۈن ھۇرۇن بىكار تەلەپ بولماي، غەيرەتلىك ۋەئىشەنچىلىك بولۇڭ. تىرشچانلىقىڭىز ۋە ئىش-ئەمەلىيتىڭىز بەرىكىتىدىن جەمئىيەتنىڭئالقىشىغا سازاۋەر بولۇڭ؛ ھېچ نەرسىسى يوق كىشى كەمبەغەل ئەمەس، ھۈنىرى، ئىنتلىشى،تىرىشچانلىقى يوق كىشىلەر كەمبەغەلدۇر. غەيرەتلىك تىرىشچان كىشىگە ئىش ئەھلى ھەردائىم ياردەم بېرىدۇ. ياخشى ۋە باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ئۆز كۈچىڭىز ۋەتىرشچانلىقىڭىزغىلا تاينىڭكى، باشقىلارغا يۆلنىۋالماڭ
.
يەتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ھۇرۇنلۇق ۋە نەپىس ئارزۇسى ئاقىسدىن يۈرۈش كىشىگە كىسەللىك كەلتۈرۈپ، تېنىنىزەئىپلەشتۈرىدۇ، يوقسۇزلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ، ھېچ ۋاقىت بىكاريۈرمەڭ، ئۆز رىزقى-روزىڭىزنى ئىزدەڭ، بىلڭكى، بۇ دۇنيادا ھېچكىمگە ئاسماندىن ئالتۇنياغمىغان، يەردىن كۈمۈش ئۈنۈپ چقمىغان. ئالتۇن-كۈمۈش سىزنىڭ ئىنتىلىش،تىرشچانلىقىڭىز، غەيرەت ۋە چىدامچانلىقىڭىز، كۆڭۈل قۇيۇپ ئىخلاس بىلەن قىلغانئىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ بەرگەن يېمىشىدۇر
.
سەكسىنىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،ئەدەپ ۋە ئىھتىياج بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ھەممە مەقسەتلەر ھاسىل بولۇر، ئوچۇقيۈزلۈك ۋە شېرىن سۆزلۈك دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە دەلىلدۇر. شۇڭلاشقا ھەممە كىشى بىلەنئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇئامىلە قىلىڭ، خۇشخۇي، خۇش چىراي بولۇڭ؛بىرەر ئىش تۈپەيلى خاپلىنىپ، ئاچچىقىڭىز كېلىپ تۇرغان چاغدا ھېچكىم بىلەنسۆزلەشمەڭ، ئاچچقىڭىز بېسىلغۇچە سەۋر قىلىڭ. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈڭ
. ھەر بىر ئىشتا پىكىر قىلىش ۋە ئېتبار بىرىشنى ئۇنتۇماڭ؛ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپباردى-كەلدى قىلىپ يۈرۈڭ، لېكىن كىمنىلا كۆرسىڭىز تەكشۈرمەي-تېگىنى بىلمەيلائېغىز-بۇرۇن يالشىپ، دوسىت بولۇۋالماڭ. ھەر بىر ئىشتا ھۆر پىكىرلىك، توغرا سۆزلۈكبولۇڭ، تىلىڭىز بىلەن دىلىڭىز بىردەك بولسۇن
.
سەكسەن بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، قوپال مۇئامىللىك كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسگە ياخشى مۇئامىلە بىلەن جاۋاپقايتۇرۇڭ. باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئىستىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭمۇئامىلىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن ياخشىراق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ؛ ئۆزىڭىزدىنكىچىكلەرنى خورلىماڭ. ئەقلىڭىز ۋە مەرتىۋىڭىز بىلەن ماختانماڭ، بەلكى ئۆزمەرتىۋىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشامۇئامىلە قىلىڭ؛ باشقىلارنىڭ سىزگە گۈزەل مۇئامىلە قىلىشنى ئىستىسىڭىز، ئالدى بىلەنئۆزىڭىز ئۇلارغا گۈزەل مۇئامىلە قىلىڭ. ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلىك بولۇشىڭىزسەۋەبلىك، سىزنىڭ ئابرويىڭىز چۈشۈپ كەتمەيدۇ
.
سەكسەن ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم،باشقىلارغا ياخشى ئىشلارنى سۆزلەڭ، يامان ئىشلارنى يۇشۇرۇڭ. ئادەملەر بىلەنشۇنداق مۇئامىلە قىلىڭكى، ئۇلار ھاياتلىقىڭىزدا سىزنى ھۆرمەتلىسۇن، ۋاپات بولغاندىنكىيىن سىزنى ئەسلەپ قايغۇرسۇن؛ ناھايىتى زۆزۈر بولۇپ قالغان چاغدىلا باشقىلاردىنياردەم سوراشقا بولىدۇ، ئادەتتىكى چاغلاردا باشقىلارغا يۈك بولۇپ ئارتىلۋېلىشيارىماس قىلىقتۇر. شۇڭا باشقىلارغا ئۆز ئېغىرلىقىڭىزنى سالماڭ، ئۇلارنىڭمال-بايلىقىغا تەمە كۆزىڭىز بىلەن باقماڭ. ئۆز رىزقىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىشلەپ تېپىپيەڭ؛ بىرەر ئىشنى قىلشقا سۆز بەرگەن بولسىڭىز، سۆزىڭىزنىڭ ھۆددىسدىن چىقىڭ،ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ. كىم بىلەن دوست بولغان بولسىڭىز، دوستلۇققا سادىق بولۇڭ
. كىشىلەرنىڭ شادلىقىغا شادلىنىپ، قايغۇسىغا قايغۇرۇڭ. ئۆزىڭىز سۆيمىگەن نەرسىنىباشقىلارغا راۋا كۆرمەڭ
.
سەكسەن ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، جەمئىيەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ. بۇ يولدا سەرىپ قىلىغان ۋاقتىڭىزنىزايا كەتتى دەپ قارىماڭ، چۈنكى باشقىلارنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭكەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش ئۇلۇغلۇق ۋە ئادەمگەرچىلىك بەلگىسىدۇر
.
قەلىبلەردەئاداۋەتنى يوشۇرۇش خۇددى كۈل ئاستىدا چوغ يوشۇرغاندەك بولىدۇ
.
بىراۋنىڭ ساڭرەھمەت-تازىم قىلىپ يۈرگىندىن كۆرە، شاڭا بېقىنىپ ياشىغىنى مىڭ ئەۋزەل. باشقىلارداساڭا نسبەتەن ھاجەتمەنلىك تۇيغۇسى بولمىسا، سېنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەتلەپ كېتىشىمۇناتايىن
.
سەكسەن تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق غەزىپىڭنى ئۈچۈرگىن. ئۆز ئەيبىڭنى بىلىۋېلىشقا خۇددىدۈشمىنىڭ ئۇنى بلىشكە قىزىققاندەك قىزىققىن. كشىلەرگە باھا بىرىشتە ھەرگىز ئۇنڭپۇل-مېلى، يۈز-ئابروينى ھېسابقا ئالما. باياشادلىققا، شەھۋەتكە بېرىلمە، يۈكسەكغايە، ئىستەكلىرىڭ بولسۇن. ھاياتىڭ ھەرگىز قورساق تويغۇزۇش ۋە شەھۋىتىڭنىقاندۇرۇشقىلا بېغىشلانمىسۇن، چۈنكى قۇرسىقى بىلەن شەھۋەت غېمىدىن باشقا غېمى يوقئادەمنىڭ قىممىتى ئۇ ئىككى جايدىن چىققان نەرسىدىن ئارتۇق بولمايدۇ
.
سەكسەن بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئىرادىلىك ئادەم__ ئاخىرقى ھېسابتا غەلبىگە ئېرىشكۈچىدۇر. ئىرادە بولسا،ئىشەنچمۇ كۈچىيدۇ، ئەقىل-پاراسەتنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغىلى ھەمدە كەسىپتە ئۇلۇغۋارنەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ
.
ھەقىقىي قەدىر-قىممەت ھاياتلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،ئۇ ئادەمنڭ كىشلىك قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ مەۋجۈتبولۇپ تۇرۇش سۈپىتىنمۇ نامايان قىلىدۇ
.
چېقىمچىلىق قىلىپ ئادەملەرنى بىر-بىرىگەدۈشمەنلەشتۈرگەن كىشىلەر ئەڭ يارىماس، ئەڭ يامان كىشىلەردۇر
.
سەكسەن ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئىلاجىڭنىڭ بارىچە ئۈزۈڭگە دۈشمەن كۆپەيتىمە. بىرەر كىشى ساڭا دۈشمەنلىكقىلىشقا باشلىسا، سەن ئۇنىڭغا مەرھەمەت كۆزۈڭ بىلەن قارا، كۆڭلىنى ئال. شۇنىڭ بىلەنئۇ كىشى دوستلىرىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ. دوستلىرىڭنى شەپقەت ۋە مەرھىمىتىڭ بىلەنخۇشال قىل. شۇندىلا ئۇلار سېنىڭدىن ئايرىلماي، سەمىمىي دوستلىرىڭ بولۇپقالىدۇ
.
