چۈشكە قايتىش
ئادىل تۇنىياز
تاڭ يىپلېرىدا،
رۈجىكىڭنى
ئۇلاپ قويۇپ رۈجەكلېرىمگە،
پىچىرلىشايلى تاتلىق چۈشلەرنى.
سەن ئېيتىپ بەر چۈشۈڭنى ماڭا،
مەن ئېيتىپ بېرەي چۈشۈمنى ساڭا.
كىم بىلىدۇ ھەر ئىككىمىزنىڭ
ئەڭ ئاخىرقى ئوخشاش بىر چۈشى،
مەنگۈلۈك بەختنىڭ
باشلىنىشى بولامدۇ تېخى؟
يا ئازاپلىق رىياللىقنىڭ
مۇقەددىمىسى؟
كېلىپ قالساڭ ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا ،
كىرپىگىمگە ئېلىندۈرۈپ قوي،
چوكىلدىتىپ سۆيۈشلېرىمنى!
قالدۇرۇپ كەت،
تامچە يېشىم ئۈستىدە،
قەيسەرانە كۈتۈشلەرنى.
سەم چۈشىگەن چىناردا
ئۇۋلىسا مېنىڭ قۈشلېرىم ،
مەن چۈشىگەن گۈلزاردا
پورەكلىسە سېنىڭ گۈللېرىڭ،
بېغىڭدىكى سۆيۈملۈك ئالما
بېرەلەرمۇ كەچكۈزدە ماڭا
شاخ-شېخىدا ساڭگىلاپ تۇرغان
ئالما كەبى ئوتلۈق يۈرەكنى.
ئانام تېكىپ بەرگەن شاپاق دوپپامنى،
كالا باققان يەرلەردە
يۈتتۈرۋەتكەندەك؛
ئاناڭ چېگىپ بەرگەن گۈل ياغلىغىڭنى،
ئوت ئالغان ئېتىزدا ئۇنتۇپ كەتكەندەك؛
ئۇنتالىشىمىز مۇمكىن قانچە رەت،
بىرلا قېتىم كۆرگەن شۇ چۈشنى؟!
بۇزۇلسىمۇ چۈشىمىز بىزنىڭ،
دۇنيا يەنە قالار ئۆز پېتى.
سېغىندۇرمىغاندەك
بىر ۋاقىتتا ئاي بىلەن كۈننى،
سېغدۇرمىسا بىزنى رېئاللىق،
يۈر! قولوڭنى بەر !
قايتىپ كېتەيلى گۈزەل چۈشلەرگە.
1990-يىل 2-ئاي.قاغىلىق
مەنبە:ئاپتورنىڭ "دېڭىزدىكى كوچا" دىگەن كىتاۋىدىن