يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1060|ئىنكاس: 7

باقالى قىلىشنى بىلەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


باقالىي _ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقى ياقتۇرۇپ يەيدىغان، ئوزقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل يېمەكلىك. لازىملىق خۇرۇچلار: 190گرام (بىر كىچىك چېنە) ماي(قوي مېيى، سېرىق ماي، قوي مېيى بىلەن ئۆسۈملۈك مېيىدىن تەييارلانغان ئەبجەش ماي)، تۆت دانە تۇخۇم، 300گرام (بىر كىچىك چىنە)ھەسەل، 200گرام (بىر كىچىك چىنە)قۇمشېكەر، 200گرام (بىر چوڭ چىنە)توغرالغان ياكى چانالغان ياڭاق مېغىزى، 150گرام (كەمرەك بىر كىچىك چىنە)سۈت، مۇۋاپىق مىقداردا (ئادەتتە بىر، بىر يېرىم چىنە) ئۇن، ئۈچ گرامدەك (كەم بىر تال قوشۇق) سودا، ئۈچ _تۆت گرام (ئىككى بال قوشۇقىدەك) كاكاۋا پاراشوكى، ئىككى _ ئۈچ دانە يانجىلغان قەلەمبۇر (ئىشلىتىلىسىمۇ، ئىشلىتىلمىسىمۇ بولىدۇ) قاتارلىقلار.
باقالىي خېمىرىنى تەييارلاشتا ئالدى بىلەن ئۆلچەم بويىچە ئېلىنغان ماي داسقا سېلىنىپ تازا ئوبدان كۆپتۈرۈلىدۇ (قول، قوشۇق، كۆپتۈرگۈچ قاتارلىقلار بىلەن ئاپئاق قايماق شەكىلگە كەلتۈرىدۇ)، ئاندىن تۇخۇم، ھەسەل، شېكەر، سودا پاراشوكى، ياڭاق مېغىزى، كاكاۋا پاراشوكى قاتارلىقلارمۇ ئۆلچەم بويىچە سېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل تازا ئىلەشتۈرۈلىدۇ (تۇخۇم قانچە ئوبدان كۆپسە شۇنچە ياخشى بولىدۇ)، ئاخىرىدا سۈتنى قويۇپ، ئۇننى سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرغاندا باقالىي خېمىرى تەييار بولغان بولىدۇ. خېمىرنىڭ قويۇقلۇقى قوشۇق سانجىش ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، ئەگەر خېمىرغا سانجىلغان قوشۇق ئاستا يانتۇ بولىدۇ، ياقالىيغا قۇرۇق ئۈرۈم سېلىنسىمۇ بولىدۇ.
باقالىينى پىشۇررۇشتا، پاكىز تازىلانغان لېسنى ئوبدان مايلاپ، ئىچىگە پاكىز نېپىز قەغەز سېلىپ (قەغەز مايلىنىشى كېرەك) تەييارلىغاندىن كېيىن، خېمىرنى ئىلەشتۈرۈپ تۇرۇپ (ئازراقلا تۇرۇپ قالسا چۆكمە ھاسىل قىلىپ تىنىپ قالىدۇ) لېسقا قۇيۇپ تەكشىلەپ يېيىتىلىدۇ. خېمىر لېس دىۋارىنىڭ (قىرىنىڭ) يېرىمىغىچە قۇيۇلۇشى كېرەك. ئەگەر لېسنىڭ قىرى بەك پاكار بولۇپ قالسا، خېمىر كۆپكەندە سرتقا تېشىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، لېسنىڭ گىرۋەكلىرىدىن ئاشۇرۇپ قاتتىقراق قەغەز قويۇلۇشى كېرەك. خېمىر قۇيۇلۇپ تەييارلىغان لېس تۇرغۇزۇپ قويۇلماستىنلا قىزىپ تاۋلانغان دوخوپكىغا سېلىنىدۇ.
دوخوپكىنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتمەسلىكى، ئەھۋالغا قاراپ دوخوپكىنىڭ توكىنى بىردەم ياندۇرۇپ، بىردەم ئۆچۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر باقالىينىڭ يۈزى بەك قىزىرىپ كەتسە ئۈستىگە پاكىز قەغەز يېيىپ قويۇلۇشى ياكى لېسنىڭ ئۈستىدىكى بىر بالداققا بوش لىس دۈم قىلىپ قويۇلۇشى كېرەك. ئادەتتە باقالىي يېرىم سائەتتەك ۋاقىتتا ئاستا پىشىپ چىقسا ئوبدان كۆپۈپ ۋە سىڭىشىپ پىشىدۇ. باقالىينىڭ پىشقان _ پىشمىغانلىقىنى ئىنچىكە ياغاچ ياكى چوكىلارنى سانجىپ كۆرۈش (بولۇپمۇ تۆت ئەتراپىغا) ئارقىلىق بايقاش مۇمكىن، سانجىلغان ياغاچ ياكى چوكىغا خېمىر يېپىشمىسا پىشقان، يېپىشسا پىشمىغان بولىدۇ. باقالىي پىشىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىز قەغەز يېيىپ، نېپىز تاختا ياكى بوش لېسنى دۈم قىلىپ تۇرۇپ ئاستا ئۆرۈپ، قىزىق لېستىن چۈشۈرۈۋېلىنىدۇ. باقالىينىڭ تېگىگە سېلىنغان قەغەزنى ئاستا سويۇپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، دەرھال يەنە قەغەز يېيىپ تۇرۇپ ئۆرۈپ ئوڭ قىلىۋېلىنىدۇ،. بۇ چاغدا باقالىينىڭ تېگىگە قەغەز سېلىنماي قويۇپ قويۇلسا، ھورلىشىپ، مىچىلداپ قېلىشى مۇمكىن. باقالىي بىر ئاز شامالدىتىلغاندىن كېيىن لېسقا ياكى يالتراق خالتىلارغا (يېمەكلىك خالتىلىرى بولۇشى كېرەك) سېلىپ سالقىن ياكى توڭلايدىغان جايغا قويۇپ قويۇلسا قېتىشماي ئوبدان تۇرىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ باقالى سېلىش ئۇسۇلۇم ئوخشاش ئىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا سىز سالغان باقالى تازا ئوخشاپتۇدە ؟ ھېيىتتا بېرىپ يەپ كەلسەك بولغۇدەك .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق ئۈرۈمچىگە ئازراق ئەۋەتىۋېتەرسىز، ھېيتتا بارالمىساقمۇ ئۆز قولىڭىزدا پىشۇرغان باقاللىغا ئېغىز تېگەيلى

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 07:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىلىشنى بىلەتتىم، نەچچە يىلدىن بېرى خىزمەتتىكى ئالدىراشلىقلار تۈپەيلىدىن بازارغىلا يۈگرەيدىغان بولدۇم.  ئۆيدە قىلغانغا يەتمەيتى ئەسلى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:49 دە يوللىغان
جۇلالىق ئۈرۈمچىگە ئازراق ئەۋەتىۋېتەرسىز، ھېيتتا بارالمىساقمۇ ئۆز قولىڭىزدا پىشۇرغان باقاللىغا ئېغىز تېگەي ...

ئەلۋەتتە ئەۋەتىمەندە،سالغان باقالىلىرىم ئاكام بىلەن ھەدەمگە تېتىسا ئىدى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 19:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەۋەتكەندە مىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ جۇلالىق .بولامدۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
63
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باقالىيغا بەكمۇ ئامراق ، داۋاملىق يەپ سالساملا ئىچىم سۇرۇپ كىتىدۇ. بۇنىڭ ياخشىراق داۋاسى بارمىدۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:00 , Processed in 0.070896 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش