يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت ئەرلەر ۋە مەجبۇرىيەت ئەرلەر يوقىلىش ئالدىدا تۇرم ...
كۆرۈش: 1803|ئىنكاس: 19
go

ئەرلەر يوقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
86 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 
نادىر
يازما
560 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەڭ يېڭى تۈر: ئەرلەر  
   تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مەيلى شىمالىي قۇتۇب ئېيىقى بولسۇن ياكى جەنۇبىي ئافرىقا يايلاقلىرىدىكى چوڭ بۆكەن بولسۇن، مەيلى چوڭقۇر دېڭىزدىكى كىت بولسۇن ياكى ھاۋا بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان قارىغۇجا بولسۇن، ھەممىسى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇلغانغان سۇدا ياشاش داۋامىدا ئۇلار بۇلغانغان نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپلا قالماي، قوۋۇز ۋە تېرىسى ئارقىلىق بۇلغانمىلارنى سۈمۈرۈۋالىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەڭ بۇرۇن بايقالغان جىنس ئۆزگىرىش ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت تۈر ئىكەن.
   دەسلەپكى بەزى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ پەس دەريالىرىدىكى يېرىم دېگۈدەك ئەركەك بېلىقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرالايدىكەن، ياپونىيە ۋە ئافرىقىنىڭ بېنىن قولتۇقى رايونىدىكى تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرىدە چىشىلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن، ئوتتۇرا دېڭىز، ياپونىيىنىڭ ئوساكا قولتۇقى، ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى تۇزلۇق سۇ بېلىقلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن. 2008-يىلنىڭ باشلىرىدا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئاۋسترالىيىدىكى 40% شېكەر قومۇش چارپاقىسىنىڭ قوش جىنسلىققا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، بۇندىن باشقا %20 چارپاقىنىڭ ئەركەكلىكتىن چىشىلىشىشقا ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
    بۇنىڭدىن باشقا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىكى جىنس ئۆزگىرىشىمۇ ئىنسانلارغا سىگنال بېرىۋاتىدۇ. ئالياسكا شتاتىدىكى 3تىن 2قىسىم ئەركەك قارا قۇيرۇق بۇغىنىڭ يوشۇرۇن ئۇرۇقدانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان، ئالىملار شىمالىي قۇتۇبتا قوش جىنسلىق شىمالىي قۇتۇب ئېيىقىنى بايقىغان. فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لۇ قىلت ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ياۋايى ھايۋانلاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان ئىكەنمىز، ئۇ ھالدا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەرلەردىمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىشىمىز كېرەك» دەيدۇ.

خېمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ بۇلغىشى ئاستىدىكى جىنىس بۇزۇلۇشى  
   ئالىملار ئەركەك، چىشى قالايمىقانلىشىشتەك يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقىنى دەل كىشىلەر دائىم ئۇچرىشىدىغان، تولىسىنىڭ ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك ئۇچۇرى بولمىغان خېمىيىلىك بويۇملار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ زىيانلىق خېمىيىۋى ماددىلار يېمەكلىك ئورالمىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، بالىلار ئۇپىسى، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھورمونغا كاشىلا قىلىدىغان يوشۇرۇن قاتىلغا ئايلانغان. تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار ئۇچرىشىدىغان يېڭى خېمىيىلىك بۇيۇملار 100مىڭ خىلدىن ئېشىپ كەتكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى %99 ىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، %85 ىنىڭ ھەتتا يېتەرلىك بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ھورمونغا كاشىلا قىلىدىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى «ئىچكى ئاجراتمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى» ياكى «جىنس بۇزغۇچى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

گۋېننىنىڭ دوكلاتىدىن چىقىرىلغان يەكۈن شۇكى: ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر نەچچە چوڭ تۈرى (جۈملىدىن كۆپ سۆڭەكلىك بېلىق، قوش ماكانلىقىلار، ئۆمۈلىگۈچىلەر، ئۇچار قاناتلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار) ئارىسىدىكى ھەر بىر ئەركەك ھايۋان خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئۇمۇرتقىلىق ئەركەك ھايۋانلارنىڭ چىشىلىشىپ كەتكەنلىكى خېلىلا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال.

    خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بۇلغىنشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنس نىسبىتىگە بولغان تەسىرى ئاللىقاچان ئايان بولدى. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقاتتا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقان ئاياللار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ كىچىك ياكى ئاياللاشقان جىنسىي ئەزاسى بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. پولىخلورىنلاشقان بىفېنىل بىلەن ئۇچراشقان ھامىلدار ئاياللار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار چوڭ بولغاندا ئوغۇل بالىلار ئادەتتە ئوينايدىغان شەمشەر-كالتەككە ئەمەس، بەلكى قونچاق ئويناشقا ۋە چىنە-چەينەك بىلەن ھەپىلىشىشكە تېخىمۇ مايىل بولىدىكەن. كانادا، ئىتالىيە، رۇسىيە قاتارلىق جىنس بۇزغۇچى خېمىيىلىك بويۇملاردىن ئېغىر بۇلغانغان جايلاردا بولسا قىزلارنىڭ تۇغۇلۇش نسىبىتى ئوغۇللارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىدىلا «ئەسلى» ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلۇشقا تېگىشلىك 250 مىڭ قىز بوۋاق بار ئىكەن.
يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئوڭايلا «ئاياللىشىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
رېئال مۇھىت ئەرلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتسىز، تەركىبىدە خېمىيىلىك تەڭشەلمە ۋە ئانىلىق ھورمون مول يېمەكلىكلەر ئەرلەرنى ئاسانلا ئاياللاشتۇرۇۋېتىدۇ، پىۋا ئىچىشكە ئامراق سېمىز ئەرلەرمۇ مۇشۇنداق ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن .
   كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىۋا ئىچىشكە ئامراق ئەرلەرنىڭ سۈت بېزى يوغىناش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 15% يۇقىرى بولىدىكەن. بىر تەرەپتىن كۆپ مىقداردىكى ماي ناھايىتى نۇرغۇن ئانىلىق ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىدىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ياغلىق جىگەر كېسىلى ئۇنىڭ زىيادە كۆپ ئانىلىق ھورموننى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيدىكەن، شۇڭا ئەرلەر ئوڭايلا ئاياللىشىش كىرزىسىگە دۇچ كېلىدىكەن.
   دېمەك، كرىزىس ھەممىلا يەرگە يوشۇرۇنغان مۇھىت بۇلغىنىش ئالدىدا ئەرلەر بەقۇۋۋەت تېنىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنغاندىن باشقا، يەنە تېنىنى ئاسراش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بولمىسا كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئەرلەر يەنە بىر «يوقىلىشقا يۈزلەنگەن» تۈر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
    كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنلەرگە بارغاندا كۆپ ساندىكى ئەرلەر خۇددى بۇلبۇلدەك ئىنچىكە ئاۋازدا ئەتىر توغرىلىق پاراڭغا چۈشىدۇ، ئەركەك ئەرلەر ناھايىتى «ئەتىۋار»لىشىپ كېتىدۇ. بۇ سىزگە «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدەك تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ئەمما ئەڭ يېڭى بىرتۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى جانىۋارلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەركەك جانلىقلارنىڭ ئانىلىشىشىغا سەۋەب بولغانلىقتىن، كەلگۈسىدىكى ئەرلەر دۇنياسى ھەقىقەتەن بارغانسېرى ئاياللىشىپ كېتىدىكەن. ئەرلىك خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا .


مەنبە: نورۇز مۇنازىرە مۇنبىرى .


Rank: 4

توردا
50 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 
نادىر
يازما
180 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ راسمىدۇ - يا ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
457 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ پۇتۇن بەدىنىمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
88 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ھەقىقەتەن ئەرلەرگە قوقاق سالىدىغان يالغان خەۋەر ئىكەن.
لىكىن ھىچبىر ئەركەك زاتى بۇنىڭدىن قورقمايدۇ.
ئەگەر قورقۇشقا توغرا كەلسە، ئاياللار قورقسا بولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
109 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 
نادىر
يازما
484 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز كۆز ئالدىمىزدىكى (بىز ياشايدىغان ئەسىردىكى) ئادەملەرنى  كۆرۈۋاتىمىز، ئاينىۋاتىدۇ. ئەرلىك جاسارەت تەدرىجىي سۇسلىشىپ، چىشىلىق مىجەز بىخلىنىۋاتىدۇ. ھېچ بولمىغاندا بالا چاغلىرىمدا كۆرۈدىغان ئەرلىك جاسارەت ۋە مىجەز ھازىر يوق. ئۆتمۈشتە ئىككى ئەركەك ئۇرۇشسا گالاچ-گۇلۇچ مۇشتلىشىپ، يېڭىلگۈچىنى يەڭگۈچى قولىدىن تارتىپ تۇرغۇزىدىكەن، بۇنداق ئەھۋاللارنى بالىلىقىمدا مەنمۇ كۆرگەن. ھازىرچۇ؟ جايىدا ئولتۇرۇۋېلىپ تىل خەنجىرىنى ئۇرىدۇ، تىلدا تەڭ تۇرالماي ئاخىر ئورنىدىن تۇرۇپ پىچاق سالىدۇ ياكى بىرنەچچىسى بىرىنى دەسسەپ - چەيلەپ تاش-كېسەكتە چالا ئۆلۈك قىلىۋېتىدۇ. بۇ ئاشۇ تەتقىقاتلارنىڭ ئوبيېكتى بولالىغانمىدۇ؟

http://terjiman.haoyouqun.com
http://edebiyat.888ubb.com
http://hi.baidu.com/erkmandadxah/home

Rank: 3Rank: 3

توردا
15 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
72 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى ئاياللار قاندا ق قىلا

Rank: 2

توردا
33 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
104 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىشقىلىپ ئەلەردە ئەركەكلىك روھى  ئۆلمىسۇن!ھازىر جەمىيتىمىزدە يەنە كەينىدىن تازا تىللايدىغان لىكىن شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان <ئەرلەر>مۇ خېلىلا كۆپۈيۈپ قېلىۋاتىدۇ.....

Rank: 1

توردا
0 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 
نادىر
يازما
1 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاياللارلا ئەمەس ئەرلەرمۇ قوخمىسا بولماس ؟  KETMENBAY?

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنچە يوقالسا مۇنداق ئەرلەر بىرىنجى بولۇپ يوقالسۇن:
1.ئايال كىشىنىڭ چاپىنىدا تەرلىنىدىغان ئەرلەر .
2،ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىغىنى باشقىلارغا يۇكلەپ قويىدىغان ئەرلەر .
3.بالىسىدىن كىچىپ ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۇزگەن ئەرلەر.
4.ساختىلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىغا ئېرىشكەن ئەرلەر .
5.كۈچ-قۇۋۋىتى تۇرۇپ ،ساھىلنىڭ رولىنى ئېلىپ قەلەندەردەك تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئەرلەر .

ئۇف............. دىسەم-دىسەم بەزى ئەرلەدىكى يىرگىنىشلىك ئىللەتلەر تۇگۈمەيدۇ  جۇمۇ ....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئېسىمگە غەربكە ساياھەت دىگەن فىلىمدىكى ئاياللار دۆلىتى كېلىۋاتىدا

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 12:02 , Processed in 0.030676 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.