ئىنسان ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان بايلىق — تىل. ئانا تىل بولىدىكەن، ۋەتەن، خەلق بولىدۇ. خەلقنىڭ ئۆمۈر ئۆلچىمىنى ئۇنىڭ تىلى بەلگىلەيدۇ. دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ۋە سېھرىي كۈچ تىلدا بولىدۇ. ئىنسان ئانا ئەللىيىنى تۇنجى بولۇپ ئەنە شۇ ئانا تىلدا ئاڭلايدۇ. مەن ئوغلۇڭنى تىلغا خىيانەت قىلماسلىققا ئۆگىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا ناخشا، چۆچەك ۋە داستانلارنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنىڭ لاتاپىتىڭگە لاتاپەت قوشۇپ تۇرغان ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئۆگىتىمەن.
ئەبجەش سۆزلەيدىغان مۇشۇ بالىلىرىمىز ئالدىدا بىز ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئاز ئەمەس
