يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 7

قۇرغاق قورۇماچۆپنى يەپ باققانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




خۇرۇچى:
ئۇن  ،  قوي گۆشى ،  پىياز ،،  كۆكمۇچ ،  ياكى  سامساق  چوكىسى ، پەمىدۇر  قىيامى ، قاقمۇچ  ، سامساق  چانالمىسى ، جاڭيۇ ، تۇز ، سۇ  يېغى ، كاۋاۋىچىن ، تېتىتقۇ ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار .

ئىتىش  ئۇسۇلى :

1.  ئۇنغا سۇ ، تۇز  قوشۇپ  مۇۋاپىق  چىڭلىقتا  خېمىر  يۇغۇرۇپ ، يېرىم سائەت  تىندۇرغاندىن كېيىن ، قېلىنراق يېيىپ ، توم ئۈگرە  قىلىپ  كېسىسىز ،
2.  قازانغا  سۇ  قۇيۇپ ، قاينىغاندا  ئاشنى سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىسىز  ،  بەك  پىشۇرۇپ  ئېزىلدۈرىۋەتسىڭىز ، يولدىشىڭىز  تىللايدۇ .  ئاشنى  سۈزىۋالغاندىن كېيىن مۇزدەك  سۇدا  چايقاپ  سوۋۇتۇسىز ، ھورۇنراق  بولسىڭىز  ئادەتتىكى پىلتە لەغمەن ( چۆپى )نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ .

3.  قوي گۆشىنى  نېپىز  ياپراقچە  توغراپ ، جاڭيۇ ، كاۋاۋىچىن تالقىنى ، تۇز ، كىراخمال  گىدىككىنە  ئاچچىقسۇ  تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ  ، تەم كىرگۈزىسىز .
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ ، قىززىغاندا گۆشنى  سېلىپ  ، ساغارغاندا  ئېلىۋالىسىز .

ئالاھىدىلىكى ، رەڭگى قىزغۇچ ، سېرىق ، قۇرغاق تەمى  تۇزلۇق ئاچچىق ، مەززىلىك خۇشبۇي ، يىيىشلىك ، ئىسسىقلىق ئىنىرگىيەسى يۇقۇرى ، سوغۇق كۈنلەردە  ئىستىمال قىلىشقا  بەك  لايىق .
5. قازانغا بىر قوشۇق  ياغ قۇيۇپ ، قاقمۇچنى سېلىپ ، ئارقىدىن پىياز ، كۆكمۇچلارنى سېلىپ قورۇپ ، پەمىدۇر قىيامىنى( بىر قوشۇق ) سېلىپ ، تۇز ، جاڭيۇ قۇيۇپ ، ئاشنى سېلىپ ، ئىتتىك ئوتتا قورۇپ ، سامساق  چانالمىسى ، تېتىتقۇنى سېلىپ ،  ئاچچىقسۇ  تېمىتىپ   تەخسىگە ئالىسىز  ،  ھېچكىمگە  بەرمەي  يەيسىز .   خەقلەرگە  « مەن قۇرغاق چۆپ قورۇمىسى »  يىدىم ،  دەيسىز ...
              دىققەت :
1. پەمىدۇر  قىيامى  ئىشلىتىڭ ، يېڭى  پەمىدۇر  ئىشلەتمەڭ ، بولمىسا  سۈيى چىقىۋېلىپ ، قۇرغاقلىق سۈپىتىگە  تەسىر يىتىدۇ.
2. قوي گۆشىنى قىممەت  دىسىڭىز  ، موزاي گۆشىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ  بولاۋېرىدۇ .
3. كەرەپشى ( چىڭ سەي ) ، چوكا ماش ( جاڭدۇ )  سەي كاۋا ، پىدىگەن، كۆكبەسەي  قاتارلىقلارنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4. سامساق  چانالمىسىنى  سېلىشنى ئۇنتۇپ  قالماڭ ، قورۇما  چۆپلەرنى  سامساق بىلەن ئاچچىقسۇ ئوخشۇتۇدۇ......






Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:40:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ يىگۈسىنى كەلتۈرۈپ.......

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى مېھمان قىلىدىغانلار بارمۇ ؟

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇشۇ 干煸炒面 دەپ دۈملا چۈشىدىغان بولدۇق.

رەھمەت خۇشچىراي! دەم ئالغاندا ئالدىرىماي سىناپ باقىمىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمداق جىق ئى ئالار ئاۋۇ

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:42:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ تاماقنى 3 يىل ئىلگىرى<جاھانگىر تېز تاماقخانىسى> دا يىگەن ئىدىمئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ بىر سىناپ باقسام بولغىدەك

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا مەرۋەرى ئۇنداق بولسا گەنبىيەن سومەن دىگەننىڭ قاتىلىنى يەپسىز جۇمۇ ، جاھانگىر تاماقخانىسىنىڭ مۇشۇ تامىقى بەك ئوخشايدۇ زادى .

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدىمۇ ئوخشىتىپ ئەتسىە بەك يىيىشلىك بولىدۇ، خانىم قىزلار ھە دىسە تاماقخانىغا يۈگۈرمەي ئۆيدە ئېتىپ بېقىڭلار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:22 , Processed in 0.050516 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش