يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 1

ئوبامانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش نۇتۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوبامانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش نۇتۇقى

ۋەتەنداشلىرىم

:
بۇگۇن مەن بۇ يەردە ئالدىمىزدىكى ۋەزپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان،سىلەر بەرگەن ئشەنچتىن مەمنۇن بولۇۋاتقان،ئەجداتلىرىمىز بىغىشلىغان قۇربانلىقلارنى يادلاپ تۇرىۋاتقان ھالەتتە تۇرۇپتىمەن.مەن پىرىزدىنىت بۇشنىڭ دۆلىتىمىز ئۇچۇن قىلغان خىزمىتى شۇنداقلا ۋەزىپە ئۆتكۇزۇپ بىرىش جەريانىدىكى مەردانىلىقى ۋە ھەمكارلاشقىنى ئۇچۇن رەھمەت ئىيتىمەن

.

ھازىرغا قەدەر 44نەپەر ئامرىكا پۇقراسى پىرىزدىنىتلىق قەسىمىنى بەردى.ئۇلارنىڭ سۆزلىرى دۆلەت گۇللىنىۋاتقان ،تىنچلىق ھۆكۇم سۇرگەن مەزگىللەردە بولدى.يەنە بەزىدە بۇ قەسەملەر تۇمانلىق بۇلۇتلار ۋە شىددەتلىك بورانلار ئارىسدا قالدى.ئەنە شۇنداق چاغلاردا ئامرىكا يەنىلا بەرداشلىق بەردى.بۇ ئاددىيلا ھالدا ھوقۇق قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراستى سەۋەبىدىنلا بولغان ئەمەس،بەلكى بىز دە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىتىقاتى ۋە دۆلەت قۇرۇش پىرىنسپىمىزغا قەتئى ئشىنىدىغان خەلقىمىزنىڭ بولغانلىقىدىندۇر

.
مانا بۇ سەۋەبتىن ئامرىكا بەرداشلىق بىرىپ كەلدى.دەل شۇ سەۋەبتىن بىز بىر ئەۋلات ئامرىلىكىقلارمۇ بەرداشلىق بىرىشىمىز كىرەك

.

بىزنىڭ كىرزىس ئىچىدە قالغانلىقىمىز ھەممىگە مەلۇم.دۆلىتىمىز تەرەپ-تەرەپكە تارقالغان زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قارشى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بىر ئۇرۇش ئىچىدە تۇرۇپتۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئاچكۆزلۇكى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى،مۇشكۇل تاللاشلاردىن ھالقىپ دۆلەتنى يىڭى دەۋىر تەلىۋىگە تەييارلاش ئۇچۇن قىلغان كوللىكتىپ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئۇنۇمسىزلىكى نەتىجىسدە ئىغىز دەرىجىدە يامانلاشتى. پۇقرالىرىمىز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.خىزمەتلىرىدىن قۇرۇق قىلىشتى. شىركەتلەر تاقالدى.داۋالاش راسخوتى قىممەتلىشپ كەتتى.مەكتەپلىرىمىز تالايلاپ مەغلۇپ بولدى.ھەر بىر كۇن شۇنى ئسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى،بىزنىڭ ئىنىرگىيە ئشلىتىش ئۇسۇلىمىز رىقابەتچىلىرىمىزنى كۇچەيتىپ پىلانتىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كەلدى

.
مانا بۇلار ماتىرىيال سۇپىتىدە مەۋجۇت بولغان ۋە ئستاستىكا قىلىنىۋاتقان كىرزىسنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.بۇلار تۇپرىقىمىزدا مۆلچەرلەش قىين بولغان ،ئەمما ئشەنچ تۇيغۇمىزنى يالماپ، ئامرىكىنىڭ يىقىلىشى مۇقەررەر ،شۇڭا كىينكى ئەۋلات نەزىرىنى يىراقلارغا تىكمىسىمۇ بولىدۇ
دىگەن قورقۇنچقا كەلتۇرۇپ قويماقتا

.

بۇگۇن مەن سىلەرگە شۇنى ئىيتىمەنكى،بىز دۇچ كەلگەن خىرىسلار رىئاللىقتۇر.بۇلار
ئنتايىن جىددى ۋە ئنتايىن خىرىسلاردىن ئىبارەت.بۇلارغا ئاسانلىقچە ياكى قىسقىغىنە ۋاقىتتا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ،بىراق،ئامرىكا شۇنى بىلىپ قويسۇنكى،بىز بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالايمىز

.

بۇگۇن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق،چۇنكى بىز قورقۇنچنى ئەمەس ئۇمۇتنى ،توقۇنۇش ۋە زىددىيەتنى ئەمەس بىرلىكنى تاللىدۇق

.

بۇگۇن بىز سىياستىمىزنى ناھايتى ئۇزۇن بۇرۇقتۇرما قىلىپ كەلگەن نامەرتلەرچە قاخشاشنى ،خاتا ۋەدىلەرنى ،ئاقماس سۆكۇشلەرنى ،ئۇنۇمىنى يوقاتقان دوگمىچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىمىزنى جاكارلاش ئۇچۇن جەم بولدۇق

.
بىز تىخى يەنىلا بىر ياش دۆلەت،بىراق ئنجىلدىكى تىكىست بويىچە ئىيتقاندا ،بالىلارچە ئشلارنى بىر ياقىغا قڭيىدىغان چاغ كەلدى. ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان روھىمىزنى كۇچەيتىپ،تارىخىمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى پۇرسەتلىرىنى تاللايدىغان چاغ كەلدى.ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋام قىلىپ كەلگەن ‹‹ھەممە ئادەم باراۋەر،ھەممە ئادەم ئەركىن،ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئىزلەش پۇرستىگە ئىگە
دىگەن تەڭرى بەرگەن تەڭداشسز سوۋغات،يۇكسەك ئىدىيەنى داۋاملىق ئالغا سۇرۇشكە قەدەم تاشلايدىغان چاغ كەلدى

.

دۆلىتىمىزنىڭ بۇيۇكلۇكىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەندە،بىز شۇنداق چۇشىنىمىز:بۇ بۇيۇكلۇك قانداقتۇ بىرسى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان ئەمەس،ئۇ قەتئى جاپالىق تىرىشش ئارقىلىق قولغا كەلتۇرۇلگەن.بىزنىڭ سەپىرىمىز ئەزەلدىن چىغىر يولدىن مىڭىش ياكى ھارغىنلىق ئۇچۇن دەم ئىلىشقا ئوخشىمىغان.ئۇ ئەزەلدىن ئشەنچىسى ئاجىزلارئۇچۇن –خىزمەتكە كۆرە تاماششانى تاللايدىغان ياكى پەقەت بايلىق ۋە شۆھرەتنىڭ پاراغىتىنى ئىزلەيدىغان كىشلەر ئۇچۇن بولغان ئەمەس.ئەكسىچە ئۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغانلار ئۇچۇن ،ئەمەلى ئىشلىگۇچىلەر ئۇچۇن .قولىدىن ئىش چىققۇچىلار ئۇچۇن ،بەزىدە ئۇتۇقلىرى تەبرىكلەنگەن ،ئەمما كۆپىنچە ئەمگىكى بىلەن مەشغۇل بولۇپ نامى چىقمىغان ،بىزنى ئۇزۇن سەپەردە يۆلەپ كەلگەن ،تەرەققىياتىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىز ئۇچۇن يول ھازىرلاپ كەلگەن كىشلەر ئۇچۇندۇر

.

ئۇلار بىز ئۇچۇن ئۆزلىرىنىڭ ئازغىنا مال-مۇلكىنى يىغىشتۇرۇپ ،يىڭى ھايات ئىزلەپ دىڭىز-ئوكيانلارنى كەزدى

.

بىز ئۇچۇن ئۇلار ئسسىق كىمىلەردە جاپالىق تەرگە چۆمۇلدى،يەر ئىچىش ئۇچۇن غەربكە كۆچتى. يەرگە باغلىنىپ قىلىشنىڭ جاپاسىغا بەرداشلىق بەردى.قاتتىق زىمننى ئاغدۇرۇپ چىقتى

.

بىز ئۇچۇن ئۇلار كونكورد ۋە گىتتسبۇرگ،نورماندىيە ۋە ھى سان قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلدى ۋە جان بەردى.تاكى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق ياخشى بولغانغا قەدەر ئۇلار داۋاملىق كۆرەش قىلدى، قوللىرى قاپاردى ،قۇربان بەردى،ئۇلار ئامرىكىنى بىزنىڭ شەخسى غايىمىزنىڭ يىغىندىلىرىدىن ئەۋزەل كۆردى.تۇغۇلغان جايىمىز ،بايلىقىمىز ۋە گۇرۇھلار تەۋەلىكىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن دۆلەتنىڭ بۇيۇك بىرلىكىنى ئەۋزەل كۆردى

.

مانا بۇ بىز بۇگۇن داۋاملاشتۇرۇپ كىتىۋاتقان سەپەردۇر،بىز يەنىلا يەرشارىدىكى ئەڭ گۇللەنگەن،ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتمىز.ئشچىلىرىمىز يەنىلا مۇشۇ كىرزس باشلانغان چاغدىكىدەك تىرىشپ ئشلەۋاتىدۇ.كاللىمىز يەنىلا ئىجاتچان .مەھسۇلاتلىرىمىز ،مۇلازىمەتلىرىمىز ئۆتكەن ھەپتە،ياكى ئۆتكەن ئاي ياكى ئۆتكەن يىلدىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق.بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز ئاجىزلاپ كەتكىنى يوق.بىراق بىزنىڭ تار دائىردىكى مەنپەئەتنى قوغداش ئۇچۇن تەرەپباز بولۇۋىلىپ ،پايدىسز قارار چىقىرىدىغان ۋاقتىمىز شۇبھسىزكى ئەمدى ئۆتۇپ كەتتى.بۇگۇندىن باشلاپ بىز ئۆزىمىزنى قايتا رەتلەپ چىقىشىمىز،ئۆزىمىزنى سىلكىۋىتىشىمىز ،ئامرىكىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى دەرھال باشلىشىمىز كىرەك

.

نەگىلا قارىساق،بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۇتۇپ تۇرغان نۇرغۇن ئش بار، ئقتىسادى ئەھۋالىمىز بىزنى ھەرىكەت قوللىنىشقا،كەسكىن ھەم تىز بولۇشقا چاقىرىپ تۇرۇپتۇ.بىز ئەمدى ھەرىكەتكە كىلىمىز،پەقەت يىڭى خىزمەت ئورنى يارىتىش ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى يىڭى ئش ئاساسى يارىتىش ئۇچۇن ھەرىكەتلىنىمىز.يول ۋە كۆۋرۇك سالىمىز،سودىمىزنى جانلاندۇرۇپ ،بىزنى ئۆز-ئارا باغلايدىغان ئىلىكتىرونلۇق تور ۋە رەقەملىك لىنىيەلەرنى ئورنىتىمىز.ئىلىم-پەننى توغرا يەرگە ئشلىتىپ ،تىخنىكىنىڭ كۇچىنى داۋالاش ئشلىرىنىڭ سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ۋە تەننەرقىنى چۇشۇرۇش ئۇچۇن ئشلىتىمىز.بىز قۇياش،شامال ۋە تۇپراقلاردىن ماشنىلىرىمىزنى يىقىلغۇ بىلەن تەمىنلەپ زاۋۇتلىرىمىزنى ماڭدۇرىمىز.مەكتەپلىرىمىز،ئىنۇستۇت ۋە ئۇنىۋىرسىتلىرىمىزنى يىڭى دەۋىر تەلىۋىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز.بۇلارنىڭ ھەممىسنى بىز قىلالايمىز.بۇلارنى ھەممىسنى قىلىمىز

!!!

بەزىلەر ھازىر بىزنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ دائىرسىگە سۇئال قويۇپ،بىزنىڭ سىستىمىمىز بەك كۆپ پىلانلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن.ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناھايتى ئاجىزلىقىدا شەك يوق.ئۇلار دۆلىتىمىز روياپقا چىقارغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغان،ئۇلار ئەركىن ئەرلەر ۋە ئەركىن ئاياللار ئورتاق مەقسەت ئۇچۇن ئۇيۇشۇپ ،باتۇرلۇق بىلەن قىلغران تەسەۋۋرلىرىنى بىرلەشتۇرگەندە بارلىققا كەلتۇرگەن ئۇتۇقلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان

.

ۋاز كەچكۇچىلەر چۇشىنىشكە ئاجىز كەلگەن بىر نۇقتا شۇكى يەرشارى ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدا ئايلىنىدۇ،بىزنى شۇنچە ئۇزۇن سۇيئستىمال قىلغان كونا سىياسى مۇنازىرىلەر ئەمدى ئاياقلىشسىدۇ.بۇگۇن بىز سورايدىغان سۇئال بىزنىڭ ھۆكۇمىتىمىز بەك چوڭمۇ ياكى بەك كىچىكمۇ دىگەن سۇئال ئەمەس،بەلكى ھۆكۇمىتىمىزنىڭ ئائىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق مۇئاشى بار خىزمەت تىپىشغا ياردەم قىلىش ئىقتىدارى ،غورۇرنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىغان پىيىنسيە كاپالىتىنى بىرش ئىقتىدارىغا سۇئال قويۇشمىز كىرەك.بۇنىڭ جاۋابى

‹‹

،قىلالايدۇ›› بولغاندا.بىز ئالغا قاراپ مىڭىشنى نىيەت قىلدۇق.جاۋابى ياق بولغاندا،بارلىق پروگىراممىلار ئاخىرلىشدۇ.ھۆكۇمىتىمىزدىن خەلق پۇلىنى باشقۇرىدىغان كىشلەر ھەممىنى ھىسابلىق تۇتىدۇ.ئورۇنلۇق خەجلەش،ناچار ئادەتلەرنى ئسلاھ قىلىش،سودىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىش،ئۇچۇن نازارەت قىلىنىدۇ.چۇنكى شۇنداق قىلغاندىلا بىز بىر خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۇمىتى ئوتتۇرسىدىكى زۆرۈر بولغان ئشەنچنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز

.

ئالدىمىزدىكى سۇئال –بازار پايدىلىق كۇچمۇ ياكى زىيانلىق كۇچمۇ دىگەنمۇ ئەمەس.بازار بايلىقنى ئايلاندۇرۇپ،ئەركىنلىكنى كىڭەيتىدىغان يىگانە ۋاستە.بىراق بۇ كىرزىس بىزگە شۇنى ئەسلەتتىكى،تولۇق دىققەت قىلمىغاندا بازار بىزنىڭ كونتىروللۇقىمىزدىن چىقىپ كىتىدۇ.شۇنداقلا بىز دۆلەت پەقەت بايلىقنى ئويلاشقاندا ئۇنىڭ بايلىقى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.ئىقتىسادىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ھەمىشە پەقەت ئىچكى ئشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىگىلا باغلىق بولۇپ كەلگەن ئەمەس،بەلكى يەنە تەرەققىياتىمىزنىڭ دائىرسىغا،تەرەققىيات پۇرستىنى ئىزلىگەنلەرگە ساخاۋەت يۇزسىدىن ئەمەس ،(باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن) پۇرسەت يارىتىپ بىرىشىمىزدە گەۋدىلەنگەن.چۇنكى بۇ بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغدايدىغان ئەڭ ئۇنۇملۇك يولدىن ئىبارەت

.

بىز ئورتاق بىخەتەرلىكىمىز ئۇچۇن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزۋە ئىتىقاتىمىز ئوتتۇرسىدا قويۇلغان تاللاشنى رەت قىلىمىز.دۆلەت قورغان ئاتىلىرىمىز بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان خىيم-خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەندە قانۇن-تۇزۇمنى ۋە ئنسان ھوقۇقىنى
مۇئەييەنلەشتۇرىدىغان،دەۋىردىن دەۋىرگە قان-قىنىمىز بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نىزامنامىلەرنى تۇزگەن.ئاشۇ ئىتقاتىمىز ھىلىھەم دۇنيانى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.بىزبۇ ئىتىقاتتىن پايدىنى كۆزلەپ ۋاز كەچمەيمىز.بۇگۇن بىزگە قاراپ تۇرغان ئىگىز پايتەخىتلەردىكى ھۆكۇمەتلەردىن تارتىپ مىنىڭ دادام تۇغۇلغان كىچىك كەنىتلەردىكى پۇقرالارغىچە مەن شۇنداق دەيمەنكى،ئامرىكا تىنچلىق ۋە غورۇر ئىزلىگەن ھەربىر ئەر-ھەر بىر ئايال،ھەربىر بالا ئۇچۇن بىر ياخشى دوسىت.بىز دۇنياغا يەنە بىر قىتىم رەھبەرلىك قىلىشقا تەييارلاندۇق

.

فاشىىزىم ۋە كوممۇنىزىمنىڭ زىيىنغا ئۇچرىغان ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىمىز دۇشمەنگە پەقەت باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تانكىلار بىلەنلا ئەمەس بەلكى تەۋرەنمەس ئىتتىپاقداشلار ۋە مۇستەھەكەم ئىرادە بىلەن تاقابىل تۇرۇشقان.ئۇلار شۇنى چۇشەنگەنكى،پەقەت بىزنىڭ كۇچىمىزلا بىزنى قوغدىيالمايدۇ.ياكى بىزنى مەقستىمىزگە يەتكۇزەلمەيدۇ.ئەكسىچە،ئۇلار شۇنى بىلگەنكى،بىزنىڭ كۇچ-قۇدىرىتىمىز توغرا ئشلتىلگەندىلا بارغانسىرى ئىشپ ماڭىدۇ،بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز- بىزنىڭ مەقستىمىزنىڭ توغرىلىقى،بىزنىڭ لايىق ھەرىكىتىمىز،كەمتەرلىكىمىز ۋە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋىلىشىمىز بىلەنلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ

.

بىز ئەنە شۇ رىۋايەتنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارمىز،،ئاشۇ پىرىنسپلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ،بىز تىخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ،دۆلەتلەر ئارا تىخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە چۇشىنىش تەلەپ قىلىدىغان يىڭى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرالايمىز.ئىراقنى مەسئۇلىيەتچانلىق ئىراق خەلقىگە تاپشۇرۇپ ئافغانىستاندا جاپالىق قولغا كىلىدىغان تىنچىلىقنى ئشقا ئاشۇرالايمىز.كونا دوسىتلىرىمىز ۋە كونا رەقىپلىرىمىز بىلەن يادرو تەھدىتىنى ئازايتىش ئۇچۇن ھارماي تىرىشىپ،بىر ئىللىق يەرشارى روھىنى قايتۇرۇپ كىلەلەيمىز، بىز ئۆزىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىز ئۇچۇن بىراۋدىن ئەپۇ سورىمايمىز،ئۇنى قوغداشتىن تەۋرىنىپمۇ قالمايمىز،ئۆز مەقسىدتىنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرورلۇق قىلىۋاتقان،بىگۇناھلارنى بوغۇزلاۋاتقان ئاشۇ كىشلەرگە شۇنداق دەيمىزكى،،بىزنىڭ روھىمىز كۇچلۇك،ئۇ ھەرگىز يىقىلمايدۇ،.سەنلەر ھەرگىز بىزدىن ئارتۇق ياشاپ كىتەلمەيسەن،بىز سەنلەرنى مەغلۇب قىلىمىز،بىز بىلىمىزكى،بىزگە مىراس قالغىنى ئاجىزلىق ئەمەس،بەلكى كۇچ-قۇدرەت.بىزنىڭ بۇ دۆلەت
خىرىستئانلار،مۇسۇلمانلار،يەھۇدىيلار،ھىندىلار ۋە دىنسىزلار دىن تەشكىل تاپقان دۆلەت

.
بىز دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن كەلگەن ھەر بىر تىل ،ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى قوبۇل قىلىمىز،چۇنكى بىز ئىچكى ئۇرۇش
ۋە بۆلۇنمىچىلىكنىڭ ئاچچىق تەمىنى تتىغان،ئاشۇ قاراڭغۇ مىنۇتلاردىن تىخىمۇ كۇچلۇك ۋە تىخىمۇ بىرلەشكەن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان.بىز پەقەت شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،بارلىق كونا ئۆچمەنلىكلەر ھامان بىر كۇنى يوقىلىدۇ.گۇرۇھۋازلىق چىگىرسى يوقىلىدۇ.دۇنيا كىچىكلىگەنسىرى بىزنىڭ ئورتاق ئنسانىيلىقىمىز ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.ئامرىكا بۇ تىنچلىق يىڭى دەۋرىدە ئۆز رولىنى ئۆتىشى كىرەك

.

مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇچۇن ،بىز بىر ئۆز-ئارا مەنپەئەت ۋە ئۆز-ئارا ھۇرمەتكە ئاساسلانغان يىڭى يول ئۇستىدە ئىزدىنىمىز.يەرشارىدىكى توقۇنۇش ئۇرۇقىنى چىچىۋاتقان ياكى ئۆز جەمئىيتىدىكى كىسەللىكنىڭ مەنبەسنى غەرپكە ئىتترىپ قويىۋاتقان رەھبەرلەرگە شۇنى دەيمىزكى،سىزنىڭ خەلقىڭىز سىزگە سىز ۋەيران قىلغان نەرسىلەر ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى سىز قۇرۇپ چىققان نەرسىلەر ئۇچۇن ياخشى باھا بىرىدۇ.چىرىك ۋە شەكىلۋاز
ھاكىمىيەتكە
چاپلىشىپ ،نارازىلىقلارنى باستۇرۇپ كىلىۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ئۇچۇن شۇنداق دەيمىزكى،سىز تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇپ قالدىڭىز،بىراق ئەگەر سىز مۇشتۇمىڭىزنى تۇگۇۋالماسلىقنى خالىسىڭىزلا بىز سىز تەرەپتە تۇرىمىز

.
نامرات ئەللەردىكى خەلقلەرگە بىز شۇنداق دەيمىزئاچ قالغان بەدەنلەرگە ئوزۇق بولسۇىن ئۇچۇن ،ئاچ قالغان روھلارنى جانلاندۇرۇش ئۇچۇن ، ئىتىزلىرىڭلارنىڭ مول-ھوسۇللۇق بولۇشى ،سۇلىرىڭلارنىڭ شارقىراپ ئىقىشى ئۇچۇن سىلەر بىلەن بىللە ئشلەيمىز.بىزگە ئوخشاش نسبەتەن پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەل خەلقلىرىگە شۇنداق
دەيمىزكى.بىز باشقا ئەللەردىكى قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرساق ياكى دۇنيانىڭ بايلىق مەنبەسىنى ھىچقانداق ئۇنۇم ياراتماستىن ئستىمال قىلساق بولمايدۇ،دۇنيا ئۆزگەردى.بىزمۇ ئۆزگىرىشىمىز كىرەك

.
بىز ئالدىمىزدا تۇرىۋاتقان بۇ مۇشكۇل يولنى نەزەرگە ئىلىۋاتقان پەيتتە،يەنە بىز مۇشۇنداق چاغلاردىمۇ يىراق چۆل-جەزىرىلەر ۋە ئىگىز تاغلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باتۇر ئامرىكا پۇقرالىرىغا تۆۋەنچىلىك مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۇرىمىز.ئۇلارنىڭ خۇددى دەۋىرلەردىن بىرى ئارلىڭتۇندا يىقىلغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ داستانلىرىدەك بۇگۇن بىزگە د ەيدىغان گەپلىرى بار.بىز ئۇلارنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغانلىقى ئۇچۇنلا ئەمەس،ئۇلارنىڭ خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش روھى بولغانلىقى ئۇچۇن

  


،ئۆزىدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسىنى بايقاشقا تىرىشچانلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن ھۆرمەت قىلىمىز.دەل مۇشۇ پەيتتە،بىر ئەۋلات كىشىلىرىگە بەلگە بوپقالىدىغان مۇشۇ پەيتتە دەل ئاشۇ خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش روھى بىز ھەممىزگە ئورناپ كىتىشى كىرەك

.
ھۆكۇمەت قىلالىشى ۋە قىلىشى كىرەك بولغاندەك،دۆلىتىمىز يەنە ئامرىكا خەلقىنڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىرادسىگە تايىنىدۇ.خىزمەتنى قويۇپ ،بىر مۇھتاج يات كىشىگە ياردەم قىلىش چوڭ ياخشىلىقتۇر،، بىشىغا كۇن چۇشكەن دوستىنى كۆرۈپ كىلىش ئۇچۇن خىزمەت ۋاقتىنى ئازايتىپ ۋاقىت چىقىرىش شەخسىيەتسىزلىكتۇر.ئوت ئوچۇرگۇچىنىڭ ئس-تۇتەك قاپلاپ كەتكەن پەلەمپەيگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىشى
،شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر بالىنى تەربىيلەش ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى دۆلىتىمىزھنىڭ كەلگۇسنى قارار قىلىدۇ

.
بىزدۇچ كەلگەن خىرىسلار يىڭى بولۇشى مۇمكىن، بىز تاقابىل تۇرۇشتا ئشلىتىدغان قوراللارمۇ يىڭى بولۇشى مۇمكىن.ئەمما بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىمىز تايىنىدىغان-جاپالىق ئەمگەك،سەمىمىيەت،باتۇرلۇق ، ئادىللىق ،يول قويۇش، ئنتىلىش.ۋاپادارلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىق قىممەت قاراشلار يەنىلا ئۆز پىتى بولىدۇ.مانا بۇلار ھەقىقى نەرسىلەردۇر.مانا بۇلار تارىخىمىزدا ئالغا بىسشىمىزغا تۇرتكە بولغان .بىزگە لازىم بولغىنى دەل ئاشۇ ھەقىقەتلەردىن تىپىلىدۇ.بىزدىن تەلەپ قىلىندىغىنى –بىر مەسئۇلىيەتچانلىق دەۋرىدىن ئىبارەتتۇركى ھەر بىر ئامرىكىلىق شۇنداق
ئىتىراپ قىلىشى كىرەك:بىزنىڭ ھەممىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار،بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە قارىتا ،دۇنياغا قارىتا مەسئۇلىيتىمىز بار،بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى خالىماستىن مەجبۇرى يوسۇندا ئەمەس،خۇشاللىق بىلەن كەسكىن تۇتىشىمىز كىرەك،شۇنى بىلىشمىزكىرەككى،روھنى خاتىرجەم قىلىشقا ،خاراكتىرىمىزنى گەۋدىكلەندۇرۇشكە بارلىقىمىزنى بىر مۇشكۇل ۋەزىپىگە بىغىشلاشتىنمۇ .ئارتۇق ئش يوق

.
مانا بۇ پۇقرالىق ئەھدىسى مانا بۇ پۇقرالىقنىڭ قىممىتى

.
بىزنىڭ ئشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى شۇكى-بىز تەڭرىنڭ بىزنى ئىنىق بولمىغان تەقدىرگە يۇزلىنىش چاقىرقى بارلىقىنى بىلىمىز

.
مانا بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز ۋە ئىتىقاتىمىزنىڭ ئەھمىيتىدۇر،شۇڭلاشقا بۇگۇن ھەربىر ئىرق ،ھەر خىل ئەقىدىگە ئىگە ئەرلەر،ئاياللار ۋە بالىلار بۇ بۇيۇك زىمىندا ئورتاق بىر خۇشاللىقنى تەبرىكلەپ تۇرۇپتۇ.شۇڭلاشقا بۇگۇن
دادىسى ئاتمىش يىل بۇرۇن بىر يەرلىك تاماقخانىدىمۇ
خىزمەتكە ئىرىشەلمىگەن بىر كىشى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ ئەڭ مۇقەددەس قەسەمنى بىرىپ تۇرۇپتۇ

.
شۇڭا بىز بۇ كۇننى ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى ،ۋە قانداق يوللار بىلەن بۇگۇنگىچە كىلەلىگەنلىكىمىزنى ئەسلەش بىلەن خاتىرلەيلى.ئامرىكا قۇرۇلغان ئاشۇ يىللاردا ،ئاشۇ سوغۇق كۇنلەردە،بىر تۇركۇم ۋەتەنپەرۋەرلەر مۇزلۇق دەريا بويىدىكى كىچىك كەپىلەرگە سىقىلىپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەيلى.پايتەخىت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان،.دۇشمەن ئىلگىرىلەپ بىسىپ كەلگەن .قارلار قانغا بويالغان،ئىنقىلاۋىمىزنىڭ مىۋىسى يوققا چىقىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن،دۆلەت قۇرغۇچى ئاتىلىرىمىز كىشلەرگە ئوقۇشنى بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەسلەيلى

:
كەلگۇسى دۇنياغا شۇنى يەتكۇزۇپ قويايلىكى پەقەت ئۇمىت ۋە پەزىلەتلا ھايات قالالايدىغان ،قىشنىڭ ئەڭ مۇدھش سوغاقلىرىدا ،شەھەر ۋە دۆلەت ئورتاق خەۋپكە دۇچ كەلگەندە ،بىز ھەمممىز ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇچۇن ئۇچراشتۇق

.
ئامرىكا،بىز ئورتاق خەۋپكە دۇچ كەلگەندە ،مۇشەققەتلىك مۇدھىش كۇنلىرىمىزدە،بىز ئاشۇ مەڭگۇلۇك سۆزلەرنى يات ئىتەيلى!مۇز ئىقىنلارغا جاسارەت ۋە پەزىلەت بىلەن يۇزلىنەيلى،كىلىشى
مۇمكىن بولغان ھەرقانداق شىۋىرغانغا بەرداشلىق بىرەيلى،بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى شۇنداق دەپ قالسۇنكى،بىز قاتمۇ-قات مۇشكۇل سىناققا دۇچ كەلگەندە سەپىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالمىدى،بىز ھەرگىز كەينىمىزگە يانمىدۇق ياكى باش ئەگمىدۇق،پەلەككە تەلمۇرۇپ تۇرۇپ،تەڭرىنڭ ئاتلىرىنى ياتلاپ تۇرۇپ ئەڭ بۇيۇك سوۋغات ئەركىنلىكنى ئىلىپ ئۇنى كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا ساق-سالامەت تاپشۇردۇق

.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيۇقسىز 10 يىلدىن كېيىن مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر نۇتۇق سۆزلەيدىغىنىم خىيالىمدىن كېچىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە پىرىزىنتلىق نۇتىقى ئەمەس، ئائىلە باشلىقلىق نۇتۇقى سۆزلىشىم مۇمكىن .

ھۆرمەتلىك ئائىلەم پۇقرالىرى ، مۇشۇ بەخىتلىك مىنۇتلار سىلەرنىڭ مېنىڭدەك بىر ئائىلە تۈۋرىگى، ئائىلە باشلىقىدەك ئاتاڭلارنى قوللاپ قۇۋەتلەپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتالماي تۇرالمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ئائىلىدىكى ئورنۇم سىلەرنىڭ ماڭا ئىتائەت قىلىشىڭلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ھەمدە ئايالىمنىڭ "خاتا" چايدىن كېچىپ، بالىلىرىمنىڭ كارتون فىلىم كۆرۈش ۋاقتىدىن كېچىپ، مېنىڭ بايرىقىمغا ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، بۇ نادىر نۇتىقىمنى ئاڭلاپ بەرگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەشەككۈرلەر ئېيتماي تۇرالمايمەن . ( چاۋاك بارچۇ بۇ يەردە).

ئائىلە قۇرغان بۇ 10 يىلدىن بۇيان، ئائىلىمىزنىڭ بەختىگە قانماي، ئۆز ئۆزىدىن يېنىش يېنىشلاپ " بۇ چۈشۈممۇ؟" دەپ سوراۋاتقان قەدىرلىك خانىمىم، بۇ چۈشىڭىز ئەمەس، بۇ سىزنىڭ مېنى تاللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەڭرى سىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ سوۋغات، بىر ئايالنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى دەل ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامىدۇر. دىمەك، مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلدىم، سىزنىڭ بەخىت بۆشىكىدە تەۋرىنىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلىرىڭىزدە ماڭا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىڭىز ۋە رەھمىتىڭىزنى ئىچىڭىزدە ئويلاپ، ئېغىزىڭىزغا چىقىرالمايۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن، ھازىرقى خۇشاللىق ھېسياتىڭىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقىنىڭىزنىمۇ كۆزلىرىڭىزدىن بىلىپ   تۇرۇپتىمەن، سىزنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەردە توختىماستىن سائىتىڭىزگە قارىشىڭىز، ھازىرقى ۋاقىتنى توختاپ مۇشۇ بەخىتلىك دەقىقىلەر ئۆتۈپ كەتمىسۇن دىگەنلىكىڭىز بولماي نىمە؟ ھالال جۈپتۈم، سىزگە كۆپرەك رەھمەت !
مۇھەببەت گۈلىستانىمنىڭ گۈللىرى بولغان ئوماق پەرزەنتلىرىم، سىلەر مۇشۇنداق بىر بەختلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگىنىڭلار ھەم مېنىڭدەك ئاتاڭلارنىڭ بولغانلىقىنى چەكسىز پەخىرلەنسەڭلارمۇ، يېشىڭلار كىچىك، 5 يۈەن بىلەن 10 يۈەننى ئەمدىلەتىن پەرقلەندۈرىۋاتقان ئەقلى قابىلىيىتىڭلارنىڭ تېخى يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، ھېسياتىڭلارنى ئىپادىلەپ بولىشىڭلار تامامەن مۇمكىن ئەمەس، بۇ جەھەتتىن ئاپاڭلارنىڭ تارتتىڭلار، ئەمما مەن بىلىپ تۇرۋاتىمەن. سىلەرنىڭمۇ بىردە تام سائىتىگە بىردە ئۆچۈرۋېتىلگەن تېلىۋىزورغا قاراپ، بىر بىرىڭلار ئاغزىڭلارنى ئۈمچەيتىپ قاراشلىرىڭلاردىن، مۇشۇنداق تەسىرلىك مىنۇتلاردا ھاياجان ئىلكىدە ماڭا تىكىلىپ قارىيالمايۋاتقانلىقىڭلارنى ھېس قىلىۋاتىمەن.

سىلەرنىڭ ئائىلە پۇقرالىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن مەنمۇ ھەم چەكسىز بەخىتلىك ، خۇشال. سىلەر مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى، چۈنكى سىلەر بولمىساڭلار بۇ ئائىلە پەقەت "ئۆي"گە ئايلىنىپ قالىدۇ، مەنمۇ ئائىلە باشلىقىدىن "ئۆي خوجايىنى"غا ئايلىنىپ قالىمەن. سىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۈرۇڭ قىلىشىڭلار بىلەن بۇ ئۆي خۇددى بازاردەك قىزىپ كىتىدۇ، سىلەر بولمىساڭلار "مازار"غا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ شۇڭا سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن.

سىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ مېنى قوللاپ قۇۋەتلەپ، رەھبەرلىك ئورنۇمنى ئېتراپ قىلىپ، يۇۋاشلىق بىلەن ئىتائەت قىلىپ بېرىشىڭلارنى كەڭچىلىك بىلەن ئۇقتۇرۇپ ئۆتىمەن. سىلەرگە ۋەدە بېرەيكى، شۇنداق قىلالىساڭلار مەنمۇ ھەم بۇ ئائىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى روناق تېپىشى ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ رەھبەرلىك ئوبرازىمغا داغ يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، خۇددى تۆمۈر كالىدەك ئىشلەپ، سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن. مەن يەنە مەردلىك بىلەن شۇنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتىمەنكى، سىلەرنىڭ ئوقۇش، داۋالىنىش، تۇرمۇش چىقىملىرىڭلار ئائىلىمىزنىڭ مالىيەسىدىن ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. سىلەر بۇ ئائىلىدە ئېھتىياجىغا قارىتا ئىشلەش، ھەتتا ئاشۇرۇپ ئىشلەش جەھەتتە سىلەرگە ئەركىن خىزمەت قىلىش، ئۆي ئىشى قىلىش، ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيمەن. قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ساياھەتكە ئېلىپ چىقىش، كۈتۈپخانىلارغا ئېلىپ بېرىش، ئەقلىي قابىلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق سىلەرنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىڭلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيمەن.

ئاخىرىدا سىلەرنىڭ مەن بىلەن بىرگە بۇ بەخىتلىك ئائىلىمىزنى قوغداپ، روناق تېپىشى ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن . سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق، ئۆگىنىشىڭلارنىڭ نەتىجىلىك، كەيپىياتىڭلارنىڭ خۇشھال بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ھۆرمەت بىلەن : ئائىلە باشلىقىڭلاردىن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:34 , Processed in 0.095939 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش