ئاپتونوم رايوننىڭ قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 9 – نويابىر ‹‹2010 – يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق دېيىلدى: 2010 – يىلى 17 – نويابىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت. بەلگىلىمە بويىچە ھېيت ئۆتكۈزۈدىغان مۇسۇلمانلار ئۈچ كۈن، يەنى 17 –، 18 –، 19 – نويابىر دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. باشقا مىللەت ئاممىسى 17 – نويابىر بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 20 – نويابىر (شەنبە)، 21 – نويابىر (يەكشەنبە) نورمال دەم ئېلىنىدۇ.