مۇلايىم كىشنىڭ ئۈچ بەلگىسى بار: بىرىنچى، سۆرۈن تەلەت، زەھەر سۆزلۈككىشىلەر ئۇنىڭغا قوپال سۆزلىسىمۇ، ئۇ ياخشىلىق قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، قەھر-غەزەپ ئوتىئۇچقۇنلاشقا باشلىغاندا ئۇ چىشىنى چىشىغا باسىدۇ؛ ئۈچىنچى، بىرەرسىدىن ئۆزىگە زىيانيەتكەندە ئۇنى جازالاشقا كۈچى يەتسىمۇ، ئاچچىقىنى يۈتىدۇ
.
سەكسەن يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئەگەر بىرەر ھاجەتمەننىڭ ساڭا ھاجىتى چۈشسە، ئۇ ھاجەتمەننىڭ ساڭا ياكىدىنىڭغا زەرىرى يەتمىسە، بايلىقىڭغا ، يەنى پۇل-مېلىڭغا تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۇكىشنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىل، قورۇق قول ياندۇرمىغىن، ھەم ئۇ ھاجەتمەننى يالغانچى دەپگۇمان قىلما. ئەگەر ئۇ، يەنى ھاجەتمەن سېنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنمىسە،ھاجىتىنى تىلەپ ئالدىڭغا كەلمەس ئىدى. شۇنى بىلگىنكى، ساڭا ھاجىتى چۈشكەن ھەرقانداق ھاجەتمەن سېنىڭ ئەسىرىڭدۇر. دەر ھەقىقەت، ھاجەتمەنلىك__ ئەسىرلىكنىڭئىككىنچى مەرتىۋىسىدۇر. شۇڭا ئەسىرلەرگە ھەم رەھىم قىلغايسەن! ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشمۇۋاپىق ئەمەس
.
سەكسەن سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، كىشىلەرنىڭ خىزمەتكارلىرىغا خۇش مۇئامىلدە بول. ئىچىڭ بىلەن تېشىڭنىتوغىرلىق بىلەن بېزە. دىلىڭ بىلەن ھەركتىڭ ئوخشاش بولسۇن. ئىمكان بار ناماز ئۆتەش،روزا تۇتۇش قاتارلىق ئادا قىلىشقا تېگشلىك قائىدىلەرنى ئادا قىلىشقا تىرىش. كىشىلەربىلەن بولغان مۇئامىلدە تىلىڭ تاتلىق بولسۇن. كوچا-كويلاردا، يەنى بازارلاردا تولالاغايلاپ يۈرمە. ئاۋام ئارىسىدا ئەزىز بولغايسەن. يامان-يالغانلاردىن پەرھىز قىل
. سۆزلىگەندە سۆز مۇنبىرىنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى ساقلا. تەكەببورلۇق قىلما، يالغانئېيتىماق قاتارلىق بولمىغۇر قىلىقلاردىن يىراق بول. خەلىقنى ئۆزۈڭ قىلغان ۋەقىلالايدىغان ئىشقا باشلا. شۇندىلا ئىنساپ-دىيانەتلىك كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇنئالالايسەن
!
سەكسەن توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئىلىمنى ئوبدان ئۈگەن ۋە ئۆگەنگەنلىرىڭنى ياخشى ئىبارىلەر ئارقىلىق ئاداقىل، يەنى باشقىلارغا يەتكۈز. ئىلىم ئۆگۈنۈش ۋە ئۆگۈتۈش يولىدا خىجىل بولما. ئەمماھېچ ۋاقىت يالغان ئېيتىما. بەزىدە ئاگاھلاندۇر، بەزىدە سۆيۈندۇر. سۆز قىلغانداتولاراق ئۆزۈڭ ھۆددىسدىن چىقالايدىغان ۋە ئوبدان بىلدىغان سۆزلەرنى دېگىن
. مۇنازىرىگە، يەنى دە-تالاشقا سالدىغان، دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان سۆزلەرنى دېيىشتىنساقلان! چۈنكى، دە-تالاشقا سالدىغان، دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان سۆزلەر كىشىنى ئۇياتقاقالدۇرىدۇ
.
توقسۇنىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،قىز بولۇپ يارىلىش پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەنكەن، سىز بۇ مۇقەددەس ئىرادىدىن ئۆزىڭىزنىچەكسىز بەخىتلىك سانىشىڭىز، قىز بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشڭىز، ۋۇجۇدىڭىزغاقىزلىق پەزىلەتنى جەمىلەپ، سېھىرىي كۈچىڭىزنى قېزىشىىڭىز، ھاياتتا ئىنسانلارغاپايدىلىقلا بولدىكەن، ھەر قانداق ئىشقا ئىجتىھات قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلەرمۇقىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز كېرەك،ئۆزىڭىزنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل ۋە مايىلقىلالىسىڭىز، سىز بۇ دۇنيادا مەنىلىك ياشىغاننىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۈرگەنھېسابلىنىسىز
.
توقسان بىرىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، قىز بالا بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىگە خاس نازاكەت، خۇلىق، ۋاپادارلىق،ساداقەتمەنلىك، مېھىربانلىقنى بەلگە قىلغان قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى يارتىشى، مۇشۇقەدىر-قىممىتى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكەئاز-تۇلا تۆھپە قوشۇشى، ھايات ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشى ئىنسانىيمەجبۇرىيتىدۇر. ئەلۋەتتە پاكلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان، قىزلارغا خاس نازاكەت، قىزلىقشەرمى-ھايا تۆكۈلۈپ تۇرغان قىزلارغا ھەممە كىشىنىڭ ئىچى كۆيىدۇ، ئۇلارنىڭجەمئيەتتكى ئورنىمۇ، ئابرۇيىمۇ ناھايىتى يۇقرى بولىدۇ. ئەكىسچە پۇرسەتپەرەسلىكقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىماي، تەييار دەسمايىسگە تايىنىپ يۇقىرغا يامىشىشنىكۆزلىگەنلەر، مەلۇم بىر مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىغۇچىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۇزۇنغابارمايدۇ
.
توقسان ئىككىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ياخشى تەربىيە كۆرگەن ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن خۇلىقىنى ياخشىلغان قىزلار ھەريەردە ئىززەت تاپىدۇ، ئابرۇي قازىندۇ. ئىلىم قىزلار ئۈچۈن ئەڭ يارىشىدىغان زىننەت
. ئەقىلىنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر قىز نومۇس، ئىززەت، قىزلىق قەدىرىنىچۈشىنىپ يەتسە، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ، ئۆز قىممىتىنىتاپىدۇ. بۇنداق ھايا نىشانىسى ئېنىق قىزلار ھېچقانداق ئىشتا ئادىشىپ قالمايدۇ
. ئىلىمسىز قىز بولسا تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق ئىشتا تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قۇيدۇ
. قىزلار ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسە بولغان نومۇس، ئىززەت، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەرئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ
.
توقسان ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، ئادەمنى يامان ئىشلاردىن توسدىغان ھايا ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى خىسلەتۋە كىشىلىك ئەدەپ ئەخلاقنىڭ ھۇلى ھېساپلىنىدۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام: «ئىماندەرەختۇر، ھايا شاختۇر» دېگەنىدى. ئەگەر ھايا بولمىسا، كىشىلەر بىر-بىرىدىنئۇيالمىسا، خەلىق ئارىسىدا ياخشى قائىدە-يۇسۇنلار يوقىلىپ، ھەممە ئىشقا زىيانيەتكۈزىدۇ. ئادەملەردە ئىشەنچ ۋە دىيانەت قالمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى،كىشلەرگە ھايادىن يېتەرلىك مەنپەئەت باردۇر. ياخشى خۇي ئەخلاق مېۋىسى ھايادىنتەربىيە تاپمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىگە لەززەت بەرمەيدۇ. بىلىش كېرەككى، گۈزەللىكنىمۇھايا بىلەن سۆيۈش كېرەك. قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نۇمۇسى، بۇ بايلىق ھەرقانداق مىراستىنمۇ قىممەتلىك
.
توقسان تۆتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، گۈزەل ئەخلاقلىق بىر قىز بىلەن بەتقىلىق بىر قىز تەڭلا يىگىتلەرنىڭ ئالدىداپەيدا بولسا، ئەلۋەتتە گۈزەل ئەخلاقلىق قىز يىگىتلەرنى خۇددى ئاجايىپ سۈزۈكگۆھەر-ياقۇت ئۆزىگە تارتىقاندەك تارتىدۇك، بۇنداق قىزلارنىڭ ھۆسنى كامالىتىئادەتتىكىچە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىل خىسلىتى يىگىتلەرنىڭ قەلبىدەئاجايىپ گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ، قىزلارغا خاس نازاكەت دۇنياسى،مېھىر-مۇھەببەت ئالىمى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئەسىر قىلىپ، ئاجايىپ شېرىنھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ، بۇنداق شېرىنلىك، تاتلىقلىق بۇ ھاياتلىقنىڭ ئىنسانلارغاسۇنغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى، ئىلتىپاتىدۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە بەتقىلىق ، ھۆسىن جامالداكامالەت تاپقان بىلەن قىزلىق قەدىر-قىممەتنىڭ ئەڭ كۆركەم يارىشىقى بولغان گۈزەلئەخلاق كەم قىزغا يىگىتلەرنىڭ مەيلى تارتىمايدۇ
.
توقسان بەشىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، شۇ تاپتا خۇشخۇيلۇقتىن مۇراد تاپقان قىزلار سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ئاغزدىنمىڭلارچە بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسىنى ياڭرىتىپ خۇشناۋا قىلىپ، سىزگە دوستلۇق ۋەساداقەتمەنلىك كۆرسىتۋاتقان بولۇشى، بۇ دوستلۇق ئىزھارىدىن قەلبىىڭىز سۆيۈنۈپئالەمچە خۇشاللىق ۋە بەخىت قۇچىقىدا ئەللەيلىنۋاتقان بولۇشىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ ئۇلارغانىسبەتەن يەنە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە خۇشخۇيلۇق ئىلتىپات قىلىپ، بۇ جاھانغا ئىسسىقلىقبېرىۋاتقان بولۇشىڭىز ھەم مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، قىزلارغا بولغان ئالاھىدەنازاكەت گۈلى بولغان خۇشخۇيلۇق ۋە خۇشخۇلۇقلۇق، ئىسسىق چىراي بولۇش، دوستلۇق ۋەساداقەتمەنلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈش، مېرىبانلىق كۆرسىتىش سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەمبولغاندا، روھىڭىز ئالاھىدە جۇشقۇنلىنىپ، قەيەردە بولسڭىزناھايىتى قىزغىن كەيپىياتدۇنياسى ھاسىل قلالايسىز
.
توقسان ئالتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، دەۋر ئېقىمىدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قويۇقئۆرپ-ئادەت دۇنياسىدا ياشاڭ! ئۆزىمىزگە خاس مىللىي ئۆرپ-ئادەت، كىيىنىش ئادىتى،تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆزلۈك ئېڭىنى ساقلاپ، ئەسلىدىكى روھىي ھالەتكە قايتىقىنڭىزدىلا،سىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر قىزى، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ياراملىق تەربىيچىسىبولالايسىز. سىزنىڭ مىللىي خاسلىق جەھەتتكى ئارتۇقچىلىقىڭىز ھامان سىزنى يۈكسەكپەللىلەرگە باشلاپ بارىدۇ
.
توقسان يەتتىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇغانكەنسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەنىكەنسىز، چوقۇمقويۇق مىللىي ئۆرىپ-ئادەت دۇنياسىدا ياشاڭ! ئەتىگەن تۇرغىنىڭىزدا ئاتا-ئانڭىزدىن
:«ياخشى ئۇخلاپسىلەرمۇ؟» دەپ ئەھۋال سوراڭ؛ ياتىدىغان چاغدا «خەير، ياخشى چۈشكۈرۈڭلار» دېيىشنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ؛ ئاتا-ئانىڭىزغا ھەر بىر سۆز-ھەركىتىڭىزدەھۆرمەت تۇيغۇسىنى بېرىڭ؛ ئوغۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلىغاندا خۇشخۇيلۇقىڭىز،مېھىربانلىقىڭىز، كۆيۈمچانلىقىڭىز ئارقلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىىسگە ئېرىشىڭ؛ چايقويۇش، مېھمان كۈتۈش قائىدە-يۈسۇنلىرى، مېھماننى ئىززەتلەش سۆزلىرىنى ئۆگىنۋېلىڭ؛مەھەللىۋى تۈس ئالغان كونا قائىدە-يوسۇنلارنىمۇ ئامال بار ئۆگىنۋېلىڭ، ئۆگىنىپبولالمىغان تەقدىردىمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىڭ؛ شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىڭ
.
توقسان سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، بىلىڭكى، پاك-دىيانەتلىك بولۇش كىشىگە ھۇزۇر، ئەركىنلىك، خاتىرجەملىك بەخىشئىتىدۇ. پاك-دىيانەتلىك كىشى ھەر قانداق بوران-چاپقۇندىمۇ مەردانە تۇرالايدۇ،ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى يىل ساناپ ئەمەس، بەلكى تۆھپە ساناپ ئۆتكۈزۈشنى بىلىدۇ
. ئىپپەت-نومۇسىنى ساقلاش بىلەن قىزلار ئەڭ ئۇلۇغ ھېسابلىندۇ. شۇڭا، قىزلار مۇھەببەتمەسلىسىدە، يىگىتلەر بىلەن بولغان مۇئاملدە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنىبىلسىلا، ۋىجدانى بۇلغانمايدۇ، ھەر قانداق چاغدا يۈزى يورۇق بولىدۇ، تۇرمۇشتاقىزلارغا نىسبەتەن بەخىت، قەدىر-قىممەت دېگەن ئەنە شۇ. پۇل ھەرگىزمۇ ئىنسانىيقەدىر-قىممەتتىن، پاكلىقتىن ۋە ئىپپەت-نۇمۇستىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ. ھەقىقيئار-نۇمۇسلۇق، ئىنسابى بار قىز ھەرگىز باشقىلارنىڭ پۇلىنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىئاياغ ئاستى قىلىشىغا يول قويمايدۇ
.
توقسان توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەيقىزىم، كۆز يۈزگە ئالاھىدە ھۆسىن بېغىشلايدۇ. كۆز__ ئالەمنى كۆرگۈچى، ئىنساننىڭمەنىۋى دۇنياسى ۋە سالامەتلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئەينەكتۇر. كۆزگە تەرىپبېرىلگەندە كۆپ ھاللاردا «ئوتلۇق كۆزلەر»،«سېھرىلىك كۆزلەر»،«مېھىرلىك كۆزلەر
» دېگەندەك ئوخشىتىشلار قوللنىلىدۇ. دەر ھەقىقەت كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى. ئىنساننىڭقانداقلىقنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراش خاتا ئەمەس. قىزلارنىڭكۆزى ئىبالىق، ھايالىق، مۇلايىم بولغىنى ياخشى. ساغلام كۆزلەر يۈزگە ھۆسىن بېغىشلاشبىلەن بىرگە سالامەتلىك ئۈچۈن ھەم مۇھىم. ئايرىم ھاللاردا بەزى قىزلار كۆزۈم يەنىمۇچىرايىلىق بولسۇن دەپ، ھەر خىل بوياقلارنى بىلىپ-بىلمەي ئشىلتىدۇ. نەتىجىدە كۆز ۋەقاپاقلىرى قىزىرىپ، ئەسلى چىرايلىق بولغان كۆزلەر خۇنۇكلىشىدۇ
.
يۈزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم،سىز چىرايلىق، قىممەت باھا كىيىملەرنى كىيىپ ئۆزىڭىزگە زىننەت بىرسىز، ئۇ زىننەتسىزدە ئەمەس بەلكى كىيىملىرىڭىزدىدۇر؛ مىنگەن ئېتىڭىز بىلەن ماختىنسىز، لېكن بۇزىننەت، كامال سىزدە ئەمەس ئېتىڭىزدىدۇر؛ ئاتا-بۇۋىلىرىڭىزنىڭ پەزىلىتى بىلەنپەخىرلىنىسىز، بۇ پەزىلەتلەرنىڭ ئىگلىرى ئاتا-بۇۋىلىرىڭىزدۇر. ئەگەر ئاشۇپەزىلەتلەرنىڭ ئىگلىرى ئۆز ھەققىنى قايتۇرۋالسا، سىزگە ھېچنىمە قالمايدۇ. ھالبۇكىپەزىلەتلەر سىزگە ئۆزلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن قايتۇرۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. باشقىلارنىڭزىننىتى بىلەن زىننەتلىنەلمەيسىز. خۇلىق- مىجەزىڭىزنى تۈزىتىڭ. پەزىلەتلىك بولۇڭ،مانا بۇلار ئۆزىڭىزنىڭ زىننىتىدۇر، شۇ چاغدىلا ئۆز زىننىتىڭىز بىلەن پەخىرلىنىشكەھەقلىق بولىسز
.
تۈزگۈچى : ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن
مەسئولمۇھەررىرى: يالقۇن ئابدۇسالام
مەسئول كوررېكتورى:يۇلتۇز ئۇچقۇن
شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان