يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 676|ئىنكاس: 6

ھايۋانات مەنبەلىك غىزالار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىرىنچىسى : گۆش ؛ بۇ ئىنسان بەدىنىنى كۈچلەندۈرگۈچى ئۇزۇقلۇق بولۇپ ، بۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى  ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. گۆشتە ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەننى مول ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇيغۇرلار قوي ، كالا ، تۆگە، كىيىك، قوتازن توشقان ، تۇخۇ ، ئۆردەك ، غاز ، بېلىق، كەپتەر ، قۇشقاچ، پاختەك(پاختەك گۆشىنى يېگىلى بولامدىغاندۇ؟)، تۇرۇلغا، بېغىرتاق، كەكلىك، ئۇلار، قىېغاۋۇل، قاشقالداق، بۈدۈنە، ۋىتىلداق، جىگدىچى قاتارلىقلارنىڭ گۆشىنى ئىستىمال قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ گۆشى ھايۋانلارنىڭ گۆشىگە قارىغاندا تەركىبىدە ئاسان سىڭىدىغان ياغ ۋە ئاقسىل ماددىلىرىدىن ئازراق بولغاچقا ، تېبابەتتە بۇ گۆشلەر ئوبدان گۆش ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بۇيرۇلىدۇ.

بىرىنچىسى : قوي گۆشى؛ قوي گۆشى ئۆچكە گۆشىگە قارىغاندا مايلىقراق بولىدۇ. قوي گۆشىنىڭ خېمىيىۋى تەركىبى قوينىڭ  تۈرى ، يېشى ، ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى قوي تىپىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. ئۇرۇق قوي گۆشىنى مىسالغا ئالساق ، ئۇنىڭدا سۇ %68 ، ئاقسىل %17.3، ياغ %13.6، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى %0.5 ، كالتسىي %15، فوسفور %16.8 ، تۆمۈر %3 نى ئىگەللەيدۇ. بۇلارنىڭ سىرتىدا بىر قانچە خىل ۋېتامىنلار، خولىستىرىنلار بار.

سېمىز پاقلان گۆشى ياخشى ، لېكىن ئۇرۇق ۋە قېرى قويلارنىڭ گۆشى ياخشى ئەمەس. قوينىڭ بەك سېمىز ، ياغلىق گۆشى ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەرگە، ھەزىم قىلىشى ئاجىز كىشىلەرگە ئاسان سىڭمەيدۇ. قوي يېغى، سېمىز ۋە ياغلىق گۆشلەر  ئادەمنى سەمرىتىش، ، ھەر قايسى ئەزالارغا ياغ قاتلىمى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ، قان تومۇرلاردا چۆكمە ھاسىل قىلىپ ، قان تۇمۇرلارنى قاتۇرۇش، قان تەركىبىدىكى ياغ ماددىسىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇيىغان يغلار قان ئېقىمىدا توسالغۇ پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بولۇپمۇ ھايۋانات ياغلىرىنى ئاق ئۇن ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ ، كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. ھاراق بىلەن ئىستىمال قىلىنغان سېمىز گۆشلەر ئادەم بەدىنىنى تېخىمۇ سەمرىتىۋېتىدۇ، قان بېسىمىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. يۈرەك ۋە قان تۇمۇر كېسەللىكى بارلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى لازىم.

ئىككىنچىسى : ئۆچكە گۆشى؛ ئۆچكە گۆشى قوي گۆشىگە قارىغاندا ياخشى ئەمەس ، لېكىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ.

ئۈچىنچىسى:  كالا گۆشى؛ كالا گۆشى كالىنىڭ تۈرى ، بېقىلىشى، بېقىلغان ئۇرۇن قاتارلىق شارائىتلارغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. ئۇرۇق كالا گۆشىنى ، ئاقسىل %20 ، ياغ %2-%6 بولىدۇ. سېمىز كالا گۆشىدە ياغ %5-%8 ، ھەر خىل ۋېتامىنلار ، كالتسىي ، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بولىدۇ. كالا گۆشى ئاقسىلىدا بەدەنگە كېرەكلىك ئامىنو كىسلاتالىرى مول. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ياۋروپالىقلار كالا گۆشىنى قوي گۆشىدىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە قۇۋۋىتىنى زىيادە ھېسابلايدۇ. كالا گۆشى تەستە ھەزىم بولىدۇ ، دائىم ئىستىمال قىلىنسا ، بولۇپمۇ ياخشى پىشۇرۇلماي ئىستىمال قىلىنسا قاپاق ئۇرۇقىسىمان مەددە كېسەللىكى ، تۈرلۈك تېرە كىسەللىكلىرى، مۇپاسىل كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. كالا گۆشى خانازىر، بۇۋاسىر ، ئۈچەي مەددىلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى ئۈچۈن زىيانلىق. چۈنكى، كالا گۆشى تۆتىنچى ھەزىمدە تەستە ھەزىم بولىدۇ.



ياخشى گۆشنى تونۇش: قوي، ئۆچكە ۋە كالىنىڭ گۆشى ئاچ قىزىل ۋە سۈزۈك بولۇشى كېرەك. گۆشنىڭ يۈزىدە سىمابقا ئوخشاش لىغىرلاپ تۇرىدىغان نىپىز پەردىسى بولسا ياخشى گۆش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر گۆشنىڭ رەڭگى قانغا ئوخشاش قىزىل ياكى كۆكۈچ بولسا ناچار ھېسابلىنىدۇ. رەڭگى سېرىغ ۋە قارىداپ قالغان گۆش بۇزۇلغان گۆش ھېسابلىنىدۇ.  گۆشلەرنى ۋاقتىدا ئىستىمال قىلىش، ساقلاشقا توغرا كەلسە ھەمىشە تۇزلۇق ساندۇقلاردا ياكى توڭلاتقۇدا ساقلاش، توپا – چاڭ ۋە چىۋىنلەر ، ھاشاراتلارنىڭ قونۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كونىرىغان گۆشلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بۇۋاسىر ، گال ئاغرىقى، ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى قوزغايدۇ. گۆشلەرنىڭ پاكىز ساقلىنىشى ناھايىتى مۇھىم. چىۋىن قونغان، ھەرە چاپلىشىۋالغان، چاڭ-توزان قونغان، قان ، تېزەكلەر يۇقۇپ قالغان ۋە باشقا جەھەتتە بۇزۇلۇپ قالغان گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق گۆشلەر ئىستىمال قىلىنسا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ كونا گۆش ئىنتايىن زىيانلىق. 20 سىلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىقلىقتا سەككىز سائەت تۇرغان گۆش بۇزۇلىدۇ. سىل كېسەللىكى بار ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستىقمال قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا ھايۋانلارنىڭ كېسىلى ئادەملەرگە يۇقۇپ قالىدۇ.

ھاياتلىق دەستۇرى.

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:44:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاختەك گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:29:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن پاختەكنى تۇتسا قۇلى  تتىرەيدىغان بوپ قالارمىش

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:12:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:29 دە يوللىغان
لىكىن پاختەكنى تۇتسا قۇلى  تتىرەيدىغان بوپ قالارمىش

مىش دىگەن گەپكە ئىشەنگىلى بولمايمىش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوي گۆشىدىن باشقىسى بىلە پەقەتلا خوشۇم يوق. كالا گۆشىنى يىسەم چىشىم ئىككى كۈن ئاغرىيدۇ.
كىچىك ۋاقتىمدا قىش كىرسىلا ئاكام قۇرالىنى ئېسىپ پاختەك بىلەن قۇشقاچ ئاتقىلى ماڭسا مەن ئاتقان نەرسىلەرنى تەرگىلى كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغان پاختەكتىن بىرەر يۈزنى تەرگەندىمەن. قولۇم شۇنداق ياخشى شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ مىش-مىش گەپنىڭ ئاساسى يوقتەك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:29 دە يوللىغان
لىكىن پاختەكنى تۇتسا قۇلى  تتىرەيدىغان بوپ قالارمىش

ھۆپۈپنى تۇتسا دەڭ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 01:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم~~~ مەن ئادەتتە قوي، كالا، توخۇ گۆشلىرىنى ياقتۇرۇپ يەيمەن، بىراق بېلىقنىڭ قىلتىرىقىدىن قورقۇپلا بېلىق گۆشى يىمەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 06:52 , Processed in 0.053987 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش