تاش رىۋايىتى

ئۆتكەن زامان بىرچال تىلىدىن ،
ئاڭلىغانمەن شۇنداق ھىكايە.
1
ئاقار ئىكەن بىرچاغلاردا تاش،
دولقۇن ياساپ سۇلاردىنمۇ شوخ.
بىرقىزئىكەن سۇلار ئەسلىدە،
تولۇپ تازا گۈلدەك ئېچىلغان.
كەپتۇ ئۇقىز كۈنلەر ئۆتۈپ بىر،
دولقۇنلىغان تاشنىڭ بويىغا.
ھەمدە ئۈنسىزيالىڭاچلىنىپ،
چاچلىرىنى يېيىپتۇ تاشقا.
دولقۇنياساپ قىزنىڭ چاچلىرى ،
ئېقىپتۇ مىش تاشلاردىن تاشقا.
شۇندىن بېرى بىچارە تاشنىڭ،
بوپقاپتۇ مىش كۆڭلى بىر باشقا.
2
كەلمەپتۇ قىز ئۆتۈپتۇ كۈنلەر،
ئۆركەشلىنىپ تولغۇنۇپتۇ تاش.
يوللىرىغا بولۇپ ئىنتىشار،
ئاپتۇ قارا كۆزلىرىگەياش.
شۇنداق قىلىپ ئۇزۇندىن ئۇزاق،
كۈتۈپتۇ تاش بولۇپ بىتاقەت.
ئۆركەشلەرمۇ چىقىپ قىنىدىن،
ساھىللارنى بۇزۇپتۇ نەچچە.
كەلمەپتۇ قىز يەنە نىھايەت.
چىرايى زەپىران مىسكىن شۇقەدەر،
مۇڭلىنىپ ھەسرەتتە ئېقىپتۇ تاشلار.
بۇ ھىجراندىن قۇرۇپ ساھىللار،
ئىشىق ئوتىدا كۆيۈپتۇ گۈر-گۈر.
كۈللەرھەريان تۇزۇپ شامالدا،
بوپقالغاندا ساھىللار كۈلرەڭ.
كۆرۈنۈپتۇ يىراقتىن بىرگۈل،
چېچەكلەپتۇ ھەممە بەخىت رەڭ.
3
قىن -قىنىغا پاتماپتۇ تاشلار،
ئۆركەشلەپتۇ باشقىچە ھەيۋەت.
سۇ قىز يېيىپ چېچىنى تاشقا،
مۇڭدىشىپتۇ بىردەم تاش بىلەن.
كېتەر چاغدا سۇ قىزخوشلۇشۇپ،
دەپ بېرىپتۇ ئىسمىم سۇدەپ.
4
لەۋلىرىدىن ئۈزۈشۇپ غۇنچەە،
قىز كېتىپتۇ شۇنچە شادىمان.
5
ئەپسۇس تەقدىر ئويناپتۇ ئويۇن،
ياتلىق قىلماق بولۇپتۇ قىزنى.
ئۇزۇن ساقال ،چوڭ كۆز ئاتىسى،
بىرزەردارغا،قېرى بويتاققا .
زار قاخشاپتۇ،يىغلاپتۇ سۇقىز،
نىيىتىدىن يانماپتۇ ئاتا.
قازناق ئۆيگە سولاپتۇ قىزنى،
يىغلاپتۇ قىز قاخشاپتۇ،بىراق-
چىقالماپتۇ نىھايەت سىرتقا.
ئەسكە ئاپتۇ بەرگەن ۋەدىنى،
كۆزلەر يەنە تولۇپتۇ ياشقا.
ئۇلغىيىپتۇ سۇقىزنىڭ يېشى،
ئېقىتىپتۇ سەل بوپ قورۇنى.
كۆزياش بىلەن ئېقىپتۇ قىزمۇ ،
ئېقىش ئارا ئەسلەپ يارىنى.
6
تاقىتى تاق بولۇپتۇ تاشنىڭ،
ئۆركەشلىرى قېتىپتۇ تاش بوپ.
كىچىكلىرى چىقىپ قىنىدىن،
بىر لىشىپتۇ ۋەيەنە ساي بوپ.
كەلسە سۇقىز يىغلاپ ھۆركىرەپ،
ئۈن-تىۋىشسىز تۇرۇپتۇ تاشلار.
ساقلاپتۇ قىز چىقماپتۇ سادا،
ئۆلگەن ئىكەن بۇ ئاشىق تاشلار.
يىغلاپتۇ قىز ئۇزاق،بەك ئۇزاق،
كۆزيېشىدا ئېرىپتۇ تېنى.
ئېقىپتۇ ھەم سۇغا ئايلىنىپ،
سۆيۈپ قانماي قۇچاقلاپ تاشنى.
شۇندىن كېيىن ئۇقىز سۇبولۇپ،
ئۆز ئىچىگە كۆمۈپتۇ تاشنى.
شۇندىن بۇيان ھەركۈنى تاشقا،
دەپ بېرەر مىش كۆرگەن چۈشىنى.
7
نەم بولاتتى ساقىلى چالنىڭ،
شۇنىڭ بىلەن تۈگەيتتى قىسسە.