1. ئەتىدىن كەچكىچە ۋالاقلايدىغان ، ھەممە ئىشتا ئېرىدىن ئاغرىندىغان خوتۇندىن قورقىدۇ .
ئەرلىرىمىز : شۇ ئايال تۇنجى قېتىم ۋالاقلىغاندا جاندىن ئوتىدىغان ئىككى ئېغىز گەپنى قايتۇرۇپ ۋالاقلىسا ، ئۇ خۇتۇن قايتا ۋالاقلىمايدۇ .
2. گەپ -سۆزلىرى قوپال ، سوغۇق تەلەت خوتۇندىن قورقىدۇ .
ئالقىنىمىز كۈنگە تۇتساق يەنە بىر يۈزى كۈن كۆرەلمەيدۇ ، دىمەك شۇ ئايال كىشىنىڭمۇ بىز كۆرەلمەيدىغان ، نازىنىن تەرەپلىرى بار .
3.ھەر ۋاقت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلمايدىغان شەخسىيەتچى خوتۇندىن قورقىدۇ .
يولدىشىنى ھەقىقى سۆيگەن ئايال ، بۇ كەمچىلىگىدىن ئۇيۇلىدۇ ، سۆيگۈ -مۇھەببەت بارلىك شەخسىيەتچىلىكنىڭ دۇشمىنىدۇر .ئەر شۇ مۇھەببەتكە ئېرىشەلىسىلا !
4.مەڭگۇ قانائەتلەنمەيدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ .
خوشنامنىڭ قوش كۆرۇنەر دىگەن ماقالە - تەمسىلىمىز بار ، ھەممىمىز مەڭگۈ قانائەتلانمەيمىز ، جەمىيەت بىزگە ئالغا ئىلگىرلەش تەلىۋىنى قويىۋاتىدۇ .
5. ئېرىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشۋېلىپ ، ئەركىنىلىكنى چەكلەپ قويىدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ .
ئەرلەر مەڭگۈ بىر بالا ، بىز "ھاي .." دەپ تۇرمىساق ، يىقىپ چۇشۇدۇ .
6. بەتبەشىرە خوتۇندىن قورقىدۇ .
بەتبەشىرە خوتۇنلار بىزنىڭ زامانىمىزغا كەلگەندە نەسلى ئۇزۇلۇپ قالدىمىكىن ھازىر پەقەت يوق ، ئەنسىرمەڭلا . ئەگەر نىرۋىنى نورمال بولسىلا .
7. بەتخەج خوتۇندىن قورقىدۇ .
بەدبەخ خوتۇن يولدىشىغا ئاش بولمايدۇ . بولسا ئۇنى تۇزۇتۇڭ ، بولمىسا ئىشىكنى ئېچىپ ئەنە يول دەڭ .
8. پۇلنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ .
پۇلنى ئەزىز دىمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك ، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتقان كىشى ماددى جەھەتتىن پۇت تېرەپ تۇرمىسا بۇ ئائىلە پاچاقلىنىپ كەتمەمدۇ .
9. گېپى بىر يەردىن چىقمايدىغان خوتۇندىن قورقىدۇ .
گەپ بىر يەردىن چىقمىسا ئائىلىدە گەپ ، سۆز ، پاراڭ بولماس ، ئۇداقتا توي قىلىپ نىمە قىلىسىلەر .
كەچۇرۇڭلار مۇلاھىزە قىلىپ قويدۇم ئەيىپكە بۇيرىماڭلار .
