يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 877|ئىنكاس: 13

ھېيىتلىق ساڭزا ئېلىپ كىتىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىز دوستلار . يىتپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! ھەممەيلەننىڭ خوشال خورام خاتىرجەم ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بۇلۇپ ھېيىت ئۆتكۈزىشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن . خىزمەتتىكى خانىم قىزلىرىمىز خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ساڭزا سالالمىغان بولسا دەپ بۇ ساڭزىنى ئالغاچ كەلدىم ، قېنى تارتىنماي قۇبۇل قىلارسىلەر .




خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.


سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا  سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.

ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)

ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ
.


مەنبە: ئۇيغۇر تائاملىرى .


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ ئېسىمدە كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەكلا چېپىلغاقلىغىمدىن ئاپام نىمىش قىلسا ئارقىسىدىن يۈرۈپ ئۆگىنىۋالاتتىم، مۇشۇ ساڭزا سېلىشنىمۇ تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ۋاقىتلىرىمدىلا ئېشىپ ۋە تىزالايتىم، كېيىنچە مەھەلىدە ھېيتقا ئاز قالغاندا شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كېتەتتىم، لېكىن قاچانكى شەھەرگە كەلدىم ھەممىنى تاللا بازىرىدىن ئەكىلىپ تىزىپلا قۇتۇلىدىغان بولدۇم، مانا ھازىر ساڭزىنى ئېشىش بۇياقتا تۇرسۇن تىزىشقىمۇ قولۇم كەلمەيدۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ساڭزىنى تىزماقمۇ بىر ھۈنەركەنمۇ دەيمەن . ئۆرۈلۈپ كەتكەن ساڭزىنى قايتىدىن تىزىشقۇ ئەسلى تەس ئىشكەن.
كىچىك ۋاقىتلار، ھەر يىلى ھېيتتا ئاز دىگەندە بىر قېتىم ساڭزىنى ئۆرىۋېتەتتىم، بۇ مېنىڭ تولا سادىر قىلىدىغان خاتالىقىمنىڭ بىرى . مېھمانلىق ئۆيگە شۇنداق بۇرىلىشىمغا ئاپام قۇلاقنى تارتىپ " ساڭزىدىن باشقا نىمىنى يىسەڭ مەيلى . . " دەپ مۇداپىيە ئۇكۇلى ئۇرىۋېتەتتى. ئەمما نىمىنى قىلما دىسە شۇنى قىلىپ باققۇم كىلىدىغان مۇشۇ مىجەزىمنى دەيمىنا. نەتىجىسى ساڭزا يەنە ئۆرۈلۈپ كىتەتتى.
شۇڭا خانىم قىزلار، جاپا تىزغان ساڭزاڭلار بار يەرگە بالىلىرىڭغا كىرگەن ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار، بولسا يالتىراق بىلەن ئوراپ قويۇڭلار ، تېنىچ تۇرىدۇ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھۋالدىن قارىغاندا سايە ساڭزىنى يالتىراقلار بىلەن چىڭ ئوراپ ئاندىن داستىخانغا تىزىدىغان ئوخشايدۇ.سايەنىڭ ئۆيىگە ھېيىتلاپ بارغانلار ساڭزىسىنىڭ چىرايلىق تىزىلغانلىقىنىلا كۆرۈپ كەلگىدەك ئېلىپ يەي دېسە يالتىراقلار بىلەن چىڭ ئورىۋېتىلگەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى مەخپى شىفىرى بار دەڭە يالتىراقنىڭ . شۇڭا سىلەرنىڭكىگە ھېيتلاپ بارىدىغان بولدۇق . بىزنىڭ مەھەللىدە ھېيتنى بىر يىل كېچىكىپ قىلىمىزچۇ . بۇيىل سىلەرنىڭكىنى ئويناپ تۇرايلى . ئەمما كېلەر يىلى چوقۇم كىلىڭلار جۇمۇ . بىزنىڭ ئۆيلەر مۇشۇ تۇرپاننىڭ مەركىزىدىلا كېلىپلا تاپالايسىلەر، بەك ئاسان.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 09:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف...............تېخى مەخپى شىفىرى بار دەڭ، بولدىلا سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە ھېيىتلاپ بېرىشتىن ۋاز كەچتىم.
تۇرپاندا ھېيىتنى بەك ئالاھىدە قىلىدىكەن. يەنىلا كېلەر يىلى ھېيتلاپ بارايلى. كېلەر يىلى بارغاندا مەخپىي شىفىر ئەمەس قوش مۇشتۇمدەك قۇلۇپ سېلىپ قويسىڭىزمۇ ئېچىپ يەۋېرىمىز. شۇڭا تەييارلىقنى پۇختىراق قىلارسىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلمەيدىغان بولدىڭىزلارما . ھەجەپ كۆڭلۇم يېرىم بولدى ھېيت تۇرسا بۇ ...
ھېچقىسى يوق ، كادىرلار چوڭ يەرلەرنى ھېيتلايدۇ، بىزدەك پۇخرالارنىڭ ئۆيىدىن بوران قاينايدىغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ دە .   (چاقچاق) .

مۇنبەردىكى مەرىمدىن باشقا تورداشلار ھېيتلاردا ھېيتلاپ كېلىڭلار جۇمۇ . ئوبدان كۈتىۋالىمەن .   ( مەرىم بىر كېلىۋالسا ئۈچ كۈن تۇرمىسا ھاردۇقى چىقماسمىش) .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:12:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ساڭزا سېلىشنى يېقىندىلا ئۆگەندىم .سىلەرگە يارداملىشىپ ساڭزا سېلىشىپ بەرگۈم بار.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:04 دە يوللىغان
كەلمەيدىغان بولدىڭىزلارما . ھەجەپ كۆڭلۇم يېرىم بولدى ھېيت تۇرسا بۇ ...
ھېچقىسى يوق ، كادىرلار چوڭ يەرلەرنى ھې ...

بىچارە مەرىمىنىڭ بىر بېرىپ قويغىنى ھاياتىدا پىشانىسىدىن كەتمەيدىغان بولدىدە ...خەقلەرنىڭ پات پات يولۇقۇپ تۇرغىنى كۆرۈنمەيدۇ زادى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:35:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:00 دە يوللىغان

بىچارە مەرىمىنىڭ بىر بېرىپ قويغىنى ھاياتىدا پىشانىسىدىن كەتمەيدىغان بولدىدە ...خەقلەرنىڭ پات پات يولۇقۇپ تۇ ...

ۋاي جېنىم بەزىلەر ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك كۆرۈپ قالىدىكەن شۇ ، ھېلىمۇ روزىدا بارغىنىمىز،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:43 , Processed in 0.052992 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش