يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 871|ئىنكاس: 9

ھەقىقى گۈزەل قىز-ئايال قانداق بولىدۇ؟[دىل] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادا گۈزەللىككە  ئىنتىلمەيدىغان بىرمۇ  قىز-ئايال بولمىساكىرەك، لىكىن  نىمىنىڭ  ھەقىقى گۈزەللىكنى  بىلمەي  قارغۇلارچە  غەرىپ مەدىنىيىتىنى  ئۆزىگە زورمۇ  زور  تېڭىۋاتقان  نۇرغۇن  قىز - ئاياللىرىمىز  بار،  ئەسلى بىلسەك  تاشقى  گۈزەللىكتىنمۇ  مۇھىم گۈزەللىك،  قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ  ئىچكى گۈزەللىكىدۇر.تاشقى گۈزەللىك ئادەمگە ئاسانلا  تەسىر  قىلغان بىلەن ئىچكى گۈزەللىكى  بولمىسا، تاشقى گۈزەللىككە  قانچىكى  تىز  ئىنتىلگەن بولسا  شۇنچىكى  تىز  سۇۋىيدۇ.   
قىز-ئاياللىرىمىزغا  ئەڭ  مۇھىمى  ئىچكى  دۇنيارىنىڭ رەڭگا-رەڭ  بۇلشىدۇر.  
تاشقى  قىياپىتىنى  ھەرقانچا  ئالا يىشىل  بۇيىۋالسىمۇ  ئۇ  مەڭگۈ پۇتتىرەپ تۇرالمايدۇ،  بۇ دۇنيادا نەچچە مىڭ خىل گۈللەر بار، بۇ گۈللەرنىڭ  ھەممىسى  پۇراقلىق ۋە گۈزەل بۇلشى  ناتايىن. قىز - ئاياللىرىمىزمۇ  شۇ گۈلگە  ئوخشايدۇ،لىكىن  بىر  ھەقىقەت  ئىسىڭىزدە بولسۇن، تاشقى  گۈزەللىك ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ  ئىچكى گۈزەللىكتىن  ئۈستۈن  ئورۇنغا  چىقالمايدۇ،ئاياللار  ئۈچۈن تاشقى  گۈزەللىك كەم بولسا  بولمايدۇ  ئەلۋەتتە،  لىكىن  ئەڭ  مۇھىمى  ئىچكى گۈزەللىك،تاشقى گۈزەللىكنىڭ ۋاختى بەكمۇ  قىسقا.  
ئىچكى گۈزەللىكنى ئىنسانلار  ئاسان بايقىيالمىسىمۇ، لىكىن ئىچكى  گۈزەللىك  تاشقى گۈزەللىكنى  ھامان  يېڭىپ چىقىدۇ،  بىر  ئايال  ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ  ئۇنىڭ  ئىچكى  دۇنياسى  قۇرۇق  بولسا،خۇددى  باھار  بولسا  ئېچىلىپ  بولمىسا  تۇزۇپ  كىتىدىغان  پۇراقسىز گۈلدىن نىمە پەرقى بولسۇن! بىر  مۈكەممەل  ئايال  بۇلمەن دەيدىكەنمىز  ئەڭ   ئالدىبىلەن ھەقىقى  پۇراقلىق  گۈل بۇلايلى، پۇراقسىز  گۈل بۇلۇپ  ھەرقانچە گۈزەل بولساقمۇ، باشقىلار تەرپىدىن نېرىدىن تۇرۇپ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلۇنۇپ  ئاسانلا  تاشلىنىپ قېلشىمىز  مۇقەررەر.  
پۇراقلىق گۈللەرنىڭ تاشقى قىياپىتى  ھەرقانچە كۈرۈمسىز  بولسىمۇ، لىكىن  باشقىلارغا ئاسانلا  ياخشى  تەسىرلەرنى  قالدۇردۈ، گۈزەل گۈللەر  ئەتراپتىكىلەرنى  قانچى  تىز جەلىپ قىلسا شۇنچە  ئاسان  ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ، چۈنكى  ئۇنىڭدا گۈزەللىك  بار  خۇشپۇراق يوق.   
قىز-ئاياللارغا  ئەڭ  مۇھىمى، ئىچكى گۈزەللىكىدىن مۈكەممەللىك تىكلەش، ھەرگىزمۇ  تاشقى  قىياپىتىنى   ئالا يىشىل  بۇيىۋېلىپلا،  مەن  ئەڭ گۈزەل دىگەن  نادانلىققا  ئېسىلماسلىق لازىم.  


  
مەنبە : دىل

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار پۈتكۇل دۇنيانى يورۇتۇپ بەرگۈچى ۋە ساقلاپ بەرگۈچى كىتاب، سەنئەت ۋە ئىنىستىتۇتتۇر .
                                                                                                             ------------- شېكسپىر

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللىق نازاكەت ئايالنى تېىخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 قىزلىرىم مۇنبىرىگە تۇنجى قەدەمدە بۇلۇپتىمەن  ئېلىپ كەلگەن سوۋغۇتۇمغا بەرگەن تەبىرىڭلەرگە كۆپ تەشەككۈر....................

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي باغلىغان باغلىق،
يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق.
قىلىقىڭنى دىمىسەم،
چىرايىڭ ماڭا چاغلىق.
. . . .
شۇنداق مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىپ كىتەتتۇق . بىر ناخشا ياكى بىر كوپلىت شئېر ئەلۋەتتە بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن قۇبۇل ئەتكەن تەسىرىدىن بولىدۇ . شۇڭا بۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتقىنىمىزدا گۈزەللىكنىڭ تاشقى قىياپەتتە ئەمەس، ھەقىقى قەلبتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمىز ئەلۋەتتە.

ئوتيۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ  بۇنى سۆزلەپ ئۆتكەن بۇ بىر كوپلىت ئۆز شئېرى بەلكىم كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس.
مەرىپەت ئىزلە ئېرىنمە،
سەرپ ئەتكىن كۈچۈڭنى.
بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى،
بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى.

ئەمما كىشلىك تەسىرنىڭ تۇنجى تەسىرى بولغان سىرتقى قىياپەتمۇ ھەم بىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى دۇنياغا داڭلىق بىر گىرىم بۇيۇملىرى سودىگىرىنىڭ " دۇنيادا سەت ئايال يوق، پەقەتلا ئۆزىنى تۈزەشتۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئايال بار" دىگەن سۆزى تۇيۇقسىز يادىمغا كېلىپ قالدى.

گۈزەللىكنى ئاللاھمۇ سۆيىدۇ. گۈزەللىك پەقەت سىرتقى قىياپەتتىنلا بولماستىن ھەقىقى قەلبتىن بولۇش كېرەك. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى بۇ يەردە نەقىل كەلتۇرۇش مېنىڭچە ئارتۇقلۇق قىلماس .
- ئادەم بەدىنىدە شۇنداق بىر پارچە گۆش بار، ئۇ گۆش تۈزەلسە، ئادەم تۈزىلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا ئادەممۇ بۇزىلىدۇ ، ئۇ دەل يۈرەكتۇر .
دىمەك، گۈزەللىكنى قەلبىمىزدىن تونۇپ، قەلبىمىزدىن ھېس قىلىشىمىز كېرەك.
قەلبى گۈزەل ئەڭ گۈزەلدۇر .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 13:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايە ئىنكاس دىگەننى يىزىپلا قۇيىسىزغۇ زادى ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك دىل ، ئېلىپ كەلگەن سوۋغىڭىزغىمۇ تەشەككۈر .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىل نىڭ يەتتە قىزلىرىمغا كەلگەن قەدىمىگە مۇبارەك!
تېمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي، تېمىنى ئوقۇماي تۇرۇپ بىر نەرسە دېيىشنى بەك يامان كۆرىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىل - باسقان قەدەملىرىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن .

<< سايە >> سىز ئادۇۋكاتمۇ - ھە -!
سايە نىڭ ئىنكاسلىرنى ئۇقۇسام بىر كۈنلۇك ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:43:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا گىرىم قىلمايدىغان ئاياللار يوق، چۈنكى چىراي تالىمايدىغان ئەرلەر يوق.....

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:35:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman-taxkin بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:35 دە يوللىغان
دىل - باسقان قەدەملىرىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن .

> سىز ئادۇۋكاتمۇ - ھە -!
سايە نىڭ ئىنكاسلىرنى ئۇقۇسام بىر كۈ ...


بۇ مۇنبەردە سىزنى  ئۈچراتقانلىقىمدىن  ئىنتايىن خۇشالمەن، بەكمۇ ياخشى بولدى كونا دوسلارنى  يەنە بىر  ئۈچرىتىش پۇرسىتى بەرگەن 7 قىزلىرىم مۇنبىرىگە تەشەككۈر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:47 , Processed in 0.052492 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش