يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 753|ئىنكاس: 4

جالالىدىن بەھرامنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۆنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا ، جالالىدىن بەھرام : «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن.....» دەيدۇ.
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. «رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى .1958   -يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى.
جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە  قاتنەشقاندىن  كېيىن،1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى. 1981 -يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ  گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان . لېكىن، 1966 -يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرى »، «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، ئۈششۇك تەگكەن  ۋە «قوشكۆل» لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى.
ئۇنىڭ،  «مېھرىگىياھ»، «ناتىۋانلار»، «كۆمۇر ساتقۇچى بالا»ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلىنغان. جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 16:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلېرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:29:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن .... ئۆيىنى بىلسەم بىرىپ بىر پاراڭلاشقۇم بار ............

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:47:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:29 دە يوللىغان
مەن بۇ  كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن .... ئۆيىنى بىلسەم بىرىپ بىر پاراڭلاشقۇم بار ............



ئۆيى جۈيەننىڭ ئىچىدىغۇ دەيمەن ، ئىدىلكام شۇنداق دېگەندەك قىلغان ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 01:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:47 دە يوللىغان



ئۆيى جۈيەننىڭ ئىچىدىغۇ دەيمەن ، ئىدىلكام شۇنداق دېگەندەك قىلغان ...



مەنغۇ شۇ يەرگە يىقىن يەردە ئولتۇرمەن لىكىن ماڭا پەقەت  ئوچراپ باقمىدى ........ئەمدى تازا دىققەت قىلىپ باقايچۇ ....رەھمەت ھە .... ئەسكەرمىسىڭىز بىلمەيدىكەنمەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:15 , Processed in 0.054300 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش