esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:05 
تولاراق ئوقويدىغىنىم تارىخى رومان .... كىتاپلىرىم 400 پار ...
قېنى ئېسىل سىزمۇ بىر غەيرەت قىلىپ يېزۋەتمەمسىز؟
مەن يېقىندا شۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلۋەتتىم، قىسمەت قارىينىڭ ئۆز ۋاقتىدا يۇرتتا قالغان كىتاپلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چوڭ- كىچىك ئون بەش يېشىككە قاچىلاپ قايتۇرۇپ كەلدىم، ئۈچ كۈندە ئاران رەتلەپ بوپتىمەن، ھەيران قالدىم، نىمانچە كىتاپ بۇ؟!
كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇنى ئېسىدە ساقلاشمۇ بىر ئىشكەن ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ بىر ئادىتىم كىتاپنى ھەر قانچە چۈشىنىپ ئوقۇساممۇ ھەپتىگە قالماي كاللامدا ئاپتور ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار قالمايدۇ، قالسىمۇ بەك- بەك ئاز

، ئەمما ماۋۇ ئادەمگە ھەيران قاپتىمەن، كىتاپ رەتلەش جەريانىدا تېلىفۇندا پالانى كىتاپ دەپ بولغۇچە، ھە ئاپتورى پالنىمۇ، پالانى يېرىدە مۇنداق گەپ بارمىكەن دەپ سورىۋىدى، ھەيران قالدىم
خاتالاشمىسام ئايدارمۇ شۇنداققۇ دەيمەن؟
ئىشقىلىپ ئايدارنىڭ كىتاپ ئوقۇش سۈرئىتىگە ھەيران قالىمەن، خېلىلا توم بىر ئرنگىلىزچە كىتاپنى مەن ئىشقا چىقىپ كەتكەندە باشلاپ قالغان، ئىشتىن كىرسەم ئوقۇپ بوپتۇ. مەن شۇنداق تىرىشساممۇ بىكار، ئوخشاشلا.....