يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 806|ئىنكاس: 4

قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 19:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇق خانىم – قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى . بەزىلەرنىڭ يۈزىگە 30 ياشتىلا قۇرۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ ، لېكىن بەزىلەرنىڭ يۈزىگە بولسا خېلى ياشقا كىرگىچىمۇ قورۇق چۈشمەي نۇرلۇق تۇرىدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ ؟
   گۈرۈچ تامىقى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش : گۈرۈچنى يۇمشاقراق پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ ئىسسىق ۋاقتىدا (يۈز كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە) يۈزگە قويۇپ تاكى گۈرۈچ كۇمۇلىچى قارا بولغۇچە دومىلىتىپ ، ئاندىن يۈرنى يۇيۇۋەتكەندە ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ماي ۋە پاسكىنا نەرسىلەر تولۇق چىقىپ كېتىدۇ – دە ، تېرىنىڭ نەپەس ئېلىشى راۋانلىشىدۇ ۋە قورۇق سۇسلايدۇ .
   توخۇ گۆشى ئۇستىخىنىنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : توخۇنىڭ گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇستىخىنىنى توخۇ تېرىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ .
   مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : باناننى سىقىپ ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق زەيتۇن مېيىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ؛ تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسىمۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ؛ ئاغىچە يۇغۇچنىڭمۇ(丝瓜)قورۇق يوقىتىش رولى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ شىرنىسىنى تېرىگە سۈرتىدىغان تۆۋەن پىرسەنتلىك ئىسپىرت ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە تەرخەمەك ،پەمىدۇر ، بۆلجۇرگەنلەرنىڭمۇ قورۇق يوقىتىش رولى بار .
   چاينىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : چاينىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول كوئىن (茶多酚) ، كاربون سۇبىرىكمىسى ، ئاقسىل ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ،ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار تېرىنى نۇرلۇق ، يۇمران قىلىپ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈپ ، قورۇقنى ئازايتىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
  سېغىزنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : ھەر كۈنى 20–15 مىنۇت سېغىز چايناپ ، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى قورۇقلار سۇسلاپ يۈزگە قان يۈگۈرىدۇ . تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، يۈز تېرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
   ئۇندىن باشقا ، بىز كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تېرىگە نىسبەتەن زىننەتلەش رولى بولىدۇ . مەسىلەن ، تېرە ناھايىتى مول ئاقسىلغا موھتاج بولۇپ ، كالا گۆشى ، سۈت ، تۇخۇم ، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) قاتارلىقلار .

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:06:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا مېنىڭ مۇشۇ سېغىز چايناش بىلەن تازا خوشۇم يوق ئىدى، بۇنداق رولى بولسا مەنمۇ ئەمدى ئانچە- مۇنچە چايناپ قوياي، ۋاقىتسىز قورۇلۇپ كەتكەندىن ياخشىراقتۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز مەرۋەرى ، لىكىن بۇ سېغىز دىگەننى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئادەم بار يوق دىمەي ، ماچىلدىتىپ قارسىلدىتىپ چاينىغانلارنى كۆرسەم ، شۇنداق ئاچچىقىم كىلىدۇ مىنىڭ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:51:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ مۇشۇ ماچىلداش بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق ئىدى ،ھەي ئامال يوق گۈزەللىك ئۈچۈن ماچىىلدىساممۇ ئەرزۈگىدەك ئۇنداختا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:23 , Processed in 0.047467 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش