يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 7

كۆز ئاسراشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن - بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    كۆز چارچىغاندىن كېيىن ئىككى كۆزنى بوش يۇمۇپ ، قىزىتىلغان ئىككى قولنى كۆزگە يېقىپ بېرىش، قول بارماقلىرىنى پىشانىگە قارىتىپ ئالقاننى مەڭىز سۆڭىكىنىڭ ئۆستىگە قويۇش، ھەر قېتىمدا بەش مىنوت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىلىش لازىم. يەنە كۆز ئالمىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: دېرىزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا قاراپ بەرسە، بۇنىڭدا دېرىزىنىڭ سول ئۈستۈنكى بۇلۇڭىدىن سول ئاستىڭقى بۇلۇڭىغا، سول ئاستىنقى بۇلۇڭىدىن ئوڭ ئاستىنقى بۇلۇڭىغا، ئوڭ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىن ئۇڭ ئۈستۈنكى بۇلۇڭىغا قاراپ كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۈرۈش، دېرىزىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىغا كەلگەندە كۆزنى بىرقانچە قېتىم چىمىلدىتىش، بۇ خىل قاراش ھەركىتىنى ئۇدا بەش قېتىم تەكرارلاش، ئاندىن ئىككى كۆزنى يۇمۇپ بىر قانچە سىكونت ئارام ئالدۇۇرش، بۇ ھەركەتنى تەتۈر يۆلىنىش بويىچە تەكرارلاش لازىم.
    كۆزنى دائىم چىمىلدىتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆزنى يېقىن ئارىلىقتىكى بىر نىشانغا ئۇزۇن ۋاقىت يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن، كۆزنى كۆپرەك چىمچىقلىتىپ بېرىش ياكى كۆزنى يۇمۇپ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش، ئىككى كۆزنى ئەركىن ھاللەتتە تۇرغۇزۇش لازىم. كۆزنى چىمچىقلىتىشمۇ بىر خىل ئۇۋۇلاش بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىلەتكىلى، شۇنىڭدەك يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش– داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر. مەسىلەن: تەركىبىدە كاروتىن كۆپرەك بولغان كالا سۈتى، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، خاسىڭ، سەۋزە، شوخلا، كۆممىقۇناق، كاۋا، يېشىل رەڭلىك كۆكتات قاتارلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆز نۇرىنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلار قۇياش قالپىقى كىيىۋېلىشى ۋە قۇياش كۆزەينىكى تاقىۋېلىشى لازىم.  
   ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىششىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۈزنى يۇيىدىغان چاغدا، لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بوشراق سىقىۋەتكەندىن كېيىن ، دەرھال قاتلاپ پىشانىگە ۋە ئىككى كۆزگە يېپىپ، باشنى سەل ئۈستىگە قارىتىپ، كۆزنى بوشراق يۇمۇپ ، تەخمىنەن بىر مىنوتتىن ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇش ، لۆڭگە سوۋۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا قىزىق سۇغا چىلاپ، يۇقىرىقى ھەركەتنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش لازىم . بۇنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۇتىنى ئاسرىغىلى، كۆرۈش قۇۋۇتى ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 17:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ كۆزۈمنى تەكشۈرتۈپ كەلگەندىن بېرى بەكلا ئاسرايمەن.
مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بىلىمكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە !
كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى يەنى غۇۋا كۆرۈش ، كۆز قىزىرىش ، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋاملىق تەكشۇرتۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . يىلدا بىر قېتىم ئوموميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزنى ئاسراشتىكە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، تورغا ئاز چىقىش

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى بۇ تىمىنى كۆرمىسەم  بولمايدىغان يەرگە كىلىپ  قالغان ،رەھمەت

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:38 دە يوللىغان
كۆزنى ئاسراشتىكە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، تورغا ئاز چىقىش

چىقماي چىدىغىلى بولامتىكى

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:44:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:04 دە يوللىغان

چىقماي چىدىغىلى بولامتىكى
شۇنى دەڭە، تويدا ئولتۇرساقمۇ كاللىمىزدا يەتتە قىزدىكى تېمىلار قانداق بولغاندۇ دەپ ئولتۇردىغان تۇرساق

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغدا ئاياللار تېلۋوزۇردا كوڭجۇ، يۇنجۇ دەپ ئولتۇرغان يېرىدىن تاكسىلىق قايتاتىكەن ئۆيلىرىگە، ماۋۇ مەرۋەرى تورنى دەپ ئايرۇپىلانلىق قايتامدۇ نىمە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:43 , Processed in 0.074854 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش