نازىنىننىڭ ئورنىدا مەن جاۋاب بېرىۋىتەي ئەپەندىم. ھەر كۈنى ناشتىدىن بۇرۇن سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش تەن سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىرىنچى دورىسى، دېسەكمۇ بولىدۇ.
سۇ بولمىسا قانداقمۇ تۇرمۇش كەچۈرەرمىز دەيمەن. باشقا ھەر قانداق نېمە كەم بولسا مەيلىكىن، سۇ بولمىسا ھەممە نەرسە تۈگەيدىكەن. ئاچ قالساقمۇ بولىدىكەن، ئەمما سۇ بولمىسا كۈن ئۆتكۈزۈش بەك تەسكەن. بولۇپمۇ مەن ئۈچۈن، بىرەر يېرىم كۈن سۇ توختايدىغان بولسا ئادەم چولاق بولۇپلا قالدىكەن ئەمەسمۇ، بولۇپمۇ بىنادا. مۇشۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ شۇنچىلىك كۈچلۈكلىكىىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ دە مانا.
سۇ-ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان گۆھەر!!!