يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1536|ئىنكاس: 3

ئەرنىڭ ئىپپىتى نىمە ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 23:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نىمە؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !
ئاللا ھەممىڭلارنىڭ قەلبىڭلارنى سەگەك ، ئەقىل كۈزۈڭلارنى روشەن قىلسۇن !!! مەن ئانا تىل ۋە ئانا تىلغا ئوخشاش مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا تور بەتلەرنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدىن << ئىپپەت >> دېگەن ئاتالغۇنى ۋە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدىكى كەسكىن بەس - مۇنازىرىنى كۆردۈم . مەن بۇ مۇنازىرىلەرگە بەزىدە ئاكتىپ قاتناشتىم . بەزىدە ، كۆرۈپ قويۇپلا بولدى قىلدىم . " ئىپپەت " دېگەن بۇ ئاتالغۇ قارىماققا تىلىمىزدىن ناھايىتى ئوڭايلا چىققان بىلەن ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ۋەزنىگە ، ئۇنىڭ تېرەن مەنىسىگە يىتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس . ئۇنداقتا " ئىپپەت " دىگەن زادى نىمە ؟! ... ئۇ نىمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ؟! ... بۇ توغرىلىق ئۈزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دىگەن ئۈمىدتە بۇ ئەرزىمەس ماقالىنى يازدىم .
ئەلۋەتتە , ياراتقۇچى بۈيۈك زات ئاللاھلا نۇقسانسىزدۇر . بەندىلەرنىڭ مۇكەممەل بولمىقى مۈشكۈلدۇر . شۇ سەۋەبلىك يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن . تورداشلارنىڭ تەنقىدى نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن . ئىپپەت دىگەن نىمە ؟! ... مېنىڭ قارىشىمچە ئىپپەت -- پاكلىق ، گۈزەللىك ، غۇرۇر ۋە بىر پۈتۈنلۈكنىڭ يىغىنچاقلاشقان ئاتالغۇسى . دىمەك ، ئىپپەت ئاتالغۇسى بارچە شەيئىلەرگە ماس كىلىدۇ . مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم ئىنسان ئىپپىتى بولغاچقا ، قۇرۇق سۆزۈمنى قۇيۇپ مۇشۇ ھەقتىلا سۆزلەي . ئاياللىق ئىپپەت -- مەزكۇر ئايالنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئېرىگە ساقلايدىغان ئىپپىتى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ! (1) جەمئىيەتكە نىسبەتەن ; ياتلىق بولغانغا قەدەر ئۆزىنى نامەھرەمدىن ۋە ناشايان قىلمىشلاردىن پاك تۇتۇش . ئەخلاقلىق ، ( ئەلۋەتتە ، ئسلامى ئەخلاق كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) غايىلىك ، بىلىملىك ، مۇلايىم بۇلۇش ئاياللىق ئىپپەتنىڭ دەسلەپكى نىسبەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر . (2) تىلىنى غەيۋەتتىن ، تەنە - خۇسۇمەتتىن ساقلاش . كىشىلەرنى ئۆچەكەشتۈرۈش مەقسىتىدە سۆز - چۆچەك قىلماسلىق . (3) ئەرگە نىسبەتەن ; ياتلىق بولغاندىن كىيىن ، ئەرنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىنى ( يەنى ، ئامانەتنى ) مۇكەممەل ساقلاش ۋە تاپشۇرۇش . ئاياللىق بۇرچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئادا قىلىش . پەرزەنتلەرنى بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ، دۇرۇس ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش . مانا بۇلار ئاياللارنىڭ ئۈستىدىكى -- ئىپپەت -- مەجبۇرىيەتلىرىدۇر .

ئەرلەرنىڭ ئىپپەت مەجبۇرىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ، كۆپ قاتلاملىققا ئىگە بۇلۇپ ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن . ئاتا - ئانىنىڭ ۋە ئەھلى ئايال - پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدىكى بالىلىق ، ئەرلىك ھەم ئاتىلىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلغاندىن سىرت ، ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى قوغداش، دىنىنىڭ بۈيۈكلىكى ۋە پۈتۈنلىكىنى جېنىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ قوغداش . مانا بۇلار ئەر كىشىنىڭ ئىپپىتىدۇر .
== ھېكايەت == ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيادا موسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۇيغۇر ئالىمى ياشىغان بۇلۇپ ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ . بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ، قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم - دەرەم بىلەن بۇ كىشىنى كۈتۈۋاپتۇ . بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي - ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كېتىپتۇ . بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ ... بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ << ئۇھ ... !!! >> دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ . شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى - سۆھبەتلەردە بولارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىقى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلارغا : -- كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بىرى ھەر قايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار ... بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ تار نەزەرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم . كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى ، سانى بۇخارا ئاتالغان ( يەنى ، ئىككىنچى بۇخارا ) ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى . بىلمىدىم ، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بىرىشەرلىمىكىن ؟! ... -- دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ كاتتىلاردىن . كاتتىلار بولسا : -- ۋاي ، بولىدۇ ... قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن !!! ... -- دېيىشىپ ، موسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ . موسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا ، قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل ، ئاجىز ... نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز ، رۇس ، شىۋىت ... يەنە ئامبال ، لويى ، دوتەي ، تەيتەي ... دىگەن نىمىلەر ناھايىتى كۆرەڭ ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك . ھەتتا , بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نىمىلەرمۇ مۈشۈكنى ئالدىدىكى ساچقاندەك لاغ - لاغ تىترەپ تۇرغىدەك . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .ئۇلار ئايلىنا - ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ . بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن ، ھېلىقى << كاتتىلار >> : -- يا تەقسىر ، بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا ! -- دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ . ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشنى توسىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ : -- نىمە سەۋەبتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ؟! ... -- دەپ سوراپتۇ . << كاتتىلار >> : -- بۇ كوچىغا پاھىشەخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار ، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان . بۇ يەر سىلى - بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس . شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىكلىرى تۈزۈك دەپ توسۇپتۇ . ئالىم بولسا گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن << كاتتىلار>> مۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ . ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشىخانا ، ئەپيۇنخانا ، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەنىكەن . ( ئەلۋەتتە ، بۇ يەردىكى پاھىشىخانا ، ئەپيۇنخانا ۋە قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار ئىكەن . )بىچارە ئۇيغۇر قىز - جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ ، كۆزلىرىگە يىغا ئولىشىپ كېتىپتۇ . ئۇ بىر چەتتە ، چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ . << كاتتىلار >> نىمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا ، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ : -- ئى بىچارە قىزىم . نىمە سەۋەبتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز ؟! ... -- دەپ سوراپتۇ . مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ . -- مەن *** يېزىسىدىكى *** دىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى قىزى *** بولىمەن . مەن 14 ياشقا كىرگەن كۈنى ئانام سىل كېسىلى بىلەن قازا قىلدى . بىز چۈإچۈرىدەك تۆت بالا قاراپ تۇرۇپ يېتىم قالدۇق . دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا ، ھەم ئانا بۇلۇپ ، ھەم ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى . ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلىپ ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ . بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى . دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا ، يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك ھېسابىدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى . بىز دادىمىزنى مىڭبىر - مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق . ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تېۋىپقا كۆرسەتتۇق . داداممۇ ئاخىرى نىمجان بۇلۇپ ساقايدى . ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دىدىلىما ؟! ... ئۇرۇق - تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيدىلا ؟! ... يۇرت كاتتىلىرى ؟!!! ھىھ ! ... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇلۇۋاتمامدۇ ؟! ... دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى . ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولدى . ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بىر بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ يۈرۈپ جاڭگالدا ئىز - تىزى يوق يوقاپ كەتتى . ئون - يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۆلۈكىنى بىر توختام سۇنىڭ بۇيىدىن تېپىپ ئەپكېلىپ بەردى . يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇنى ئۇقمايمەن . جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام مەھەللىدىكىلەر مېنى تىللاپ پاتقۇزمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن . -- دەپتۇ ئېسەدەپ يىغلىغانچە . ئالىم بولسا كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سوراپتۇ : -- ئى ناتىۋان قىزىم ، سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز ؟! -- دەپ سوراپتۇ . جۇۋان : -- بەزىدە سالالايمەن . بەزىدە سالالمايمەن . -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئالىم : -- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ . -- دەپتۇ . ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان << كاتتىلار >> غۇلغۇلا قىلىشىپ : -- يا تەقسىر ! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ , ئارقىدىن غۇسلى - تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يىزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتابتا بار ؟! ... ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ ؟!!! -- دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا . -- ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ، ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇلبالا ئەركەك ھېسابلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ . -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم بۇلارنىڭ شۇنچىۋالا غەرەز ئۇقمايدىغان ھاماقەتلىكىگە ئېچىنىپ . -- نىمە سەۋەبتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇنىڭ گۇناھى ؟! ... -- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئاللا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت << ئاتا >> لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى . سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىقى قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىن ئەلۋەتتە سىلىگە يۈكلىنىدۇ . ... سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەريۇ ، ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى جالاپ خوتۇن دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر ؟! ... شۇنى بىلشىڭلار كېرەككى ، ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلار مەجبۇرىيىتى ئەمەس ، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى ... بەلكىم ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر . ناھايىتى ئەپسۇس ،  سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن . مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياغى بەزمە - زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار . زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر - بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار ... تەييارلانغان نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى . دەسلەپتە ئەل - يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن . خەلق نامرات ، ئاچ - يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ . ئىلاجسىز ئۈلۈۋېلىشقا ، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ . سىلەر بولسا سېسىق كېكىرىپ يۈرۇيسىلەر . ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ . بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ . تائىپىلەر بولسا خۇددى تۇغما مۇشۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرىدەك خەلقنىڭ شىللىسىگە دەسسەپ يۈرۈپتۇ . مانا بۇ خورلۇق ئەمەسما ؟!!! ... خىيال قىلىپ بېقىڭلار ... سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن ؟! ... سىلەر مۇشۇنداق غۇرۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا ، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان . شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە . كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ !!! ... قەدىرلىك تورداشلار ... ھېكايەت مۇشۇ يەردە تۈگىدى . سوغۇققانلىق بىلەن راۋۇرۇس ئويلاپ باقايلى . << ئىپپەت >> دىگەن زادى نىمە ؟! ... ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم ؟! ... بۇنىڭ جاۋابى ھەركىمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئايدىڭ .   

مەنبە ؛ بىلقۇت تورى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يىللىرى بىر مەزگىل مۇنبەرلەردە خانىم-قىزلىرىمىزنى ئىپپىتىنى ساقلىمىدى دەپ تازا تىللاپ قاخشىدۇقيۇ مانا مۇشۇ ھېكايەتتىكىدەك ئەرلىرىمىزدىمۇ ئىپپەت بارمۇ؟ ئەرلەر ئىپپىتىنى ساقلىيالىدىمۇ يوق؟ دېگەن سوئالنى ھېچقايسى ئەركەك قويۇپ باقمىدى. ئىپپەت ئاياللارغىلا خاس ئۇقۇم ئەمەس، ئەرلەرمۇ ھەم ئىپپىتىنى ساقلىماق زۈرۈر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
88 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
571

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلا بولىدىكەن ، ئەر ئايال دىمەي ھەممىسى دىققەت قىلىشى كىرەك .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 20:11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئەرلەر ئاياللارنىڭ تۈۋرىكى ۋە باشپاناھى ئۇلار مەيلى ئاياللىرىغا بولسۇن ياكى ئاچا-سىڭىللىرىغا بولسۇن ۋەياكى قىز قىرىنداشلىرىغا بولسۇن تۈگىمەس مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىسى بار شۇندىلا قىزلارمۇ ئۆز ئەتراپىدىكى ئەرلەردىن قورۇنۇش ھىس قىلىدىغان ئۇلاردىن چۈچىيدىغان بولىدۇ ئەمما ھازىر جەمئىيىتىمىزنى ئىلىپ ئىيتىدىغان بولساق بىرەر قىز ئازىراقلا ئاشۇرۇپ كىيىپ قويسا ئىسقارتىپ لاۋزا پاراڭلارغا چۆكتىرۋىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم قىزلار مۇشۇ بىزنىڭ جەلىپكارلىقمىز ئوخشايدۇ دەپ تىخىمۇ ئاشۇرۇپ كىيىدۇ ...شۇنىڭ قارشىسىغا بولغاندا ئوغۇللار ئاكىلار ئاتىلار شۇ قىزلارنى كاچاتلاپ جەمئىيەت ئۇلارنى نەق مەيداندا تەنقىتلەپ تۇرغىنىدا ھازىرقىدەك ئەدەپ كىيىم كىيىدىغانلار چىقماس ئىدى دەيمەن ......بۇلارغۇ شەخسى پىكىرىم لىكىن ئۈمۈدۈم قىزلار بولۇپمۇ مۇنبەرنىڭ قىزلىرى ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ تۈزەتسەك.........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:20 , Processed in 0.050230 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش