يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1070|ئىنكاس: 2

قىزلارنى يىغلاتقان مۇھەببەت پەلسەپىلىرى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنى يىغلاتقان مۇھەببەت پەلسەپىلىرى  

1.ئوغۇل ئەسكى بولمىسا قىزلار ياخشى كۆرمەيدۇ.  


قىزلارنى يىغلاتقان پەلىسەپىلەر ئىچىدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ ئەسلى بىر تەنە گەپ ئىدى، بارا-بارا ئايرىم ساندىكى نادان قىزلارنىڭ پەلىسەپىسىگە ئايلىنىپ قىزلارنىڭ سەبى كۈلكىسىنى،گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى،ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى ئىلىپ كەتتى.  
ياخشى بىلەن رەزىلنىڭ پەرقى شۇيەردىكى ياخشى ئادەم مۇھەببەت بىلەن ياشايدۇ،چىن قەلبىدىن ئۆزى سۆيگەننىڭ بەختىنى ئويلايدۇ،سۆيگىنى كۈلسە ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلىدۇ، سۆيگىنى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسە شۇنچە مەنىلىك ھىس قىلىدۇ.رەزىلدە مۇھەببەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ،ئۆزى سۆيگەنگە ئىرىشىشنى بەخت دەپ بىلىدۇ.شۇڭا ئۇ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۈرۈشىدىن قەتئىنەزەر سىزگە مۇھەببەت بىرەلمەيدۇ،كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىنى قانداقمۇ باشقىلارغا بىرەلىسۇن.ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق بولغان ھىسياتنى چىقىش قىلغان بولىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ ھەممىسى مەقسەتلىك،ۋاقىتلىق بولىدۇ. قەلبىدە مۇھەببەت بولمىغان ئادەمنىڭ باشقا ھەرقانداق ئارتۇقچىلىقى ئەھمىيەتسز بولىدۇ.ئۇنىڭ سىزنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇرالى يالغان سۆز،چۈنكى ياخشىلار يالغان <سۆزلىيەلمەيدۇ>.شۇڭا يامانغا كۆڭۈل بەرگىنىڭىز مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكىنىڭىز بولىدۇ،ۋاز كىچىش-كەچمەسلىكنى ئۆزىڭىزلا قارار قىلالايسىز.


2.كۆز ئالدىدىكىنى قەدىرلەش  

بۇ سەپىسەتە خۇددى سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈك سۇ ئاستىدىكى گۆھەرنى توسۇۋالغاندەك قىزلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى توسۇپ قويدى.

ياخشى ئوغۇللار ھەقىقەتەن نۇرغۇن،ئەمما سىزنىڭ كۈتكەن ئادىمىڭىز ئۇنداق كۆپ ئەمەس.شۇڭا ئەڭ دەسلەپتە سىز كۈتكەن ئادەم ئۇچرىسا بۇ سىزنىڭ ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.لىكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا سىزنىڭ كۈتكەن ئادىمىڭىز سىزگە ئۇنداق ئاسان ئۇچرىمايدۇ.مۇھەببەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ساقلاشمۇ ئەرزىيىدۇ.مۇھەببەت ئۈچۈن ساقلاش ياكى ۋاز كىچىپ مۇھەببەتسىز ياشاش سىزنىڭ تاللىشىڭىز.  
ھەممە ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى،ئۆزىڭىزنىڭ يىغلاپ ياشاش ياكى كۈلۈپ ياشىشىنى ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى بەلگىلەيدۇ.


مەنبە: ئېنتىرنىت .

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئۆتكۇنچى ھەم ئۆمۈر باقى بۇلىدۇ . ئىرىشەلمىسىڭىز ياكى ئىشەنمەي قۇيۇۋەتسىڭىز ،  ئۆتكۇنچى بۇلىدۇ ، كۈتسىڭىز ، كۈڭۇل بۆلسىڭىز ئۆمۈر باقى بۇلىدۇ .

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
36
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى،ئۆزىڭىزنىڭ يىغلاپ ياشاش ياكى كۈلۈپ ياشىشىنى ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى بەلگىلەيدۇ.
ھەق گەپ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 04:05 , Processed in 0.077436 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش