يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 685 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 649|ئىنكاس: 5

ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 19:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج ، ئۇ بىرەر ئىش قىلغاندا ياخشى قىپسىز دەپ قويسىڭىز ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تېرىشىشى ، ئەگەر ياخشى قىلماپسىز دېسىڭىز ، ياخشى قىلىشقا كۆڭۈلشىمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ .
2. ئۆي بىلەن سىرتنىڭ پەرقى بولىدۇ . شۇڭا ئۆيدە قىلىشقان بەزى چاقچاقلارنى سىرتلاردا دەپ يۈرمەڭ .
3. ئەرلەر ئادەتتە كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ئۇنداق ئىشلارنى سىزمۇ قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرماڭ ، بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ يارىسىغا ئۆزىڭىز تۇز سېپىۋالىسىز .
4. دەسلەپكى مۇھەببەت ئەرلەرگە نىسبەتەن پاك ھەم گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگەن قىزى بەلكى بەزى جەھەتلەردە سىزدىن تۆۋەن تۇرۇشى مۇمكىن . ئەمما سىز بۇنىڭدىن پايدىلنىپ ئۆزىڭىزنى كۆتۈرۈپ ، قارشى تەرەپنى چۈشۈرىمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم يامان نەتىجىگە قېلىشىڭىز مۇمكىن .
5. بىر قىسىم ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالماڭ .
6. ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دېمىگەن بىرەر كەمچىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئەتىدىن - كەچكىچە يۈزىگە سېلىپ مازاق قىلسىڭىز ، بارا - بارا ئۇ سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە سىزگە ھېچقانداق سىرىنى دېمەيدىغان بولۇۋالىدۇ .
7. ئەرلەر ئادەتتە يۈز - ئابرۇيغا بەك دىقەت قىلىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئالدىدا گەپ - سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە داد ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ .
8. بالىڭىز ياكى قېينانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ . ئۇنداق بولمىغاندا ئۈچ تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ .
9. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز مەڭگۈ بالىڭىزنىڭ ئانىسى بولغىنىڭىزغا ئوخشاش ئېرىڭىزمۇ مەڭگۈ ئانىسىنىڭ بالىسى . بۇخىل قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنى ھىچقانداق نەرسە ئىگىلىيەلمەيدۇ . ئەرلەر ئادەتتە ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن تاكاللىششىنى ياخشى كۆرمەيدۇ . شۇڭا قېينانىڭىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېرىشىڭ .
10. سىز ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ئىنتايىن موھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ كىتەلمەيسىز . شۇڭا ئۇنىڭغا قىرىنداشلىق ھەم دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ .
11. بەزى ئاياللار ئەرلەردىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ . ئەرلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئورۇنسىز گۇمانلىشىدىن بىزار . شۇڭا بۇ ئىشقا بەك دىققەت قىلىڭ .
ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ناھايىتى ئاجىز كىلىدۇ . شۇڭا ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە موھتاج .

مەنبە:ئىككى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى سىرلار .

Rank: 3Rank: 3

توردا
112 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
275
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:19:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج ، ئۇ بىرەر ئىش قىلغاندا ياخشى قىپسىز دەپ قويسىڭىز ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تېرىشىشى ، ئەگەر ياخشى قىلماپسىز دېسىڭىز ، ياخشى قىلىشقا كۆڭۈلشىمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ .
...................................................................................

بۇ بەك توغرا ئېيتىلغان سۆز . ئەر بولغۇچى بىر ئىشنى تۇنجى قىلغاندا گەرچە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك قىلالمىغان بولسىمى ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ "بەك ياخشى قىپسىز " دەپ ماختىسىڭىز ،قارشى تەرەپنى خوشال قىلالايسىز ھەم ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئ.ىشەنچىسى تېخىمۇ ئېشىپ ،كېلەر قېتىم يەنە شۇ ئىشنى قىلىشقا دۇچ كەلگەندە سىزنى جاپا  تارتقۇزمايلا ئۆزى قىلىۋېتىدۇ ،
بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ ،بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:27:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىلەن بۇرۇنراق تۇنۇشسامچۇ كاشكى

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:49:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە خوتۇن بىلەن كۇندە ئۇرۇشۇپ يۇرمەستىم.

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuman1973 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:49 دە يوللىغان
ئۆيدە خوتۇن بىلەن كۇندە ئۇرۇشۇپ يۇرمەستىم.


شۇ خىجىلچىلىقتا يۈزىڭىزنى ئېتىۋاپتىكەنسىز-ھە

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<< ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، يەر قىلغانمۇ خۇتۇن >>
<< ھەرقانداق بىر مۇۋەپپىقيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ، ئۈزىنىڭ بارلىقىنى يۇلدىشىغا ئاتىۋەتكەن بىر ئايالنىڭ بارلىقى ئىنىق >>
<< ئاياللار بىر قۇلىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ >>

ھەممە ئاياللار راستىنلا سىز دىگەندەك ئۇيلىسا  ، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى سىزدەك << چۈشەنسە >>  قانداق بۇلۇپ كىتەر -ھە !
- شۇنداق بۇلۇپ قالسا ئەرلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئىشەنگەن بۇلاتتى ، ئائىلىگە تۇرمۇشقا ئىشەنگەن بۇلاتتى ، ئىغىر  ئۇھ - تارتىپ قالمىغان ، پۇشايمان قىلمىغان ، ھەسرەت چەكمىگەن بۇلاتتى .  
مىنىڭچە  ،  ئىمان - ئىتقادلىق ، شەرمى - ھايالىق ھەقنى تۇنۇيدىغان ، ھەق ناھەق قارشىغا ئىگە قىز - ئاياللار ئائىلىنىڭ خاتىرجەم - ئىناقلىقىغا ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئىتىپاقلىقىغا ، مىللەتنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ۋە تاشقى گۈزەللىكىگە ... بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ  دەپ ئۇيلايمەن .

ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇۋەندىكىلەرنى ئۇيلاپ قالدىم -
- ئاياللارنىڭ تۈزۇلىشى ئەرلەرنىڭ سازلىقىدىن ، ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشى ئەرلەرنىڭ مازلىقىدىن بۇلۇشىمۇ مۇمكىن دەپ ، چۈنكى ئاياللار مىللەتنىڭ تەقدىرى ، بۇ تەقدىرنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ  ئەرلەرنىڭ قولىغا  تۇتقۇزغان  ئەمەسمۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 06:10 , Processed in 0.048849 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش