تاشلاپلا قويسىڭىز ئارام تاپىسىز
تۇرمۇشتىن راھەت تاپالمىغان بىر بايۋەچچە نۇرغۇن ئالتۇن كۇمۇش، بىساتلىرىنى كۆتۇرۇپ، باشقا يۇرۇتلارغا راھەت ئىزدەپ چىقىپتۇ. ئەمما نۇرغۇن يۇرتلارنى كېزىپمۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەپتۇ. ئۇ، ئومىدسىزلەنگەن ھالدا يول بويىدا ئۇچراپ قالغان ئوتۇنچىدىن، ئۆزىنىڭ نەگە بارسا راھەت تاپىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئوتۇنچى ئۆشنىسىدىكى بېسىپ تۇرغان ئېغىر ئوتۇننى تاشلاپ، ماڭلەي تەرلىرىنى سۇرتكەن پېتى: «راھەتننىمۇ ئىزدەپ چىققان بارمۇ؟ مانا، مەن ئوتۇننى تاشلاپ قويساملا راھەتلىنىمەن ئەمەسمۇ» دەپتۇ. ھېلىقى بايۋەچچە بىردىنلا سەگەكلىشىپ قالغاندەك بوپتۇ، تاپقان بىساتىنى كۇنبويى ئۆزىگە ئېغىر يۈك بولۇپ تۇرسا، ھەر دائىم باشقىلارنىڭ بۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا يۇرسە، ئەلۋەتتە، راھەت تاپقىلى بولمايدۇ-دە. كىيىن ئۇ، بارغانلا يېرىدە بىر قىسىم بىساتىنى نامراتلارغا ئۈلەشتۇرۇپ بېرىدىغان بوپتۇ، بايلىقى بارغانسىرى ئازلاپ بېرىپتۇ، ئەمما ئۆزى بارغانسىېرى يېنىكلەپ، ئاخىرى راھەتكە چىقىپتۇ.
بەلكىم، بىز بۇ بايۋەچچىنىڭ قانداق راھەتلىنىشنى بىلمىگەنلىكىنى مەسخىرە قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، ئوبدان ئويلىنىدىغان بولساق، ئۆزىمىز سىناپ كۆرسەك نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ھەددىدىن زىيادە ئىجتىمائىي بېسىم، تېز تۇرمۇش رېتىمى بىزنى تۇيدۇرمايلا نام-مەنپەئەت
قاينىمىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئاز تولا مەنپەئەتنى دەپ ھەدەپ دەتالاش قىلىمىز، مانا بۇ جانغا ئىكەك سالغانلىق. يەنە كېلىپ «تۇرمۇش نىمە دىگەن جاپالىق! نىمە دىگەن بىمەززە!» دەپ ۋايسايمىز. شۇنىڭ بىلەن خوتنى يۆتكەپ، ئاتالمىش «راھەت»نى ئىزدەشكە كىرىشىمىز. خوش، تۇگىمەس ساختىپەزلىك، نام-مەنپەئەتخورلۇق، ئۆز ئارا دەتالاش تۇگىمىسە، نەدىمۇ جاننىڭ راھىتى بولسۇن؟
يۈكنى ئازراق تاشلىۋېتىشنى ئۆگىنىۋالايلى، «تۆھپە، نام-مەنپەئەت، غەللە» دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى گېزى كەلگەندە ھەش-پەش دېگۇچە تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە بۇنداق يۇكتىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن-ئازادە يۈرگەن ياخشى، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىقىدىن ئادا-جۇدا بولىسىز، قەددىڭىزنى رۇسلاپ، ھايات پەيزىنى سۈرۈشكە زور ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇسىز. مۇشۇنداق قىلالايدىغانلا بولسىڭىز، ھاياتلىقتىكى ھەقىقى لەززەتنىڭ ھۇقۇق، پۇل، مەنپەئەتتە بولماي، بەلكى، ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان كۆڭۇل ئىستىكى- راھەتلىنىشتە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
قېنى ھازىردىن باشلاڭ، كۆڭلىڭىزدىكى ئېغىر يۈكتىن دەرھال قۇتۇلۇڭ، بۇ، سىزگە ئەمىنلىك، شاتلىق ئاتا قىلماي قالمايدۇ. تۇرمۇشتا ماددىي مەئىشەت بالاسىدىن قۇتۇلسىڭىزلا، شاۋقۇن-سورەن بولمىغان، گۇل چىچەكلەرگە پۈركەنگەن كەڭرى جاھان سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.