يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 510|ئىنكاس: 2

زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر


بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مېھرىبانلىقنىڭ،پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى،ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ھەم جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى،ئانا سۈپىتىدە ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپىرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر. تەھقىقكى،پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشىپ چىقىدۇ.تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق،بارلىق قەھرىمانلارنى،جىمىكى سەلتەنەت ساھىبقىرانلىرىنى،دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ۋە ئىستېدات ئىگىللىرىنى ئەنە شۇنداق قەلبى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى
بىلەن تۇيۇنغان،ھايات مۇساپىسىنى ئۇلۇغ غايىلەر بىلەن نۇرلاندۇرغان پەزىلەتلىك ئانىلار يېتىشتۈرۈپ چىققان.
<<مىللەتنىڭ كېلەچىكى-قىز-ئاياللارنىڭ قولىدا.>>بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت.ئەنە شۇ قىزلار پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بىخلىرى،جەسۇر يىگىتلەرنىڭ ھەمنەپەسلىرى،جاھان مەئىشەتلىرىنىڭ نەپىس بېزەكلىرى.جاھاندا ۋىجدان-غۇرۇرى بىلەن ھەقىقىي ياشاشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك؟
ئېھتىمال،دىلىدىن ئىمان، ئېتىقاد نۇرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن كىشلەردىنمۇ ئارتۇق پەسكەش،رەزىل ،قورقۇنۇچلۇق كىشلەر بولمىسا كېرەك.ئىنسانلار دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغاندا ھايا-نۇمۇسنىڭ ئوندىن توققۇز ئۈلۈشى ئاياللارغا،بىر ئۈلۈشى ئەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەنمىش.
بىلەمسىلەر،قىزلار بىزنىڭ روھىيتىمىز ئەزەلدىن شەرىق ھېكمەتلىرى بىلەن سۇغىرلىپ،شەرم-ھايا،ئەدەپ-ئەخلاق گۈللىرى بىلەن بېزەلگەن.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە روھىي كىرزىس پاتقىقىغا چوڭقۇرلاپ پېتىپ،مەدەنىيەت دالاسىدىكى تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ
قالساق،بىزنىڭ ئەتىمىزنى قايسى يوسۇندا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالساق قەلبىمىزنى ئۆرتەيدىغان تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىق،ئوغۇللارنىڭ <<بۇ جەمئىيەتنىڭ قىزلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ>>دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغىنىمىزدا،گاڭگىراشلار ئىچىدە تەئەججۈپتىن قېتىپلا قالىمىز.مانا بۇ <<بىر تال چىۋىن بىر قازان ئاشنى بۇلغاپتۇ>>دېگەندەك،ئىپپەت-نۇمۇسىنى مودا كىيىنىش،پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرىۋالغان،ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلەلمەيدىغان،ئىززەت-ئابرويىنى بىر چەتكە قارىپ قۇيۇپ، ئار-نۇمۇس ئىچىدە يۈرۈشكە رازىكىن،يامان يولدىن قايتىپ ياخشى ئادەم بۇلۇشنى خالىمايدىغان،ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى يەتمىگەندەك جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قىزلارغىمۇ ئىبلىس قولىنى ئۇزۇتۇپ ،ئۇلارنىمۇ خۇددىي ئۆزىگە ئوخشاش جەمئىيەت،مىللەت،ھەممە يىرگىندىغان ناپاك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئادىمىي ھايۋانغا ئايلاندۇرماقتا ھەمئايلانماقتا....................................بۇ ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ پەسكەش قىلمىشى جەمئىيتىمىزدىكى بەزى پاك،غۇبارسىز،مەسۈم قىزلارغا قىلغان ھاقارىتى ئەمەسمۇ؟
قىزلار باتۇرلۇق،قەھرىمانلىق ..........ۋىجدان-غورۇر........................قاتارلىق پەزىلەتلەرنى ھەقىقىي يىگىتلەرنىڭ ئۆلچىمى قىلغان .بۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆڭۈل تەختىگاھىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن مەردلىككە،قەھرىمانلىققا تەلپۈنۈپ،تارىخىمىزنىڭ قەھرىمانلىق سەھىپىسىنى جۇلالاندۇرغان.خوش،،،،،بۈگۈنگە كەلگەندە قانداق بولدى؟؟؟بەزى قىزلىرىمىز يىگىتلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىقىنى تاماكا چىكىش،ھاراق ئىچىش،ئۇيۇن-تاماشا قىلىش بىلەن ئۆلچەيدىغان بولدى.شۇنىڭ بىەن بەزى يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش<<ئوغۇل بالا>>ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان سورۇن -مەيخانا،رېستۇران،تاانسىخانىلارغا قاتىرىشىپ،ئۆزىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورىتىپ،ئەقل-ئىدىراك،ۋىجدان- غورۇرىنى ھەر خىل ئىچىملىك-چېكىملىكلەرنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ۋە بەتبۇي پۇراقلىرىغا يەم قىلىپ بەرمەكتە.نەتىجىدە،ھەتتا قاراڭغۇدىنمۇ قورقىدىغان زەئىپ ،روھسىز،ۋىجدانىنى يوقاتقان ۋاپاسىز تۇرقىدىن بىر يىگىت دەيدىغانلار يىتىشىپ چىقماقتا ................... بۇنىڭ سەۋەبكارى كىم؟؟؟
مۇنداق بىر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ،ئەرلەر ھامان ئاياللارنىڭ ئۆلچىمىدە ياشايدۇ.قىز-ئاياللار رېستۇرانلىشىپ كەتكەن ئەلدە،ئەرلەردىكى شىجائەت،جاسارەت،غورۇر ۋىجدان يوقايدۇ،بۇلارنىڭ ئورنىنى چۈشكۈنلۈك،غېرىبلىق ئىگىلىمەي مۇمكىنمۇ؟
<<ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى-ئۆزىنى بىلىشتە>>بۇ ناھايتى توغرا ئېيتىلغان سۆز.بىز ئۆزىمىزنى بىلەلمىگەنلىكىمىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىمىز.لېكىن نېمىگە ئېرىشىپ،نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلەلمەيمىز.جاھاندا بۇ خىل روھىي مەھرۇملۇقتىنمۇئارتۇق پاجىئە بارمىكىن؟؟؟
ئۆزىنى بىلمەيدىغان،ئايرىم نادان،ھاياسىز قىزلار ۋەجىدىن بارلىق قىزلارنىڭ نامى بۇلغىنىپ،خورلۇق ئاسارىتىدە پاك ،بىغۇبار قەلبى پۇچۇلانسا،ئۇلار ئانا بۇلىدىغانلىقى ۋەجىدىن بىر قوۋم كىشلىرى نادامەت كۆز ياشلىرى بىلەن مەۋجۇدلۇق بوھرانىنى كۈتۈۋالسا،بۇنىڭغا يەنەتاقەت قىلىۋېرىش كېرەكمۇ؟؟؟
كىشلەر خوتۇن-قىزلارنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلسا،جەمئىيەتبۇزۇلدۇ.ئەخلاق|چىرىكلىشىدۇ،دېيىشىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە ئاساسسىز ئېيتىلغان گەپ ئەمەس.ئاياللار ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانسا،روھىي زەبۇنلۇق ئەۋج ئېلىپ،مىللىي مەدەنىيەت خارابلىققا يۈزلىندۇ.ئەرلەرمۇ يۈگەنسىز ئاتتەك يولدىن چىقىپ كىشلىك ھاياتىدىكى بەخىت-سائادەتلىك تۇرمۇشىنى بۇزۇشقا باشلايدۇ.
سۆيۈملۈك قىزلار،سەمىڭلاردا بولسۇنكى،سىلەرنى قەدىر-قىممەتكە،تۈگىمەس سېھرىي لاتاپەتكە ئىگە قىلدىغىنى تاشقى گۈزەللىك ۋە ماددىي ئۈستۈنلۈك ئەمەس ،بەلكى،ئىچكى گۈزەللىك،يەنى قەلىب گۈزەللىكى ۋە ئەخلاقىي كامىللىقتۇر...... سۆيۈملۈك قىزلار،بىغۇبار پاكلىقىڭلارنى،ئالتۇندىنمۇ قىممەت ۋاقتىڭلارنى دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرىگە،رېستۇران-تانسىخانىلاردىكى بىردەملىك كەيىپ-ساپا،ئەيىش-ئىشرەت ھوزۇرىغا تېگىشىۋەتمەڭلار،بۇ ئۆزۈڭلارنى نابۇت قىلغانلىق بولماي نىمە؟سىلەر بىر ياخشى كىتابنىنەچچە ئون يۈەنگە ئېلىشقا چىدىمايسىلاريۇ،بىرەر گىرىم بۇيۇمىنى،بىرەر قۇر كىيىم-كېچەكنى نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ سېتىۋېلىشقا رازىسىلەر.دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق،ئادەم ئىزدەنسە،تىرىشسا ھامان ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگگە ئېرىشەلەيدۇ.قىز-ئايال ئىنسانىيەت ئالىمىنڭ بۇزغۇنچىللىرى ئەمەس،بەلكى ياراتقۇچىللىرىدۇر!يارالغۇچىنىڭ كامالىتى ئەلۋەتتە ياراتقۇچىنىڭ پاراسىتىگە باغلىق.قېنى،قىزلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى زادى قانچىلك دەرىجىدىكىن؟مېنىڭچە،بۇنىڭغا رېئاللىقتىن جاۋاب ئىزدەش ئەڭئاقىلانىلىك بولسا كېرەك.شۇغىنىسى،مەنىۋىيتى پۇچەك ئادەمنىڭ ئەقىل -پاراسەتلىك بۇلۇشى ۋە مەنىۋىيەت جۇلالىرىنى چاقنىتالىشى مۇمكىن ئەمەس،لېكىن ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزى ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ،ئىزدىنىپ ،تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا،ئەيىش-ئىشرەت ،كەيىپ-ساپاچۈشكۈنلۈك،غېرىپلىق،چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ روھىيەت دۇنياسىنىڭ ساپ،نۇرلۇق تاڭلىرىدىن بەھرە ئالالايدىغانلىقى شەكسىزدۇر!
ئىسىڭىزدە بولسۇن دوستۇم...سىز كىشلىك ھاياتتا سۆيۈشكە ئەمەس،بەلكى سۆيۈلۈشكە مۇھتاج.
ئويلىنىڭ ................ ئىزدىنىڭ...................تىرىشىڭ
مەنبە: ياشلىما تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان تەمسىل " چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ" . ھەر كۈنى ئاڭلاپ تۇرىمەن ھەم ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ تۇرىمەن .

مەسئۇلىيەتسىز ئوغۇللار سەۋەبلىك قىزلار بۇزۇلۇپ كەتكەنمۇ ياكى جەمئىيەتتىكى يامان قىزلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ئوغۇللار يولدىن چىققانمۇ دىگەن مەسىلە مېنىڭچە " توخو ئاۋال پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ" دىگەن سۇئال بىلەن ئانچە پەرقى بولمىسا كېرەك. دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قاتىللىقنى ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ بالىلىرى ھابىل ۋە قابىلدىن باشلاندى دەپ قەيت قىلىنىدۇ رىۋايەتلەردە .
ئۇنداقتا بۇ بۇزۇقچىلىقنىچۇ؟ كىمدىن ئىزلەيمىز؟ قىسقىسى قىزلار ئوغۇللاردىن، ئوغۇللار قىزلاردىن ئىزلەپ كىلىۋاتىدۇ ، چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق داۋلىسى بار ئەلۋەتتە.
بىز مەسىلىنى قارشى تەرەپتىن ئىزلەپ، كۆپۈپ كۈۋەجەپ قارشى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ، كەمچىللىكىنى سۆكۈشتىن ئىلگىرى " بەست ! مەسىلە ھەممىگە ئايدىڭ، ئۇنى قانداق ھەل قىلىمىز!" دىگەن مەسىلىنى ئويلىنىپ باقساق، بەلكىم چۈشكۈنلەشكەن ياكى بۇزۇلۇپ كېتىپ بارغان ياش قىز ئوغۇللارنىڭ جەمئىيىتىنىڭ جاراھىتىگە مەلھەم بولار ئىدى .
مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى ئۆزىدىن باشلاش ، يەنە بىرى ئەتراپتىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش .
جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ شوئارى بىر، ئۇ بولسىمۇ " شەخسنىڭ كۈچى چەكلىك، جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ كىتەلىشى تەس، ئەمما ئەتراپتىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىسەڭ، بۇ سېنىڭ غەلبەڭ! " .
جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن گەۋدە دىسەك، ئىنسانلار شۇ تەننىڭ بىر ھۈجەيرىسى ، ھەر بىر تال ھۈجەيرىنىڭ ئىمونت كۈچى ئاشسا، كېسەللىك باكتىرىيىسىگە ئاكتىپ زەربە بېرىپ، خوشنا ھۈجەيرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
خۇددى مىسالىمىزغا ئوخشاش، سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئۈچ ئادەمگە نەسىھەت قىلىڭ، ئۈ ئۈچەيلەن يەنە ئۈچەيلەنگە نەسىھەت قىلسۇن . دىمەك سىزنىڭ تەسىرىڭىزدە 12 ئادەم ئۆزىدىكى ئىللەتنى تونۇپ، ياخشىلىق قەدىمىنى باشلىدى دىگەن سۆز. ئۇلارنىڭ يەنە قانچىلىك كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ھەم سىزنىڭ تۆھپىڭىز. سىز تونىمايدىغان شۇ كىشلەرنىڭ توغرا يوللاردا ئۆز تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەمئىيەت سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ. دىمەك، سىزنىڭ چەكلىك كۈچىڭىز شاخلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلدى. ئەگەر شۇنداق نەتىجە قازانغىنىڭىز كەمىنە سايە سىزنىڭ غەلبىڭىز ئۈچۈن تەنتەنە قىلىمەن . دوستۇم
قېنى دوستۇم، ئەمدىكى گەپ، سىز بۇ تۇنجى قەدەمنى باشلىيالامسىز يوق؟ بۇ سەپەر مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن ۋاقىتلىق سەپەر؛ بۇنىڭغا جۈرئەت، ئىرادە ۋە سەۋرچانلىق كېتىدۇ . قېنى مەن بىلەن كىم بۇ سەپەرگە تەڭ ئاتلىنىدۇ؟

[ saye بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:24  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى دوستۇم، ئەمدىكى گەپ، سىز بۇ تۇنجى قەدەمنى باشلىيالامسىز يوق؟ بۇ سەپەر مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن ۋاقىتلىق سەپەر؛ بۇنىڭغا جۈرئەت، ئىرادە ۋە سەۋرچانلىق كېتىدۇ . قېنى مەن بىلەن كىم بۇ سەپەرگە تەڭ ئاتلىنىدۇ؟

مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ ھەممىسى سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بۇ سەپەرگە ئاتلىنىشنى خالايدۇ دەپ ئويلايمەن ، شەخسەن مەن ئىنكاسلىرىڭىزدىكى مەنادىن شۇنچىلىك سۈيۈندۈم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:12 , Processed in 0.050907 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش