يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2138|ئىنكاس: 16

مەرھۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپ سۈرەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش















Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىيالچان تىلەك


لۇتپۇللا مۇتەللىپ


تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.
مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،
تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.
خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.
لەززەتلىك خىيال ئارسىدا بېقىپ ئاسىمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈن تولغانماس؟
ئاشقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى..
نىمشىقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە بۇ يۈرەكلەرنى.
ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم ،
تىڭشىغاچقا مومام ئاغزدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.
سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام ،
ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.




[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:58  دە تەھرىرلىگەن. ]

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىللارغا جاۋاپ


ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب .


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرىپلا ئۇلۇغ ئەدىپنىڭ رىسىملىردىن ھۇزۇر ئالدىم، تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 07:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام لۇتپۇللا دىگەن ناخشىنى قانچە قىلساممۇ تىمىغا كىرگۈزەلمىدىم دىسە .

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 08:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا كىرگۈزۈش ئىقتىدارىدا ئازراق چاتاق بارمۇ ياكى بىز مەشغۇلاتنى توغرا قىلالمايۋاتامدۇق  بىلمىدىم ،مەنمۇ سالام لۇتپۇللا دېگەن ناخشىنى كىرگۈزۈپ باقاي دەپ خېلى ھەپىلىشىپمۇ كىرگۈزەلمىدىم ،سىن ھۆججىتى كىرگۈزۈشتىن كىرگۈزسەم ئادرىس چىقىدۇ ،لېكىن ناخشا قويۇلمايدۇ ، FLASHتېخىمۇ بولمىدى ،باشقۇرغۇچىلار بىر قاراپ باقسا بولغۇدەك .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ  قىززىپ كىتىپتىغۇ.... بۇنداق  ئىسىل تىمىلار  يىتىمسىراپ قالسا بولمايدۇ.....

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئىسىت، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بولسىچۇ بۇ تېما،  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بىر تېكىستىنى ئۆتكەن ئىدىم، مۇشۇ ناخشىنى تاپالمىدىم، ئۆزۈم ئېيتىپ بېرەي دىسەم كاشكى....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:33 , Processed in 0.050502 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش