يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 2

پەرزەنتلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە داۋالىتىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان ھەمدە بەك ئاسان كۆرۈنگەن ئىشلاردا ئاز بولمىغان نۇقسانلار ساقلانغان بولىدىكەن ، سەل قاراش، ئۇنى مەخسۇس ۋە مۇھىم دەپ ئىش قاتارىدا كۆرمەسلىك ، شەخسىي ئىش دەپ چۈشىنىش قاتارلىقلاردىن ھەر زامان نۇقسان چىقىدۇ . بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە داۋالىتىشتا ، بۇ خىل نۇقسانلارنىڭ يۈز بېرىشىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.


مەلۇمكى بالا توغۇلۇپ ئالتە ئايغىچە ئاساسلىقى ئانىنىڭ ئېممۇنىت كۈچىگە تايىنىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە تەبىئەتكە ماسلىشىشنى ئۆگىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەزىم سېستىمىسى ۋە ئېممۇنت سېستىمىسىغا تايىنىشقا يۈزلىنىدۇ. مۇشۇ مەزگىلىدە بالىلار مول ئوزۇقلۇققا ۋە يېڭى قانغا مۇھتاج بولىدۇ . ئەگەر مۇشۇ باسقۇچ سەل قاراش بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىلسە ، بىنانىڭ مەلۇم يېرىنى كېيىنچە رېمونت قىلغىلى بولغىنى بىلەن ، ئادەمنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى زىيىنىنى كېيىنچە تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئىككى ياشتىن يۇقىرى، كەينى ئالىي مەكتەپكە چىققان بالىلارنىڭ كۆپىنچە تۆمۈر ۋە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن چېچى شالاڭلاش، كۆزى ئاجىزلىشىش ، كۆز تېگى كۆكىرىش، ئۇنتۇغاقلىق ، يۈرىكى تىترەش، ئۇھ تارتىش، پۇت-قولى مۇزلاش، تاماق خاھلىماسلىق ، ئاسان زۇماكداش......قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى ھەممە ئائىلىلەردىكى باش ئاغرىتىۋاتقان ئاشكارا مەخپىيەتلىك . رايونىمىز كىشىلىرىدە ئەزەلدىن كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، قان ئازلىق ۋە پۇت- قوللىرى مۇزلاش ئەھۋاللىرى كىشىلەرنىڭ گەۋدىلىك كېسەللىكلىرى قاتارىدا شىكايەت قىلىنغان ئەمەس ئىدى ، ئەمدى ئوزۇقلۇق تېخىمۇ مول دەۋردە نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يەردە ئاساسلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىدە مەسىلە ئاز ئەمەس ، بالىلارمۇ ئۆز تېنىنى ئوبدان چۈشەنمەي ، بەلكى چولپانلارنىڭ  ئۇجۇر – بۇجۇرىنى بىلىشتە مۇتەخەسسىس بولۇپ كەتكەنلىكىدە ! ئەڭ مۇھىمى ، يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىگە قاراپ، تەبىئىتىنى پەرق ئەتمەسلىك ، تېبابەتنى قالاق ۋە ئۆتمۈش جەمئىيەتنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن سۈرىتى دەپ چۈشىنىش ، پېشقەدەملەرنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنى تەرەققىي قىلالماسلىقنىڭ تۈپ يىلتىزى دەپ چۆرۈۋېتىش... قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بىلىمنىڭ شولىسى چۈشۈپ چالا پارقىراپ قالغان ئاتالمىش ئالىملار ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىلىرىنى قىلچە ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ ، ئۆزى يېڭى پەن ياراتماقچى بولۇشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، تېبابەت ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگە، ئۇمۇمىي خەلق دۇنيا قارىشى تارىخ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن مۇھىم مەدەنىيەت قورالى بولۇپ ، ئۇنى سۈرتۈپ مايلاپ تۇرۇشقا بولىدۇكى ، تاشلىۋېتىشكە ياكى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ . شۇڭا بالىلارنى كىچىكىدىنلا بادام ، ياڭاق ، پىستە، ئانار ، ئالما ، ھەسەل .....قاتارلىقلاردىن ، گۆش ۋە شورپىدىن ئايرىماسلىق ، بالىلارغا قوي ۋە تۆگە يۇڭلىرىدىن ۋە پاختا يىپتىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيدۈرۈش كېرەك، ئۇمۇمەن ئەزەلدىن ماس كەلگەن ۋە پايدا قىلىدىغان نەرسىلەردىن تەزدۈرمەسلىك لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىنىڭ ئۆزىمۇ مەدەنيەت ئەنئەنىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.


بالىلارنى داۋالىتىشتا ئىمكانقەدەر تەن كۈچىنى ئاشۇرۇش ، ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنى مۇداپىئە قىلىشنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلەيمىز. ھازىر ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالامەتلىرىدە ھە دېسىلا زۇكامغا قارشى ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ . ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ باكتىرىيە ۋە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش رولى بولۇش بىلەن بىرگە ساق توقۇلمىلارغا ، جىگەر ۋە بۆرەككە مەلۇم دەرىجىدە سەلبىي تەسىرى بار ، ئۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ياكى ھاياتى بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەمەس ، كۆپىنچە كېسەللىكلەر ئاستا – ئاستا تەييارلىق قىلىپ تەن كۈچى ئاجىز ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇنى ناھايىتى قىسقا مەزگىلدىلا ساقايتىۋېتىشنىڭ كويىدا ككپ مىقداردا ئانتىبىئوتىك دورا ياكى ئۇكۇل ئىشلەتكەنلەر كېيىنچە باكتىرىيەلەرنىڭ ساھىبخانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇڭا ، بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا گاڭپەن ۋە شوۋىگۈرۈچتىن ئايرىش ، كىچىك تۇرۇپ ھاراق ئىچىپ ، تاماكا چېكىشتىن توسۇش( بۇنى ئۆز نۆۋىتىدەچوڭ ياشلىقلارغىمۇ دەيمىز) ، سوغۇق ۋە رەڭلىك ئىچىملىكلەردىن يېراقلاشتۇرۇش، پەسىلگە قارىماي كىيىنىشتىن توسۇش لازىم. داۋالاتقاندا كۈچلۈك ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا- ئۇكۇللارنى داۋاملىق ئىشلەتمەي ، ئاساسلىقى ھەزىم ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، تەن كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە يېڭى قان ھاسىل بولۇشنى تېزلەشتۈرۈشكە دىققەتنى قارىتىشىمىز لازىم . بۇ گەرچە شەخسىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن تەبىئەتنى ۋە تەبىئىيلىكنى سۆيمەسلىك ، ئۆزىنىڭ تېنىنى ۋە مىزاجىنى چۈشەنمەسلىك ، قالايمىقان ئۇزۇقلىنىش، بالىلارنى ئەنئەنىۋى مەدەنيەت قاراشلىرى بىلەن تەربىيىلىمەسلىك ، تەركىبىنىلا تەكىتلەپ تەبىئىتىگە ئېتىبار بىلەن قارىماسلىق قاتارلىقلارمۇ پسىخىك ساپا بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . قانداق بېقىپ، قانداق داۋالاتساق ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ئىشى دېگۈچىلەر پەقەتلا ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىدىن ئايرىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ.




مەنبە: ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسى ناملىق كىتابىدىن


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىردىن باشلاپلا تەييارلىق قىلىۋېتىپسىزدە مەرۋەرى ، بۇ ياخشى ئەھۋال .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشچىراي بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:40 دە يوللىغان
ھازىردىن باشلاپلا تەييارلىق قىلىۋېتىپسىزدە مەرۋەرى ، بۇ ياخشى ئەھۋال .

ھەدەم بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ ئىككى قىزىنى چوڭ قىلىپ بولدى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:57 , Processed in 0.051198 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش