بېسىپ چىقىرىۋېلىپ ئۆينىڭ تېمىغا چاپلاپ قويۇپ كۈندە كۆرۈپ تۇرغۇدەك مەزمۇنلاركەن. تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
كۆپىنچە ئۇسۇللارنى تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، بەزىللىرىنى قوللىنىپ باقمىغان چارىلەركەن. دېمىسىمۇ ھازىرقىدەك جىددى خىزمەت بېسىمى ۋە جىىددى تۇرمۇش رېتىمى ئادەمنى ئاسان چارچىتىپ مىقداردىن ئارتۇق ئېنىرگىيە سەرپ بولۇشقا سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەن ئادەتتە خىزمەتتە چارچاپ كەتسەم مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىللىرىمنى تاللاپ ئېچىپ قويۇپ باشقا ئىشلارنى قىلىمەن. يەنە بەزىدە دوستلار بىلەن سىرتقا چىقىپ ئولتۇرۇپ كېلىمىز، پاراڭلىشىمىز. ئائىلە، جەمئىيەت، پەرزەنتلەر، چوڭلار، ساۋاقداشلار، ئوقۇغان چاغلاردىكى گۈزەل ئەسلىمە...ئىشقىلىپ نەچچە قىز بىر يەرگە كەلسە گەپ تېمىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغۇ. ياكى قەھۋە ئىچىشكەچ چەتنىڭ مۇزىكىللىرىدىن ھوزۇرلىنىمىز. توغرا، چارچىغىنىڭلاردا مېنى ھايت دەڭلار، ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ قويىمەن.

ئائىلە بويىچە كوچا چۆگىلەيمىز دېگەندەك. ئىشقىلىپ ئادەم چارچىغاندا، ھارغاندا، بېسىم ھېس قىلغاندا چوقۇم ئۆزىنى تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. گۈزەل نەرسىلەرنى خىيال قىلىش، يېقىشلىق، ئۆزى خۇشال بولىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاسان قېرىپ كەتمەيدۇ ھەم بالدۇر كېسەل بېسىۋالمايدۇ. يىنىكلەپلا قالىدۇ. تۇرمۇش ناھايىتى شات-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.