يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 971|ئىنكاس: 8

ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى

نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تىببى خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىشى ۋە تەتقىقاتى جەريانىدا كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۈۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
1. ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش. بۇ خىل ھالەت ئادەتتە، 9 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بىرىدۇ. ئاغرىق ئۆزلىگىدىن توختاپ قالىدۇ.
2. ھەيىزدىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: نۇرغۇن خانىم – قىزلار ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا، كۆكسى سىلكىنگەندە ياكى بىر نەرسىگە تەگكەندە بىئارام بولغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ھەيىز كېلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇن ئاجىرىلىپ چىقىرىپ، سۈت بېزى ئاجىرىلىپ چىقىرىلىپ، كۆكسىنىڭ ئىچىدىكى قىلىدىغان سۇلۇق ئىششىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيىز كېلىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كىتىدۇ.
3. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئادەتتە ئاياللار ھامىلدار بولۇپ 40 كۈنلەر بولغاندا، بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئاياللىق ھورمۇن، پىروگسىتىن، پىرولەكتىن ئاجىرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنى چوڭايتىپ، كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز.
4. تۇغۇتتىن كىيىنكى كۆكىسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى : تۇغۇتتىن كىيىن 3كۈندىن 7 كۈنگىچە دائىم بىر جۈپ كۆكسىنىڭ چېڭقىلىپ، تولۇپ، تۈگىمىسى قاتتىقلىشىپ ئاغرىيدۇ. بۇ لىمبا سۇيۇقلىقىنىڭ يىغىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ۋىنا تومۇرىنىڭ تولىشى ۋە ئارىلىقتىى سۇلۇق ئىششىقنىڭ سەۋەبىدىن سۈت بېزى راۋان بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
5. بالا ئالدۇرۇشتىن كىيىنكى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى : بۇنىڭدا ھامىلدارلىق تۇيۇقسىز ئاياغلىشىپ، بەدەندىكى ھورمۇن تۇيۇقسىز تۈۋەنلەپ، ئەمدىلا تەرەققىي قىلغان كۆكرەك يوغىناشتىن توختىغاچقا كۆكرەكتىكى سۈت بېزى پارچىلىرى ھەم كۆكرەك ئاغرىيدۇ.
6. جىنسى مۇناسىۋەتتىكى كىيىنكى كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى : كۆكرەك بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ  فىزىئۇلۇگىيىلىك مۇناسىۋىتى بار. جىنسى ھەۋىسى ئاجىز ۋە جىنسىي تۇرمۇشتا كىلىشەلمىگەنلەر جىنسىي قانائەتكە ئېرىشەلمەي.كۆكرەككە قان تولۇپ، ئاسانلىقچە يانماي ياكى تولۇق يانماي ئىزچىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرىدۇ.
ئاياللارنىڭ بۇ ھالەتلەر ئۈچۈن غەم يەپ كىتىشىنىڭ ئورنى يوق. لېكىن كۆكرەك ئۇزۇن مۇددەت چىڭقىلىپ يانمىساي ئېغىرلىشىۋەرسە، ياكى كۆكرەكنى تۇتقاندا ئىگىز پەسلىك ياكى ئوڭغۇل دۇڭغۇللۇق بايقالسا، قىرى ئېنىق بىلىنمىسا  ھەركەتلەنمەيدىغان ئىششىق بايقالسا دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىشى كىرەك.

نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئىششىيدىغان سەرگۈزەشتىسى بار. لېكىن كۆپىنچىسى بۇنى كىچىك ئىش  دوختۇرغا بارمايدۇ. لېكىن بۇ بىر خاتا قاراش. مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرىشىچە، ھەيىز كىلىشتىن بۇرۇن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن، ياكى تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقارغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئىچ كىيىم سۈركەلگەندە يېقىمسىزلىنىش ھالىتى بولسا ئاغرىققا تەۋەدۇر. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىق ۋە سۈت بېزى ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ھەيىزدىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش بىر كىسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆكسى كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە خېلى ئۇچرايدۇ. ئەگەر مەلۇم باسقۇچتا، ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسى ياكى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىسا، قالايماقانچىلىق يۈز بەرسە، ھەيىزنىڭ كېلىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ كۆكسىگە تەسىر قىلىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىم كۆرۈلدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ھەيىز كېلىشتىن ئىلگىرى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتۇر. ئەگەر تىگىشلىك داۋالاش ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەيىزدىن بۇرۇن باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، يىنىك دەرىجىدىكى ئىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيىزدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىسىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكرار يۈز بېرىدۇ. بۇ مىدىتسىنادا ھەيىزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش يىغىندا كىسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كىسەل ئۇزارغانسېرى سۈت بېزى ئاغرىقى، سۈت بېزى ئۆسمىسى، ھەيىز قالايماقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيىز ۋاقتى قالايماقانلىشىش، ھەيىز توختاش ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جۇڭگۇ تىبابىتىدە، ھەيىزدىن ئىلگىرى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نۇرمالسىزلىقى، قان قېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
1.سەپىرا تۈگۈلىۋىلىش : بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى نۇرمالسىز، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولۇپ، كۆكسى چىڭقىلىپ، تۇتسا ئاغرىغاندىن باشقا، ئىچى تىتىلداش،پەي- ئۇستىخانلىرى ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، بىلىنىڭ ئاستى ئىككى تەرىپى ئاغرىش، ھەيىزدە قارارەڭلىك قان ئۇيۇتمىسى كېلىش، جىسنىي تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىنىش، يۈزىگە قارا داغ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ. جىگەر ۋە ئاشقازاننى داۋالىغاندا، لىندىرا دەرىخى يىلتىزى، كۆركۈم گۈلى، بەرغەمۇت،
<<ئائىلە دوختۇرى >>ژورنىلىدىن رىسالەت تەرجىمىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:10:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بىلىۋېلىشقا ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىغا زادى سەل قارىماسلىق كېرەك !

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 07:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە شۇنداقراق بىر ھال پەيدا بولۇپ قېلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ بىر دورىسىنى يىۋىدىم ھازىر تامامەن ساقىيىپ كەتتىم، تىۋىپلارمۇ بوش ئەمەسكەن جۇمۇ ھازىر...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۇڭلارغا كەلمىسۇن،ئەمدى شۇ ئۆزگىنى چۈشۈنۈپ قويۇش كېرەك دەپ. بىر تېنىقتىلا ئوقۇۋېتىپتىمەن.  بىزنىڭ ئۆيدىكىسىگە دەپ بېرەي دىسەم ، ئاخىرىغا كەلگەندە تېمىنىڭ داۋامى كېلەركى ساندا چىقامدۇ قانداق، ئاخىرى يوققۇ. تازا داۋالايدىغان يېرىگە كەلگەندە دەيمىنا.
گاچچىدە بىر يېزىۋەتسەڭلا بوپتىكەن.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:37:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 07:28 دە يوللىغان
مەندە شۇنداقراق بىر ھال پەيدا بولۇپ قېلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ بىر دورىسىنى يىۋىدىم ھازىر تامامەن ساقىيىپ كەت ...

ھازىرقى تىۋىپلار تۇمۇرنى تۇتۇپلا قالسا... ئاللا كارامەت.... ئەرلەر خەپ ئالدىراپ تىۋىپقا تۇمۇر تۇتقۇزماڭلەر. بىر مەزگىلگىچە ئادەمنى خارامۇش قىلىپ قۇيىدۇ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن-ساۋاتنى ئەرلەرنىڭمۇ بىلىۋالغىنى ياخشىكەن

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزلار چوقۇم يىلدا ئىككى قېتىم مۇبا(木巴)دا تەكشۈرتۈڭلار، ھەرگىز سەل قارىماڭلار!


         ئۆز-ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ ھەم ئاياپ، گۈزەل تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىركىمنىڭ < بازارغا ماڭغان > دىگەن ئىنكاسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 04:48 , Processed in 0.053210 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش