يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 952|ئىنكاس: 7

يالغان سۆزلەشتىكى سەۋەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئۆمرۈمدە يالغان سۆزلەپ باقمىدىم"دەپ مەيدىسىگە ئۇرالايدىغان ئادەم يوق،ئەگەر بار دىسە،شۇ ئادەمنى دەل يالغان سۆزلىدى دىيىش مۇمكىن.
يالغان سۆزلىمىگەن ئادەم بولمايدۇ،بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق،ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەن ۋاقتى ۋە قېتىم سانىمۇ خېلى كۆپ.شۇنداق ئېيتىشقا بولدۇكى،پۈتۈن ئۆمرۈمىزدە يالغان سۆزلەش ئۈزۈلۈپ قالىنى يوق.دوستىمىز،خىزمەتدىشىمىز،كۆپچىلىك ۋە رەھبەرلىرىمىزگىمۇ يالغان سۆزلەپ باققانمىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغان سۆز قىلدىغان ئوبىكتىمىز ھامان تۇنۇش ئادەملەرمىز بولىدۇ.بىز يېقىن تۇنىيدىغان،ھەتتا تەغدىرىمىز قولىدىكى كىشلەرگە يالغان سۆزلەيمىز.بىرەيلەننىڭ ئاغزىدىن چاقچاق قىلىپ تۇرۇپ"ھازىر پەقەت تاكسىدىلا راس گەپ قىلىمىز"دىگىننى ئاڭلىدىم.سەۋەبى نىمە؟ چۈنكى،راسىت گەپ قىلغاندا باشقىلارنى ئاسانلا رەجىتىپ قويىدىغان،ئاۋارىچىلىك تېرىپ قويدىغان ئىش چىقىدۇ.ئەمما تاكسىدا ئۇنداق ئەمەس.تاكسى شوپىرىنى تۇنىمىغاندىكىن نىمىلا دىسىڭىز،خەقنى يامانلاپ بەرسىڭزىمۇ بولىۋىردۇ.
  يالغان سۆزلەشتە مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال بار:
بىرى،چۇقۇم شۇنداق سۆزلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالغاندا.ئالايلۇق ئەر كىشى سىرىتتا ناشايان ئىش قىلىپ كىلىپ خۇتۇنىغا راستنى ئېيتالامدۇ؟،يەنە ئالايلۇق،سىز پارىژدىكى تارماق شىركەتتە ئىشلەۋاتاتىڭىز باشلىق سىزنى سومالىدىكى شىركەتكە يۆتكىمەكچى بۇلۇپ،سىزدىن پىكىر ئالسا،ئۇ يەر ياخشى ئەمەس بارغۇم يوق دىيەلەمسىز؟ ئېنىقكى،سىز چۇقۇم كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئەڭ جاپالىق يەرلەرگە بېرىپ ئىشلەپ شىركەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بازار ئېچىپ زور تۆھپە قوشىمەن دەيسىز.بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلىق مۇئامىلە ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ بىرسىنى رەنجىتىپ قويغان بولسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بېقىنىڭىزغا تىغىنى تەڭلەپ،مىنى"ئاكا"دە دىسە،شۇنداق دىمەيمۇ ئامالىڭىز بارمۇ؟
يەنە بىر خىل ئەھۋال،راسىت سۆزلەشتىن خىجىل بولغاندا،ئالايلۇق،سۆيگىنىڭىز بىر گۈللۈك كۆينەك سېتىۋالغان،كۆڭلەك قارا چىرايىغا تولىمۇ ماس كەلمىگەن بولسىمۇ،ئالدىڭىزدا كېپىنەكتەك پىرقىراپ:"يارشىپتىمۇ؟"دەپ سورىسا،ياراشماپتۇ دىيەلەمسىز؟! ئالايلۇق باشلىقىڭىز سىزنى قاتىق تەنقىدلەپ كەتكەندە،بىر نەچچە سۆزنى خاتا قىلغان بولسا،ئۇنىڭغا تۈزىتىش بىرەلەمسىز؟ سىز پەقەت بېشىڭىزنى تۆۋەن سالغىنىڭزچە:"دىگىنىڭىز تامامەن توغرا،خاتالىشىپتىمەن،كىلەر قېتىم تۈزىتەي"دەيسىز.
  نىمىشقا يالغان سۆزلەيمىز؟ كۆپ ھاللاردا شەخسىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلماي ئامال يوق.بەزىدە ياشاش ئۈچۈن،باشقىلارنىڭ يۈزى ئۈچۈن باشقىلارنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن يالغان سۆزلەيمىز.
  مىنىڭچە،بەزىدە باشقىلارنى خوش قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە ئېغىز يالغان سۆز قىلىپ قۇيۇشنىڭمۇ زىيىنى يوق. سۆزلىگىچىمۇ،ئاڭلىغىچىمۇ بۇنى چۈشەنگەچكە كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن زاۋۇت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ باردۇق.دەل شۇ كۈنى باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كىلىن بالىلىرى يىغىلغان ئىكەن.بىز كىرسەك كىلىنى بىر ياشقا كىرگەن بالىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ،ئايال خىزمەتدىشىم"پاھ" دەپلا زاۋۇت باشلىقىغا قاراپ:"بۇ نەۋرىڭىز بۇدرۇق،چىرايلىق،ئاپئاق ئىكەن،ئىچىم كۆيدى"دىۋىدى،زاۋۇت باشلىقىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.ئەمىلىيەتتە بالا تولىمۇ ئاۋاق ئىدى.قاراڭ شۇ بىر ئېغىز يالغان سۆز پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنى خوش قىلۋەتتى.
  يالغان سۆزلەشتىن پايدىغا،ھەتتا ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئىرىشىپ قالىمىز.ھەممىلا ئادەم ياخشى گەپ ئاڭلاشنى خالايدۇ،ھالبۇكى ياخشى گەپ كۆپ ھاللاردا يالغان گەپنىڭ ئۆزگەرتىلمىسى.ئەمما يەنە بىرخىل يالغان گەپ قىلغان ئادەم كىشلەرنىڭ قارغىشىغا قالىدۇ.ئۇ بولسىمۇ ھەق-ناھەقنى كۆپتۈرۈدىغان،تۇقۇلما گەپلەر،بۇنداق گەپلەر ينىك بولغاندا باشقىلارغازىيان يەتكۈزىدۇ،ئېغىر بولغاندا جانغا زامىن بولىدۇ.
  ئەمىلىيەتتە يالغان سۆزنىڭمۇ چوڭ-كىچىك ئايرىمىسى بولىدۇ."چوڭ شەخىس"لەر يالغان سۆزنىڭ چوڭىنى "كىچىك شەخىس"لەر يالغان سۆزنىڭ كىچىكىنى قىلىدۇ.يالغان سۆزنى تۇسۇش،"كىچىك شەخىس"لەرنى يالغان سۆزلەتمەسلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن"چوڭ شەخىس"لەر راسىت سۆزلىشى كېرەك.چۈنكى "كىچىك شەخىس"لەر ياشاش ئۈچۈنلا يالغان سۆز قىلىدۇ،ئەمما"چوق شەخىس"لەر ياشاشتىن سىرىت تېخىمۇ يۇقىرى "مەنزىل" ئۈچۈن يالغان سۆز قىلىدۇ.ياشاش ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان يالغان سۆزنىڭ ئېيتىلىشىنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدۇ.  
  ناۋادا سىز يۈكسەك ئالىيجاناپ،پاك-دىيانەتلىك،ئىنتىزامچانلىقىڭىز كۈچلۈك،يالغان سۆزلەشنى قەتئىي خالىمايدىغان ئادەم بولسىڭىز،ئەمما چۇقۇم يالغان سۆزلەشكە، راسىت سۆزلىمەسسلىككە دۇچ كىلىپ قالسىڭز قانداق قىلسىز؟ مەن سىزگە بىر ئەقىل كۆرسىتەي،ئۇ چاغدا سىز ئاغزىڭىزنى چىڭ يۇمۇڭ،كۈلۈپلا قۇيۇڭ،گەپ قىلماڭ.مۇشۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى قىلغان ھەم ئۇنىڭ غورۇرىغا تەگمىگەن بولىسىز.
راسىت گەپ قىلالمىسىڭىز گەپ قىلماي تۇرۋالسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىسىز،بىراق دائىم "گەپ قىلماسلىق"مۇ ئوڭاي ئەمەس،چۈنكى ئۇنىڭمۇ چىكى بولىدۇ.   
مەنبە:تەرمىلەردىن

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇنداقما؟

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان يالغان سۆزلەستىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولغىنى بىلەن، بەزى ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ ئاسان. ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا لەيلەپ يۈرىيدۇ يالغان گەپلەر. ئەمما شۇ يالغان گەپنىمۇ قاملاشتۇرىدىغانلار كارامەت قالتىس بولىدۇ.

باشقىلارنىڭ يالغان سۆزىنى ئاڭلاش جەھەتتە ئۆزەمنى بەك سەزگۈرمەنمىكىن دەپ ئويلايمەن. نېمىشقىكىن بەك ئاسان سېزىۋالىمەن دېسە.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمرۈمدە مۇشۇ يالغان سۆزلىگەن بىلەن خوشۇم يوق ...يېقىندىن بەك جىق ئۇچراۋاتىدۇ ماڭا كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغان ئادەملەر ، سۆزلەپ چارچىمىغان بىلەن ئاڭلىغانلار قاتتىق ھېرىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  يالغان  سوزلەش بەك يامان .بىراق  يالغان گەپ تاپالمىغاندا  راس گەپ قىلىدىغانلارمۇ خىلى  بار.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ATILLA بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:52 دە يوللىغان
راس  يالغان  سوزلەش بەك يامان .بىراق  يالغان گەپ تاپالمىغاندا  راس گەپ قىلىدىغانلارمۇ خىلى  بار.

سەندەكمۇ ئاتىللا

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانچە مۇنچە بار بار بۇ ئىشلار ، تورمۇشتا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيمەن دەپ ئىيىتقىلى بولمايدىكەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا يالغان گەپتىن قۇتۇلغىنى بولمايدۇ .      
  
  راس گەپ قىلىپ  يىغلاتقاندىن  يالغان گەپ قىلىپ خوش قىلسا  بۇنى تاللايدىغانلار ئالدىنقىدىن كۆپ ئەلۋەتتە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:03 , Processed in 0.058102 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش