يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1016|ئىنكاس: 9

قانداق ئاياللار ئېرىنى كۈنلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسىلىنىڭ قويۇلىشى
  تويدىن كىيىن ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئەرلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئەركىن ياشاشنى خالايدۇ. ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ بەك چوڭ بۇلۇپ كىتىشىگە يول قويمايدۇ. ئاياللار بۇنى < ئېرىم تويدىن كىيىن ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بۇلۇپ قالدى> دەپ چۈشىنىدۇ-دە، ئېرىگە ئىشەنمەيدۇ، گۇمانلىنىدۇ. رەڭگارەڭ تۇرمۇش بەزى ئاياللارنى ئېرىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان قىلىۋىتىدۇ. گۇمان كۈچەيگەنسىرى ئېرىمۇ خۇددى تالادا باشقا بىرسى بىلەن < ئىشى > باردەك بىلىنىدۇ.
بىر ئايال مۇنداق دىدى:
     - ئېرىم ئوچۇق-يورۇق بۇلۇپ، مىنىڭ ئېغىر-بىسىق مىجەزىمنى ياقتۇرىدۇ، بىراق يېقىندىن بېرى ئۇ باشقىچە كۆرۈنىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئالدىنقى كۇنى ئۇ ماڭا تېلىۋىزوردا مودا كىيىنگەن بىر ئايالنى كۆرسىتىپ:<سىزمۇ مۇشۇنداق كىيىنىپ ماڭا ھەمرا بۇلۇپ سورۇنلارغا بارغان بولسىڭىز بەك خۇشال بۇلاتتىم> دىدى. ئۇ كىيىملەرنى قانداق كىيەي؟شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن:<ئۇنداق بولسا ئېلىپ بېرىڭ > دىۋىدىم، ئۇ<چاتاق يوق>دىدى. ئۇنىڭ گىپى مەندە گۇمان پەيدا قىلىپ قويدى.
يەنە بىر ئايال مۇنداق دىدى:
    -بىز تېخى بالىلىق بولمىدۇق، بىراق تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇ تويدىن كىيىن ماڭا كۆڭلىنى ئانچە ئىزھار قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، يېقىندا ئۇ ئىككى كۈنلۈك كاماندۇروپكىغا چىقىپ كەلدى. قارىسام كىيىملىرى رەتلىك ،پاكىزە تۇرىدۇ. كۆڭلۈمدە كىيىمىنى قۇرۇق يۇيۇش ئورنىدا تازىلىتىپ كىيگەنمىدۇ ياكى........؟ دىگەندەك خىيال پەيدا بولدى. مەن ئۇنى كۈنلىگەنسىرى ئارىلىقىمىز يىراقلىشىپ كىتىۋاتقانداك بىلىندى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئىشتىن كەلسە كىيىملىرىنى پۇرايمەن، يانچۇقلىرىنى ئاختۇرىمەن. ھازىر جىنايەتچىنى كۆزىتىۋاتقان ساقچىغىلا ئوخشاپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە مىنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇم يوق.
بۇ مەسىلە ئۇستىدە پىسخىلوگلارنى زىيارەت قىلدىم:
قايسى خىلدىكى ئاياللار ئېرىنى كۈنلەيدۇ؟
    1. ئېرسىيەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، سەۋدا تىپىدىكى ئاياللارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بۇلۇپ، تۇرمۇشتا سەزگۈر ، گۇمانخور كېلىدۇ. بۇلار ئەسلىدىنلا باشقىلارغا ئىشەنمەيدۇ، كۈنلەش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ؛
    2. كىچىك ۋاقتىدا دادىسى تالاغا قاراپ قالغان ئائىلىدە چوڭ بولغان قىزلاردا ھەر قانداق ئەردىن گۇمانلىنىدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ؛
    3. ئۆزىنى يولدىشىدىن تۈۋەن كۆرىدىغان ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆزىگە، قابىلىيىتىگە، گۈزەللىكىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئېرى خۇددى ئۆزىنى ياراتمايۋاتقاندەك تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ-دە ،ئېرىنى كۈنلەيدۇ؛
    4. ئەرلەرنىڭ خىزمەت، خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ئاياللارنىڭ كۈنلەش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
ئېرىگە ئىشەنمەسلىك قانداق ئاقىۋتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
    مەلۇم دەرىجىدىكى كۈنلەش ئەر-ئايال مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى. ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا ئازراقمۇ كۈنلەش بولمىسا ،بۇنداق ئائىلىدە مەسىلە بار دىيىشكە بولىدۇ، لىكىن ئاياللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈنلىشى ئەرلەرنىڭ قارشىلىق پىسخىكىسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىشى مۈمكىن. قىسمەن ئاياللارنىڭ ئېرىنى ئارتۇقچە كۈنلىشى ئەرلەردە بىسىم پەيدا قىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرلەردە ئۆيگە كىرگۈسى كەلمەيدىغان، ئايالىدىن بىزار بولىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
ئاياللار قانداق قىلغاندا ئارتۇقچە كۈنلەش پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟
   بىرىنچىدىن، ئاياللار نىكاھ چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئاياللار ئادەتتە<توي قىلغان ئىكەنمەن، ئېرىم بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايمەن > دىگەن نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، بىراق تۇرمۇش بەزىدە ئىرادىمىزگە باقمايدۇ، بەزىدە قارشى تەرەپ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن كۈنلەپلا يۈرسىڭىز، ئېرىڭىز تۇرمۇشتا سىز بىلەن ھىچقانداق ئورتاقلىقى يوقلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدىكى ئىللىقلىقنى كۆرەلمەيدۇ-دە، بۇنداق تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈشكە ئۇرىنىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىڭ. بولمىسا<تاما-تاما كۆل بولار> دىگەندەك، ئۇششاق ئىشلار چوڭىيىپ، ئېرىڭىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىسىز.
   ئۈچىنچىدىن، ئاياللار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
   تۆتىنچىدىن، باشقا ئاياللار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەر قانداق ئائىلىدە بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ،تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.
   بەشىنچىدىن، ئاياللاردا كۈنلەش تۇيغۇسى شەكىللەنگەندە، ئۇنى يېڭىشنى مەشىق قىلىش كېرەك. بىر قانچە قىتىملىق مەشىقتىن كىيىن ئاياللار ئۆزىدىكى كۈنلەش تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
    قىسقىسى، ئاياللار ئېرىنى كۈنلەپ، ئېرىگە ئىشەنمەي ئۆزىنى ئازاپلاشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىنى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرشكە، پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشكە ،ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ،ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشنى قىلىشقا سەرپ قىلغاندا بەخت تۇيغۇسى بارا-بارا كۈچىيىدۇ.
   ئېرىڭىزدىن ئارتۇقچە گۇمانلانماڭ. سىزدە ئېرىڭىزگە ئىشەنمەسلىك پىسخىكىسى شەكىللەنگەندە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ،ئۇنىڭ سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلمايدىغانلىقىنى ئېغىر-بىسىقلىق بىلەن ئويلاڭ، خۇشچىراي بۇلۇپ ئۇنىڭ مەيلىنى ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ مايىل قىلىڭ، سېھرى كۈچىڭىزنى ھەرگىز يوقاتماڭ، شۇندىلا يولدىشىڭىز ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىدۇ-دە، بەخت سىلەرگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ!


http://www.akillar.com/?dp-bbsthread-4902.html

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:40  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرلەرنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈكىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئامالى

خوتۇن بولغۇچى ئەرنىڭ يوشۇرۇن ھالدا باشقائاياللار بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇۋالغانلىقىنى سەزگەندە نېمىلەرنى قىلىشى ، قانداق تاقابىل تۇرىشى كېرەك ؟
ئاياللار بۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە ، ئاسانلىقچە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ . بۇ ، دەل ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشتۇر .ئادەم زەربىگە ئۇچراپ ، كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ، سۆز -ھەركىتى دۇرۇس ، ئەتراپلىق بولمايدۇ . بۇنداق چوڭ ئىشنى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىش زۆرۈر . شۇڭا ، ئالدى بىلەن ئىشنىڭ روھىي جەھەتتىكى دوستلۇق ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك . ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى ، چۈشىنىشى ۋە كۆڭۈل بولىشىگە موھتاج بولىدۇ . ئەگەر مەسىلە مۇشۇ چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق .
ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئىشلارغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ، باشقىلار بىلەن بىكاردىن - بىكار توقۇنۇشۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەرنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن گەپلەشكەنلىكىنى كۆۈپلا ئۆزىگە كۈندەشلىك ئوتىنى يېقىۋالماسلىقى لازىم . ئەگەر ئىش ئالىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ، يېقىنلىق قىلىش ،كۆيۈنۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق ، ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىش كېرەك . ئىشلارنى ئوچۇق - ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇپ ، نىكاھ ئىشىدا زادى نېمە مەسىلە بارلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىشنىڭمۇ پايدىسى بار . ئادەم چوقۇم ئۆزىگە سادىق ، سەمىمىي ، راسچىل بولۇشى ، ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ئازارلىقنى ئېتراپ قىلىشى ، ھەرگىزمۇ يوشۇرۇش ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەسلىكى لازىم .
مەسىلىنىڭ تۇگىنى تېپىلغان ئىكەن ، چارە - تەدبىر تېپىپ ھەل قىلىش زۆرۈر . پەقەت ۋاقتىدا ھەل قىلغاندىلا قارشى تەرەپنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ مۇناسىۋەت قۇتقۇزۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەك . چۈنكى مۇھەببەت ۋە سادىقلىق مەجبۇرلاش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس .
ئەگەر ئەر پۈتۈنلەي تالاغا قاراپ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكەن بولسا ، خوتۇن ئەرنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ يۈرۈۋەرسە ، بۇ ، خوتۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئادەتتە ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرسىمۇ ، ئەرنى قولدىن چىقارماي ئەپلەپ - سەپلەپ ئائىلىنى قوغداپ قېلىشنى ، پەرزەتلىرىنى ئاتا -ئانا ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان روھىي ئازاپتىن ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ . بەزى ھاللاردا بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ . بەزى ھاللاردا ئەرمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ . لېكىن ، بەزىدە بۇنىڭ ھىچقانداق ئۈنۈمى بولماي بىر تالاي يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
تالاغا قاراش ئۇنىۋېرسال كېسەلىكىنى داۋالايدىغان شىپالىق دورا يوق . كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . ئەمما ئالدىنى ئېلىش داۋالىغاندىن ياخشى .
ئەر تالاغا قاراپ قالغاندا، چوقۇم سوغاق قان ، سەگەك بولۇش كېرەك . بۇنداق چاغدا ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ گالۋاڭراق بولۇش زېرەكلىككە قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق . << گالۋاڭلىق تېپىلماستۇر >> دېگەن گەپ شۇنىڭغا قارىتىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن .

<< قىز  - ئاياللار ئەخلاقى >> دىن ئېلىندى

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:49:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئىشەنسە كۈنلىمەيدۇ ئاياللارمۇ ....
كۆپىنچە ئاياللار تويدىن كېيىن تۇرمۇش خىزمەت بېسىمىدىن ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن يېتىشتۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ ،  شۇڭا ئەرلەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكىدەك كەڭ دائىرىدە پىكىرلىشەلمەيدۇ شۇڭا مۇناسىۋەت يىراقلاشقاندەك تەسىر بېرىدۇ ، مەنچە ئاياللار تويدىن كېيىن بالىلىق بولغاندىن كېيىن تېىخىمۇ بەك بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك
ئىشقىلىپ كۆزگە قادالغان نەرسە ھەركىمگە خوشياقمايدۇ ، ئۇنى يوقاتقۇسى كېلىدۇ ...شۇڭا ئەرلەرنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمىسا ياخشىمىكىن دەيمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەش مەيىن شامال سۈپىتىدە كەلسە ، ئۈچەي دەپ قالغان ئوتنى يالقۇنجىتالايدۇ . ئەگەر كۈنلەش شىددەتلىك بوران سۈپىتىدە كەلسە ئۇ ھالدا كۈيىۋاتقان يالقۇننى ئۈچىرىۋېتەلەيدۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:33:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ مەن ئىرىمنى كۈنلەيمەن ، ئەر خەقنى ئانچە مۇنچە  كۈنلەپ تورمىسا بولماسمىكىن دەيمەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت مۇتەخەسىسلەركەنغۇ بۇلار.

    راست دەيسىلەر. ھەددىدىن ئارتۇق كۈنلەش نىكاھنى بۇزىدۇ. ئەرنى بىزار قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. كونىلاردا بىر گەپ بار:"خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزىلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر" دەپ. بەلكىم بۇ گەپلەرمۇ بىكار چىقمىغان بولغىيتى دەيمەن. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە ئىشىنىش. ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك قارشى تەرەپنى كۈنلەپ، ئىشەنمەي، گۇمانخورلۇق قىلىپ جاپا تارتمايمىز ئەلۋەتتە. شەخسەن مەنمۇ ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ كۈنلەپ باقمىدىم، دېسەم لاپ گەپ بولۇپ قالار، ئەمما كۈنلەش دېگەندىن بەكلا يىراقتا.  مۇھەببەت كەمچىلمىكىن، دېسەم ئۇنداق ئەمەستەك.


   ئەمما سىلەر دەپ بېقىڭلار، ئەر بولغۇچى ئايالىنى پەقەتلا كۈنلىمىسە بۇ نورمالمۇ؟

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر، ئايال كۈنلىسا ئۆي بۇزال، دەپتىكەن كونىلار.
ھەر ئىش ئۆز دائىرسىدىن ئېشىپ كەتسە بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق بەسى مۈشكۈلدۇر.

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە كۈنلەشمۇ چۇقۇم لايىقىدا بۇلۇشى كېرەك .ياخشى كۈرۈش بولغان يەردە چۇقۇم كۈنلەشمۇ تەبىئيلا بولىدۇ .ياخشى كۆرمىسە كۈنلەش بولمايدۇ . ھايۋان جېندىمۇ ئۆز جۈپتىنى باشقىلاردىن قىزغىندۇ...........

ۋىسالسىز سۆيگۈ مەڭگۈلۈك ئازاپ!

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە بۇ نورمال ئەمەس ، خۇددى ۋېسال دىگەندەكلا . ئەمما ئەرلەرچۇ قۇۋ كىلىدىكەن ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنى ، كۈنلەيدىغىنىنى پەقەت بىلىندۇرمىسەم دەيدىكەن، مەن بۇنى ئۇقۇشماستىن مەخپى ئاڭلاپ قالغان ،  شۇڭا يولدۇشۇم كۈنلىمەيدۇ دىمەي ، مەندىن يۇشۇرۋاتىدۇ ، ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالدى دەپ بىلسەك بولىدىكەن .
ئەمىليەتتە ئاشۇنداق كارى يوق ئەرلەر بەك سەزگۇر ، كۇزۇتۇشچان كىلىدۇ جۇمۇ .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىپىڭىز بەك توغرا جۇمۇڭ، كارى بولمىغاندەك، كۈنلىمىگەندەك قىلغىنى بىلەن سائىتى كەلسە ئادەمنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپلا قويىدىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:49 , Processed in 0.065214 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش