يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1016|نەقىل: 10

ئاياللار سورۇنغا قاراپ كىيىنىشى كېرەك. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمكىن، ئالىيجاناپ، روھلۇق كۆرۈنەي دېسىڭىز شارائىتقا قاراپ كىيىنىڭ.
    خىزمەت ئورنىدا خىزمەتچى بولسىڭىز ئىش ئورنىڭىزدا چوقۇم خىزمەت كىيىمى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۈرۇڭ. ئەگەر خىزمەت كىيىمى يوق بولسا، ئامال بار چوڭ سۈپەترەڭ (ياقىلىق، سىدام)كىيىملەرنى كىيىڭ. ئالاھىدە ئوچۇق رەڭلىك، پەۋقۇلئاددە كەڭ ياكى تار كىيىملەرنى كىيمەڭ. ئېڭىشسە مەيدىسى، قولنى كۆتۈرسە قولتۇقى ئېچىلىپ قالىدىغان يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ.
    چاچ پاسونىڭىزنى ھەررەڭ – سەررەڭ قىلىپ ياسىتىۋالماڭ. چېچىڭىزنى چۇرۇق ھالەتتە قويۇپ بېرىپ، خىزمەت ئورنىڭىزغا بېرىشتىن ساقلىنىڭ. ھېچ بولمىسا رەتلىك تاراپ چاچ قىسقۇچ ياكى چاچ بوغقۇچ بىلەن بوغۇپ يۈرۈڭ.
    ئىش ئورنىڭىزدا ھەددىدىن زىيادە چوڭ ياكى چاكىنا زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقىۋالماڭ. بولۇپمۇ قۇلىقىڭىزغا ساڭگىلايدىغان ھالقا سېلىپ يۈرمەڭ. ھەممە بارمىقىڭىزغا ئۈزۈك سېلىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ.
   بازارغا چىققاندا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئازادە كىيىملەرنى كىيىڭ. كىيگەن كىيمىڭىز تار ھەم قىسقا بولمىسۇن، بەك چاكىنا پاسۇنلۇق كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقماڭ. كىيىمىڭىز بىلەن سومكىڭىز ماسلاشقان بولسۇن. سىرتقا چىققاندا ئامال بار نورمال پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىڭ، پەۋقۇلئادە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن بازارغا چىقىپ، يېرىم يولغا كېلىپلا مېڭىش شەكلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ. چېچىڭىزنىڭ شەكلىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسۇندا ياسىۋېلىڭ، بىراق چۇۋۇق قويۇپ بەرمەڭ. ئامال بار ئىگىز تۈرۈۋېلىڭ، كېيگەن كىيىمىڭىزنىڭ پاسۇنى بىلەن چاچ پاسۇنىڭىز  ماسلاشقان بولسۇن. گىرىمنىمۇ نورمال قىلىڭ. زىننەت بۇيۇملىرىڭىز ئاددىيراق بولسۇن، كەيپىياتىڭىز جۇشقۇن، تېتىك كۆرۈنسىز. يول ماڭغاندا بەك تېز ماڭماڭ، كۆزلىرىڭىزنى ھەممە ياققا تەڭ يۈگۈرتمەڭ، يولدا بىر نەرسىلەرنى يەپ مېڭىشتىن ساقلىنىڭ.
    زىياپەت سورۇنلىرىغا بارغاندا سورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ (ئەگەر ئەر – ئايال بىللە بارىدىغان سورۇن بولسا) كۆركەم، كەڭ – كۈشادە، پاسۇنلۇق، رەڭلىك، ئۆزگىچىلىككە ئىگە كىيىملەرنى كىيىڭ. (ئەگەر سىز ساھىبخان بولسىڭىز باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رەڭلىك، جۇلالىق، نېپىز رەختلەردىن تىكىلگەن ئۇزۇن مۇراسىم كۆڭلىكى كىيىڭ. كۆڭلەك بىلەن ئىچ كۆڭلەكنىڭ رەڭگى ماسلاشسۇن). ئامال بار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىم كىيىڭ. ئاياق كىيىم بىلەن پايپاقنىڭ ۋە كىيىمنىڭ رەڭگى ماسلاشقان بولسۇن. چاچ پاسۇنىڭىزنىمۇ  ئەڭ چىرايلىق پاسۇندا، كىيگەن كىيىمىڭىزنىڭ ياقا ئويانجىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىتىڭ. گىرىمنى ئادەتتىكىدىن سەل قېنىقراق قىلىڭ. ئەگەر كەچلىك زىياپەت بولسا، پارقىراق، كۆركەم، چىرايلىق زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقاڭ. ئالتۇن بۇيۇملارنى تاقىۋالماڭ. كىيمىڭىزنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك بۇلاپكا قىستۇرۇۋېلىڭ. چېچىڭىزغىمۇ ياقۇتلۇق، پارقىراق چاچ بوغقۇچ قىسىڭ. سورۇندا باشقىلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە زەن سېلىپ قارىماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىڭىزنىمۇ تولا تۈزەشتۈرۈپ كۆز – كۆز قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
   چوڭلار ، پېشقەدەملەر يىغىلغان سورۇندا چوڭلار قاتناشقان توي – تۆكۈن ۋە باشقا مېھماندارچىلىقلارغا (ئۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشلارغا)بارسىڭىز ئامال بار مىللىيچە ئەنئەنىۋى كىيملەرنى، چوڭلار ياقتۇرىدىغان ئۇزۇن، پۈتۈن كىيىملەرنى كىيىڭ. چوڭلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇلارغا ماس ھالدا ئامال بار بېشىڭىزغا ياغلىق ياكى شارپا ئارتىۋېلىڭ. ئالتۇن زىبۇ – زىننەتلىرىڭىزنى نا مۇشۇنداق سورۇنلاردا تاقىسىڭىز ماس كېلىدۇ. گىرىمنى مۇۋاپىق قىلىڭ، ئەمما بۇنداق سورۇندا ئارتۇق گەپ قىلماڭ. چوڭلاردىن ھەرگىز گەپ تارتىۋالماڭ. سورۇن ئاخىرلاشقىچە ئامال بار سورۇندىن ئايرىلماڭ.
    يۇقىرىقلارغا دىققەت قىلالسىڭىزلا، باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتىڭىزنى چوقۇم ساقلاپ قالالايسىز.

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:49:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىشلارنى بىلۋالدىم رەھمەت سىزگە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپتىمۇ ئوقۇغان ئىدىم ، ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا بۇنداق قىلىپ بولالمىدىم، چۈنكى بەزىدە شارائىت توغرا كەلمەيدىكەن :loveliness:

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق ، ھەممىنى كىتاپ بويىچە قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ بەزىدە .

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم ،ئىلگىرىمۇ يۈرۈش تۇرۇشۇمغا بەك دىققەت قىلاتتىم  بۇ تېمىنى ئۇقۇپ تىخىمۇ بەك چۈشىنىۋالدىم

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنىرا بىلىدۇ جۇمۇ قانداق كىيىنىشنى، گۈزەللىكنى چوكىلدىتىپ سۈيدۇ بۇ قىز،ھى ھى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنىرا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:26
ۋېنىرا بىلىدۇ جۇمۇ قانداق كىيىنىشنى، گۈزەللىكنى چوكىل ...

كۈرۈشۈپ قالغاندا بىزمۇ ئىسىل كىيىنىپ بارساق بولغىدەك

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىنىۋالغىلى ئۆچ،لېكىن بەزىدە ئازادە كىيىنىمەن دەپ كۆڭلۈمنى ئاغرىتىۋالىمەن،ئۆتكەندە يولدىشىمنىڭ ساۋاقداشلار چېيىغا بېرىشقا توغرا كەلدى،چوڭ ئويدىن ئىش قىلىپ ھېرىپ ئاران كىلىۋاتساڭ يېرىم يولدىلا چاقىرماسمۇ ئۇ چايغا ،ۋاقىت ئۆزگەردى دەپ.ئۆيگە بېرىپ كىيىم ئالماشتۇرغىلى ئۈلگۈرمەيمىز،شۇنىڭ بىلەن تەنھەركەت كىيىمى بىلەن بېرىۋەردىم. ئەمدى بىر چىن چاينى قۇلۇمغا ئېلىشىمغا بىرسى قاپاقلىرىنى سوزۇپ:بىرەر قۇر مىھمانلىق كىيىم ئېپ قۇيۇڭە،خانىممەن دەپ بۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ كىلىۋەرمەي دىمەسمۇ.جان پېنىم چىقتى،ئەزەلدىنلا خۇشۇم يوق ئىدى بۇ چايلار بىلەن،ئىرىمنى دەپلا باراتتىم،.بۇلۇپلا بەردى ماڭا،شۇ يەردىلا پارتلىدىم.ھېلىقى خېنىممۇ تويدى ماڭا گەپ قىلغانغا،  دەيدىغاننى دەپ بۇلۇپ سەل ئاشۇرۋەتتىممۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسمەتۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:33
كۈرۈشۈپ قالغاندا بىزمۇ ئىسىل كىيىنىپ بارساق بولغىدەك ...

ۋاي ماگەپنى ئەمدى، خىجىل قىلىپ ئادەمنى ، ئالدىڭىزدا چېنىپ قالمىساقلا بۇلاتتىغۇ،بوشراق ياسىنىپ باراسىز جۇمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏مەنمۇ ئەركىن كىيىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ،ئەمدى توي تۆكۈننىڭ يۈزىنى دەپ بەكرەك ياسىنىپ قويىمەن ،ئادەتتە چايغا ئۇدۇل كېتىۋېرىمەن ، ئۇچامدا نىمە بولسا شۇ پېتى ، قانداقلا بولسام ئانار شۇ مەن دەپلا 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:41 , Processed in 0.054186 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش