يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: otkankunlar

ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادىل تۇنىياز



ۋەتەنسىز قۇشلار


پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار .
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ .

مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن ،
يەنىلا ئۆزىڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ .
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قول ياغلىقىڭنى .
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى ،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن .
مىليونېر بوپكەتكىن بەرىبىر يەرلىك -
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق .
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق .
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە ،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت .
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى .
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋسى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان .
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا ،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا .
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن ،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن .
ۋەتەن ، ئېھ ۋەتەن ،
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى ،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم .
گۆھەردۇر ، ئالمىدۇر ، خۇش پۇراق گۈلدۇر ،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تىزەك .
ئەيسادۇر ، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى ،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك .
ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن .
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز ؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز .
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز ياكى تاگورنىڭ ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە ،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيىتقان قوشاقچە .
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن ،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن .
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن …



مەنبە:  شائىرنىڭ " چۈمبەلدىكى كۆز " ناملىق توپلىمىدىن


Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:32 , Processed in 0.041740 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش