يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 774 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 554|ئىنكاس: 6

نۇقسانسىز مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ سۈرىتى ئالدىدا بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. دېرىزىدىن كىرگەن بىر پەس سالقىن شامال ئۇنىڭ ھىدىنى ماڭا يەتكۈزگەندەك بولدى . كىرىسلودا ئولتۇرغان پېتى خىيال كەپتىرىمنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتىم . خىيال كەپتىرىم مېنىڭ ئۆتمۈشۈمگە مېنى باشلاپ بارىدۇ.خۇددى بۇرۇنقىدەك .
        قاچانلاردا كومپيۇتېردا تورغا چىقىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن . ئەڭ خۇشال پائالىيىتىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تورغا چىقىپ دوستلىرىم بىلەن سۆھبەتلىشىش بولدى . مۇشائىرە قىلىشىش مېنىڭ ئەڭ ئامراق پائالىيىتىمنىڭ بىرى . ئەلۋەتتە دوستلىرىممۇ بىر بىرىدىن قېلىشمايدىغان شائىرلاردىن بولۇپ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى يۇقىرى بۇ دوستلار ئىچىدىكى " چوغلۇق" تەخەللۇسى بىلەن ئەسەر يوللايدىغان شۇ قىز مېنى ئۆزىگە خېلىلا رام قىلىۋالغان ئىدى. دائىم " چوغلۇق " بىلەن مۇشائىرە قىلىشاتتىم ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ ساھەلىرىگە ئائىت ئىشلار توغرىلىق ئۇزاقتىن ئۇزاق سۆزلىشىپ كېتەتتۇق .پىكىر ئورتاقلىقىمىز بولغاندا بىر بىرىمىزدىن خۇش بولۇپ كېتەتتۇق . شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە يىل ئۆتتى .مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ كۆپ قېتىم ئەسكەرتىشى بىلەن ئۆزۈمگە مۇۋاپىق لايىق تېپىپ توي قىلىشىمنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . نېمىشقىدۇر مۇشۇ دەقىقىدە ئۆزۈمگە " چوغلۇق" تىن باشقا مۇۋاپىق قىزنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنەتتىم . ئىچىمدە " چوغلۇققا بۇ سۆزلەرنى قانداق ئېغىز ئاچارمەن؟ ئەگەر ئۇ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىپ قالارمۇ؟ " دېگەن ئەندىشىلەر بىلەن بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزدۈم .
        بۈگۈن يەنە ئىشتىن چۈشۈپ تورغا كىردىم . " چوغلۇق" توردا بار ئىدى . خۇددى مېنى ساقلاۋاتقاندەكلا . كەيپىياتىمنىڭ بارغانسېرى سۇلغۇنلىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەركىن سۆھبەتلىشەلمەيۋاتقانلىقىمدىن ئۇمۇ بەزى نەرسىلەرنى سەزگەندەك بولغانىدى . ئېكرانىمدا ئۇنىڭ خەتلىرى پەيدا بولدى :
__سىزگە نېمە بولدى . تۇرسۇن ، يېقىندىن بۇيان تولىمۇ جىمىغۇرلىشىپ كەتتىڭىز. خىزمەتتە ياكى ئائىلىدە بىرەر ئىش بولۇپ سىزگە ئارامچىلىق بەرمەيۋاتامدۇ؟
__يا..ياقەي..ئۇنداق ئىش يوق . خىزمەت بېسىمىدىن بولسا كېرەك . روھىمنى كۆتۇرەلمەيۋاتىمەن .
__قارىغاندا سىزگە تۇرمۇشتا سىرداش بولغۇدەك ھەمراھ كېرەك بولغاندەك قىلىدۇ .
__شۇنداق بولغاندىمۇ ئۇنداق ھەمراھنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ قىزلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولمىسا...
        بۇ خەتلىرىمنىڭ ئىختىيارسىز بېسىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم . " ئەستا ، بەك ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ قالدىممۇ؟ ئۇ خەت يازمىغىلى ئون نەچچە مىنۇت بولدى ، شۇ تاپتا ئۇ قانداق ئويلاۋاتقاندۇ؟ تۈگىدىم . ئەمدى مېنى ، توردىكى بەزى سەمىمىيەتسىز، قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتىنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدىغان ئوغۇللاردىن ئوخشايدۇ دەپ قالىدىغان بولدى دە " ئەندىشە قىلاتتىم . چۈنكى مەن " چوغلۇق " بىلەن تونۇشقان مۇشۇ يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن تولىمۇ ئىلمى يوسۇندا ئارلىشىپ كەلگەنىدىم .مانا ئەمدى ...
دىققىتىم تېزدىن ئېكرانغا يۈگىرىدى . " چوغلۇق " سۆز قىلغانىدى :
__سىزنىڭ ياخشى يىگىت ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن . ئۇلۇغ ئاللا ھامان سىزنىڭ بەختىڭىزنى بېرىدۇ ، تۇرسۇن .
        قەلبىم تىترەشكە باشلىدى . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خۇددى يىراقلارغا كېتىپ بارغان كىشىگە ئېيتىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايرىلىشىش سۆزىدەك بىلىنىۋاتاتتى .
__دىلنار ، (بىۋاسىتە ئىسمىنى چاقىردىم ) مېنى خاتا چۈشەنمەڭ. مەن تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن سىزگە بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتىمەن .سىز بىلەن تونۇشقان بۇ بىر قانچە يىللاردىن بېرى سىزنىڭ مىجەز خۇلقىڭىزنى چۈشەندىم . سىزنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىڭىز ، يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن قىلغان ھەربىر سۆزلىرىڭىز ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ناز-خۇلقلىرىڭىز مېنى ئاللىبۇرۇن ئۆزىگە ئەسىر قىلغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن . گەرچە بىز توردا تونۇشقان دوستلاردىن بولۇپ ، ھەتتا بىر قېتىممۇ يۈز كۆرىشىپ باقمىغان بولساقمۇ ، قەلبىمنىڭ سىزگە زەنجىرسىمان باغلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن . مەيلى قەيەردە بولۇڭ ، مەن سىزنى ئىزدەپ تېپىپ ، بۇ سۆزلەرنى سىزگە يەنە بىر قېتىم يۈز تۇرانە ئېيتسام دەيمەن .
__تۇرسۇن ، سىزدە مەن بىلەن يۈزلەشكەندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئىتىڭىز بارمىدۇ؟ چۈنكى مەن بىر قىز بالا ، ئوغۇللارنىڭ باشقىچە قاراشلىرىنى قوبۇل قىلالمايمەن . بولۇپمۇ سىزنىڭ مەن بىلەن يۈزلەشكەندىن كېيىن باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن . چۈنكى مەنمۇ ...ھازىرقى تۇرسۇننى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن .
        كۆڭلۈمدە ۋاللىدە يورۇغان بىر ئۇچقۇن كۆرگەندەك بولدۇم . بۇ دەل مېنىڭ ئىشەنچ ئۇچقۇنۇم ، كەلگۈسى بەختىمنىڭ تۇنجى ئۇچقۇنى .
__مەن ئۆز ۋىجدانىم ، مۇھەببىتىم نامىدا شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، مېنىڭ تاللىشىم ئەڭ توغرا تاللاش . دىلنار ماڭا تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ . مەن سىزنى چوقۇم ئىزدەپ بارىمەن .
__كەچۈرۈڭ تۇرسۇن ، مەن تېلېفون ئىشلەتمەيمەن . چۈنكى ئۇنىڭغا ھاجىتىم چۈشمەيدۇ . مېنى ئىزدەيمەن دەپ كۆپ ئاۋارە بولمايسىز ، چۈنكى مەن دەل سىز تۇرغان مۇشۇ شەھەرنىڭ ئۆزىدە .
        شۇنچە يىللاردىن بېرى " چوغلۇق" بىلەن توردا ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئۆزۈم بىلەن بىر شەھەردىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تونۇشقاندا ئۇنىڭ يۇرتىنى سورىغاندا ئۇنىڭ پەقەت " يۇرتۇم ناھايىتى يىراق بىر جايدا " دېگەنلىكى ئېسمدە . شۇڭا مەن چوڭقۇرلاپ سورىمىغانىدىم . ئىچىمدە يەنە بىر ئەندىشە پەيدا ، نېمىشقا ماڭا تېلېفون نومۇرىنىمۇ دەپ بەرمەيدۇ.ئەجەبا ئۇ ماڭا يەنە ئىشەنچ قىلالمايۋاتامدۇ؟
__دىلنار ئەمىسە مەن سىز بىلەن قانداق كۆرۈشەرمەن؟
__تۇرسۇن ، شەھىرىمىزدىكى ئەڭ تىنچ ئارامگاھ " چوغلۇق ئارامگاھى" نى بىلەمسىز؟ شۇ يەردە ئەتە چۈشتىن بۇرۇن كۆرۈشەيلى . سىزنىڭ باشقىچە پىكىرىڭىز بارمۇ؟
        " چوغلۇق ئارامگاھى " مېنىڭ ئىشلەۋاتقان ئىدارەمدىن يىراق بولمىغاچقا دائىم دوستلىرىم بىلەن كىرىپ سۆھبەتلىشىدىغان ، بەزىدە ئۆزۈم يالغۇز كىرىپ كىتاب كۆرىدىغان كونا جايىم ئىدى . ئەجەبا مەن مۇشۇ جايدا ئۇنىڭ بىلەن يۇزلەشكەندىمەنمۇ؟
__بولىدۇ. مەن سىزنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن " چوغلۇق ئارامگاھى" دا ساقلايمەن . چوقۇم كېلەرسىز . دىلنار !
__مەن چوقۇم بارىمەن . تۇرسۇن كېلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم بىر يانچۇق خاتىرىسى بىلەن قەلەم ئېلىۋالارسىز . سىز بىلەن يۈزتۇرانە مۇشائىرە قىلىشىمىزمۇ تېخى . ئەمما تۇرسۇن سىزگە يەنە بىر قېتىم ئېيتاي . بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئوغۇللار بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشىم . مەن نۇرغۇن غەيرەت ھەم ئىشەنچ بىلەن بارماقچى بولۇۋاتىمەن . بۇ ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى سىز بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋېتىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇزاق قەدىمىنى بەلگىلەيدۇ . مەن كۆڭلۈمنىڭ ، بولۇپمۇ سىزدىن ئازار يېيىشىنى خالىمايمەن .
__مەن ئۆزۈمنىڭ تاللىشىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ .
        شۇنداق قىلىپ مەن "چوغلۇق " بىلەن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتۈم . شۇ كۈنى كېچە ماڭا تولىمۇ تەستە توشقان كېچە بولدى. سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن . چۈشمۇ كۆرۈپتىمەن . چۈشۈمدە مەن چوغلۇق بىلەن قىزغىن سۆھبەتلىشىۋاتقۇدەكمىشمەن ، ئۇ ماڭا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئوقۇپ بېرىۋاتقۇدەك .مەن يانچۇق خاتىرەمگە خاتىرلاۋەتقۇدەكمىشمەن . بىز چىرايلىق باغ ئىچىدە سەيلە قىلىۋاتقۇدەكمىشمىز ... قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن . تاڭ ئاتقانلىقىنى بىلدىم . بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تولىمۇ تېز. بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن . بۇنداق بولۇشى تەبىئىي چۈنكى مەن بۈگۈن ئۇزاقتىن بۇيان قەلبىمدە پىنھان ياشاۋاتقان ئاشۇ مەبۇدەم بىلەن ھەقىقىي يۈز كۆرۈشىمەن . توردىكى ئىسىمىز بىلەن ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن قايتا تونۇشىمىز. مەن شۇ خىياللار بىلەن تەييارلىق قىلىپ بولۇپ ، كونا جايغا ،ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزلەشكەن جاي " چوغلۇق" ئارامگاھىغا كەلدىم . مەن ئىشىك ئالدىدا ئۇيان - بۇيان مېڭىپ ئۆزۈمنىڭ كەيپىياتىمنى تەڭشىمەكچى بولدۇم . تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرىنىڭ بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم . " ئۇ شۇمۇ دۇ ؟ نېمىشقا مېنى چاقىرمايدۇ. بەلكىم قىز بولغاچقا خىجالەت ئىچىدە تۇرغاندۇ؟ ياكى كۆز ئالدىدىكى " مەن " بىلەن توردا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان " مەن " نى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقاندۇ؟ " مەن كەينىمگە بۇرۇلدۇم . شۇنداق ئىللىق چىراي بىر قىز ماڭا ئۇدۇل تىكىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرماقتا ئىدى . ئۇزۇن چېچىنى ئۆرۈۋالغان ، بېشىغا يارىشىمغىنا دوپپا كىيىۋالغان ، بۇ قىز ماڭا تولىمۇ ئىللىق كۆرۈندى . توغرا مەن بۇ قىزنى بۇرۇن مۇشۇ جايدا بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن ، ئۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم . مەن ئاخىرقى غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ سورىدىم :
__دىلنارمۇ سىز ؟
        قىزچاق جاۋاب بەرمەي بېشىنى يېنىككىنە لىڭشىتىپ قويدى . مەن ئۇنى ئارامگاھ ئىچىدىكى دېرىزە تۈۋىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈستەلگە تەكلىپ قىلدىم . بىز ئولتۇرۇپ بولغاندىكىن كېيىنمۇ بىر ھازا سۆز قىلىشالمىدۇق .مەن ئۇنىڭ مەندىنمۇ بەك جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم . مەن تەشەببۇسكار بولۇشۇم كېرەك :
__دىلنار ، بىز ئەركىن ئازادە سۆھبەتلەشسەك قانداق ؟
        دىلنار بېشىنى يەنە يېنىككىنە لىڭشىتتى ھەم كۈلۈمسىرەپ يەرگە قارىۋالدى . ئۇ يېنىدىن كىچىك بىر يانچۇق خاتىرىسىنى چىقىرىپ بىرنېمىلەرنى يازغاندىن كېيىن ماڭا سۇندى . خاتىرىدە " تۇرسۇن ، سىز بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن . مانا مەن سىز ھازىر بىلگەندەك ، بىر گاچا قىز مەن . " مەن بېشىمنى ئىتتىك كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇ مېنىڭ ھەيرانلىقتىكى چىراي ئىپادەمنى كۆرۈپ ، تېخىمۇ جىددىلەشكەندەك بولدى. ئۇنىڭ ئەنسىز كۆزلىرىدىن بۇ يەردىن چىقىپ كەتكۈسى باردەك قىلاتتى . مەن دىلنارنىڭ ئاڭلىيالايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە خەت يازغۇم كەلدى . مەن ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئىككىنچى ۋارىقىنى قايرىپ ئۇنىڭ بىلەن خۇددى كومپيۇتېردا ئالاقە قىلغاندەك خەت يېزىشقا باشلىدىم .
__دىلنار سىز بىلەن يۈز تۇرانە تونۇشقىنىمدىن مەنمۇ ئىنتايىن خۇشالمەن ، سىزنىڭ مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي كەلگىنىڭىزگە رەھمەت .
__تۇرسۇن ، مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلدىڭىز ، يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندىمۇ يەنە خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانسىز . مەن سىزنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرىمەيمەن . ئەمما سىزنى راستتىنلا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغۇم يوق . شۇڭا مەن نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كەلدىم .
        مەن دىلنارنىڭ شەخسىيەتسىز كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا تېنىمدە ئىسسىق بىر سېزىمنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم . مانا ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ قىز مەن كۆپتىن بىرى كۆرۈشكە ئىستەك قىلغان قىز ، ئۇ گاچا ئەمەس ، ئۇ سۆزلەيدۇ ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى بۇنىڭ دەلىلى ، مەن بىلەن كۆپتىن بېرى ئالماشتۇرغان پىكىرلىرى بۇنىڭ دەلىلى ، مانا بۇ قىز دەل مەن ياخشى كۆرگەن قىز . ئۇنىڭ پاك دىلى ، شەخسىيەتسىز ھېسسىياتى ، توغرا قاراشلىرى ئۇنىڭ كەمكۈتسىز بىر پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ماڭا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتى . مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن . ھازىر بۇ ياخشى كۆرۈش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى . مەن ھەقىقەتەن توغرا تاللىدىم .خىيالىمدىن شۇ ئوي پىكىرلار بىلەن دىلنارنىڭ خاتىرىسىگە قەلىمىمنى يۈگىرەتتىم :
__سىز مېنى ھەرگىز ئۈمۈدسىزلەندۇرمىدىڭىز ، سىز مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا ھەممە كىشىدىن ساغلام قىز ، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز باشقا كىشلەرنىڭكىدىنمۇ جاراڭلىق . سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى مېنىڭ قەلبىم ئاڭلايدۇ . يۈرىكىم ئاڭلايدۇ.
        دىلنارنىڭ كۆزىدە ياش پەيدا بولدى . مەن قايسى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم . ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم . گەرچە ئۇ قوللىرىنى تارتماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاخىرى قارشىلىق قىلمىدى . بارماقلىرىم ئارىسىغا چىڭ قىسىلدى . شۇنداق ئۇ ماڭا ئىشەندى ...
        شۇنداق قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن دىلنار بىلەن توي قىلدىم .بىز ئاخىرى بىر بەختلىك ئائىلە قۇردۇق .مەن دىلنار چۈشىنەلەيدىغان بارماق تىلىنىمۇ راۋان قوللىنالايدىغان بولدۇم .ئەمما دىلنار ئىككىمىز يەنىلا يانچۇق خاتىرىسىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتۇق . مانا بۇ ئىشلارغىمۇ ئالتە يىلدىن ئاشتى . ئۆي ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خىيالدىن ئويغاندەك بولدۇم .ئىشىكتىن دىلنار ھەم ئۈچ ياشلىق ئوماق ئوغلۇم كىرىپ كەلدى . ئۇلارنى كۆرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئوغلۇم مېنى كۆرۈپلا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆزىنى ماڭا ئاتتى . دىلنار كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . مەن يانچۇقۇمدىن خاتىرىنى چىقىرىپ قەلەم يۈگۈرتىشكە باشلىدىم :
__دىلنار مەن كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلدىم ، مەن يوق جاپا تارتتىڭىز ...


مەنبە: سابىق "ئىزدەن" ئەدەبىيات مۇنبىرىدىن "تەبەسسۇم" ئەپەندى يازمىسى .

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:50:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىمۇ ياكڭ رىئال ۋەقەلىكمۇ ؟

ۋىسالسىز سۆيگۈ مەڭگۈلۈك ئازاپ!

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ تەسىرلەندىم، كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى...

بولدى قىل، كۆڭلۈم!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:39:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى بۇنى سايە يازغاندەكلا، ئەر باش  پىرسۇناژ سايىدەكلا بىلىندى....
  بەك تەسىرلىككەن!
   بۇنىڭدەك بەدەلسىز مۇھەببەتداشلار قانچىلىك؟

   ئۇلۇغ ئاللا ئوغۇللارنىڭ،  ساپ مۇھەببەت ئىگىللىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
567

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئاز ئۇچرىشى مۇمكىن بۇنداق مۇھەببەت ھازىرقى جەمىيەتتە .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يىگىتلىرىمىز كۆپلەپ چىقسا قىزلىرىمىزنىڭ بەختىدىن ئەنسىرەشنىڭ نە ھاجىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى 18:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېىكايىنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا بىر قانچە يىلدىن بېرى  ساقلاپ قويغانىدىم .  

ئىلاھىم جاھاندىكى بارلىق ئاشىق مەشۇقلارنى ھالال جۈپتىدىن ئايرىمىغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:34 , Processed in 0.054918 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش