يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 2

نىكاھ بۇزۇلۇشتىكى توققۇز بىشارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    1. ئۆزىنىڭ تاشقى سىياقىغا ھەددىدىن ئارتۇق دىققەت قىلىش . مەسىلەن: ئورۇقلاشنى ياخشى كۆرۈش، ھۆسن تۈزەش، ئۈنچە- مەرۋايىتقا ھەۋەس قىلىشقا ئوخشاشلار . مانا بۇلار بىر خىل بېشارەت بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىدىن قېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ چىراي- شەكلى تەڭداشسىز دەپ قاراۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن ؛  
   2. ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر ئازلاش. بۇ ئۇلارنىڭ ھازىرقى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن ؛   
   3. ئائىلىدىكى مال- مۈلۈكنى <<سېنىڭ- مېنىڭ >> دەپ ئايرىش ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل ساقلاش ؛
   4. ئائىلىنىڭ مۇراسىم ئىشلىرىغا قىزىقماس بولۇپ قېلىش . مەسىلەن: ئۆزلىرىنىڭ توي- تۆكۈننى خاتىرىلەش ، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى ئائىلە يىغىلىشلىرىغا قاتناشماسلىق ؛
   5. ئۆزئارا بىللە بولۇش ئازىيىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئەل- ئاغىنىلىرى بىلەن قويۇقراق مۇناسىۋەت باغلاش ؛
   6. تۇيۇقسىزلا خىزمەتكە بېرىلىپ كەتكەن بولۇۋېلىپ ، ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئاۋارىچىلىقىدىن قېچىش ؛
   7. ئەر- خوتۇن ئىككىسى كوللېكتىپ سورۇنلارغا بېرىشتىن ئامالىنىڭ بارىچە قېچىش ؛  
   8. تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئائىلىلىرىدىكى ۋاقىتنى ئامالىنىڭ بارىچە ئازايتىش ؛  
   9. ئائىلە ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇۋېلىش  .


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ بەجايىكى بىر تال يىپ. ئۇ گاھىدا ئىككى قەلىبنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرسا،گاھىدا ئىككى قەلىبنى بىر بىرىگە باغلايدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر كۆزەينەك. ئۇ ئككىلا تەرەپنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۇردۇ،شۇڭا «ھەي،مۇشۇنداقلىقىڭنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام»دېگەننى كۆپ ئاڭلايمىز.
نىكاھ بەجايىكى بىر تەخسە قورۇما.ئەر تۇزلۇق يېيىشكە ئامراق بولسا تۇز كۆپ سېلىندۇ،خوتۇن تاتلىق يېيىشكە ئامراق بولسا شېكەر كۆپ سېلىندۇ ،ئاقۋەت بۇ قورۇما داستىخانغا كەلتۇرۇلگەندە ھېچكىمگە تېتىماي قالىدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر توڭلاتقۇ . ئونىڭ رولى مۇھەببەتنى يېڭى پېتىچە ساقلاش ،ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانچە سوۋۇتۇپ قويدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر يوتقان .يوتقاننىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولشى موھىم ئەمەس ،موھىمى ئسسىق بولشىدا.
نىكاھ بەجايىكى بىر ئىمارەت .ئۇ مۇھەببەتنى ماتېريال قىلسا ، چېرايلىق داچىغا ئوخشايدۇ:مال-دۇنيانى ماتېريال قىلسا ،پۇلدىن قوپۇرۇلغان قەغەز سارايغا ئوخشاپ قالدۇ .
نىكاھ بەجايىكى بىر مەيدان قىمار. بۇ قىمارنىڭ قانۇنىيتى شۇكى ،قانچىكى تەۋەككۇلچىلىك قىلسىڭىز ،شۇنچىكى زىيان تارتىسىز.
نىكاھ بەجايىكى بىر زاۋۇت. ئۇ ئاساسلىقى ئاۋارچىلىك،جىدەل-ماجرا ۋە پەرزەنتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ .
نىكاھ بەجايىكى بىر مەكتەپ . بۇ مەكتەپتە خوتۇننىڭ كەسپى ھازازۇللۇق،ئەرنىڭ گاس-گاچلىق.
نىكاھ بەجايىكى قوشۇش ئەملى .سانلار يىغىندىسى مۇنداق ئۈچ تۇرلۇك بولدۇ: بىرگە بىرنى قوشسا ئككى بولدۇ ياكى نۆل بولدۇ ۋە ياكى مىنۇس ئككى بولدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر تەڭلىمە. بۇ بىر بەخىت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتتىن تۇزۇلگەن بىر نامەلۇملۇق ئككىنجنى دەرىجىلىك تەڭلىمە،بۇ تەڭلىمدە بەخت ئازاپ-ئوقۇبەتتىن چوڭ بولسا كۆڭۈلدىكىدەك يېشىم ،ئازاپ-ئوقۇبەت بەختتن چوڭ بولسا ئېچىنىشلىق يېشىم ھېسابلىندۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر كۇنلۇك .بۇ كۇنلۇك پەقەت ئككىلا ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ،«ئۈچۈنچى شەخس»پەيدا بولغاندا ، چوقۇم بىرەيلەن يامغۇردا قالىدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر قېيىق.كىمكى بىرلا ۋاقىتتا ئككى قېيىققا تەڭ دەسسىسە ئۆزىنى سۇدا كۆرىدۇ .نىكاھ بەجايىكى بىر ساپال بويۇم .ئۇنى ياساش بەسى مۈشكۈل ،ئەمما چېقىش تولىمۇ ئاسان،پارچىلىرىنى يىغىشتۇرۇش تېخمۇ ئاۋارچىلىك .شۇڭا ئۇنىڭ ئورالمىسىغا ھەمىشە «ئېھتىيات بىلەن قويۇڭ»،«تەتۇر قويۇلمىسۇن »دەپ ئەسكەرتىپ قويۇلدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر كويزا. قۇتۇلمەن دەپ قانچە تىركەشسىڭىز شۇنچە چىڭىيدۇ.
نىكاھ بەجايىكى بىر قورغان . بۇ قورغاننىڭ سېھرى كۈچى شۇ يەردىكى ، قورغاندىن چىقۋالغانلارنىڭ ئىچىگە يەنە كىرۋالغۇسى كېلدۇ.


مەنبە :«ئامانلىق»  ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ بەجايىكى بىر كويزا. قۇتۇلمەن دەپ قانچە تىركەشسىڭىز شۇنچە چىڭىيدۇ.

ما گەپنىڭ ئانچە ئاساسىي يوقمىكىن دەيمىنا .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:33 , Processed in 0.050550 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش