
11-ئاينىڭ2-كۈنى، ھىندونېزىيە مېاپى يانار تېغى يېنىك ئۈچ قېتىم پارتىلىدى. مېراپى يانار تېغى دۇنيادىكى ئەڭ ھەرىكەتچان يانار تاغلارنىڭ بىرى بولۇپ، 10-ئاينىڭ26-كۈنىدىن باشلاپ 10 نەچچە قېتىم قاتتىق پارتىلاپ، 38 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

11-ئاينىڭ3-كۈنى، مېراپى يانار تېغى 10-ئاينىڭ26-كۈنى پارتىلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك پارتىلىغان، قىززىق كۈللەر نەچچە مىڭ مېتر ئىگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن، قويۇق ئىس 15 كىلو مېتر دائىرىگىچە بارغان.

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ5-كۈنى، مېراپى يانار تېغى يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك پارتىلىغان. ھىندونېزىيەنىڭ ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ دىيىشىچە، يانار تاغ پارتىلىغاندىن بۇيان 122 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


يانار تاغ پارتىلاس سەۋەبىدىن ئۆلگەن ھايۋانلار

11-ئاينىڭ5-كۈنى، پىدائىيلار ۋە ساقچىلار ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى يۆتكىمەكتە.

11-ئاينىڭ5-كۈنى، بىر ئايال كۈنلۈك بىلەن ئۆزى ۋە قىزىنى يانار تاغ كۈللىرىدىن توسىماقتا.

11-ئاينىڭ6-كۈنى، يانار تاغ يەنە قاتتىق پارتىلىغان، يانار تاغ پارتىلاشتا 85 ئادەم ئېغىر يارلانغان، ئۆلگەن ئادەم سانى 128 گە كۆتۈرۈلگەن.

11-ئاينىڭ10-كۈنى، مېراپى يانار تېغى داۋاملىق پارتىلىغان، نۆۋەتتە پۇ ياغار تاغنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 191 ئادەمگە يەتكەن، چېكىندۈرۈلگەن ئاھالىنىڭ سانى 340 مىڭغا يەتكەن.

